تېرە يۇقۇملانغاندا سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە قايسى خىل داۋالاش تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-02
ئاۋاتلىقى: 924 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تېرە يۇقۇملانغاندا سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە قايسى خىل داۋالاش تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ؟
يۈزەكى قەۋەتتىكى قىسمەن تىرە يىرىڭلىق يۇقۇملانغاندا، مەسىلەن: يىرىڭلىق قاپارتما كېسىلى (سېرىق سۇلۇق دانىخورەك) ، تۈك خالتىسى ياللۇغى، تېرە تاشقى زەخمىسىدىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشلارغا بەدەننىڭ سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇملىنىش دائىرىسى كەڭرەك بولسا، مەسىلەن: كۆپ ئورۇندا پەيدا بولدىغان يىرىڭلىق دانىخورەك، كۆپ يۈز بېرىشچان تۈك خالتىسى ياللۇغى قاتارلىقلار ياكى تېرىنىڭ يۇقۇملانغان ئورنى چوڭقۇرراق بولسا، مەسىلەن: چىيقان، تىلما (丹毒) قاتارلىقلارغا بەدەننىڭ سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن باشقا، دوختۇرنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا ئىچىلىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش ھەمدە قوشۇمچە فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم، مەسىلەن: ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى كېسەللەنگەن ئورۇنغا چۈشۈرۈش قاتارلىقلار. ئەگەر ئەگەر قىزىرىپ ئىششىش كۆرۈنەرلىك بولسا، ئاغرىق ياكى قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، داۋالىنىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويماسلىق لازىم.