دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قايسى خىلدىكى تېرە كېسەللىكلىرىگە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ؟

قايسى خىلدىكى تېرە كېسەللىكلىرىگە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 1063 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قايسى خىلدىكى تېرە كېسەللىكلىرىگە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ؟
ئەگەر تېرىنىڭ يۈزەكى قەۋىتى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانسا بەدەننىڭ سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تېرە بەدەننىڭ ئەڭ سىرىتقى قىسمىغا جايلاشقان، ئادەم بەدىنىدىكى  ئەڭ چوڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تاشقى دۇنيادىكى ھەر خىل غىدىقلاشقا ئوڭاي ئۇچرايدۇ. تۇرمۇشتا ياكى كلىنىكىدا بولسۇن تېرە كېسىلى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.  بۇنىڭ ئىچىدە، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدىن بولغان تېرە كېسىلى كۆپ ئۇچرايدۇ؛ باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغاندا، مەسىلەن: يىرىڭ قاپارتقۇلۇق دانىخورەك (سېرىق سۇلۇق دانىخورەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ياكى قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغاندا، مەسىلەن:ئاددىي قاپارتمىنى ئاددىي قاپارتمىلىق ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغاندا، مەسىلەن:  قول تەمرەتكىسى، پۇت تەمرەتكىسى، ئادەتتە نەم ۋە ئىسسق ھاۋادا ناھايىتى كۆپ پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پارازىت قۇرتتىن قىچىشقاق ساقاتقىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېگىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق تېرە كېسىلىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇڭلاشقا ئوخشىمىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا ماس كېلىدىغان باكتېرىيىگە، ۋىرۇسقا، زەمبۇرۇغقا ۋە پارازىت قۇرتقا قارشى تۇردىغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. ئادەتتە كۆپلىگەن تېرە كېسەللىكلىرىگە، يەنى يۈزەكى قەۋەتتىكى تېرە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغاندا، بەدەننىڭ سىرتقى قىسمىغا ئىشلىتىدىغان دورىلار ئالدىن تاللاش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى