بالىلار زۇكامداپ قالغاندا باكتېرىيەگە قارشى دورا ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-05
ئاۋاتلىقى: 914 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىلار ۋىرۇسلۇق زۇكامغا گىرىپتار بولغاندا، باكتېرىيەگە قارشى دورا ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، پەقەت پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇپ، ئىسسق چاينى كۆپ ئىچكۈزۈپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالاندۇرغاندا، ناھايىتى ئاسانلا ساقىيىپ كېتىدۇ. زۇكامنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى ۋىرۇستۇر. ۋىرۇسلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاسانلا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ؛ ئادەتتە بالىلاردا زۇكامغا قارشى ئىممۇنىتېت بولمايدۇ. شۇڭا، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بالىلارنىڭ تەكرار زۇكام بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلارغا كۈز پەسلىدىن كېيىنلا (9~10 ئاي مەزگىللىرى) تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ۋاكسىنا ئەملىتىش لازىم. ئەگەر زۇكامغا يەنە باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلسە، مەسىلەن: يىرىڭلىق بادامسىمانبەز ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى ياكى ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار، كېسەللىك ئەھۋالى دائىم ئېغىر بولۇپ، قاتتىق قىزىپ،قىزىتمىسى يانمايدۇ، نەپسى تېزلىشىدۇ، يېرىڭلىق بەلغەم تۈكۈرىدۇ ھەمدە يۆتىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم.