باكتېرىيىگە قارشى دورىلار قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 862 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
⑴ β-لاكتام تۈرىدىكى (内酰胺类-β) لەر:
پېنىتسىللىن تۈرىدىكى، سېفالوسپورىن تۈرىدىكى،β-لاكتام ئېنىزىمىنى تورمۇزلىغۇچى تۈرىدىكى (内酰胺酶抑制剂-β) ، ئوكساتسىفېم تۈرىدىكى (氧头孢类) ، تىئامفېنىكول (甲风霉素) تۈرىدىكىلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
⑵ ئامىنو گىلۇكوزىد تۈرىدىكى دورىلار:
سترېپتومىتسىن، گېنتامىتسىن، كانامىتسىن (卡那霉素) ، ئامىكاسىن (阿米卡星) ، لىكاسىن (丁胺卡那) قاتارلىقلار.
⑶ تېتراتسىكىلىن تۈرىدىكى دورىلار.
⑷ خلورومىتسېتىن تۈرىدىكى دورىلار.
⑸ ماكرولىد تۈرىدىكى دورىلار (大环内酯类) : ئېرىترومىتسىن، ئېرىترومىتسىن ئېستولات (依托红霉素) ، روكسترومىتسىن (罗红霉素) ، كىلارىترومىتسىن (克拉霉素) ، جوسامىتسىن (交沙霉素) ، ئازىترومىتسىن (阿奇霉素).
⑹ لىكومىتسىن تۈرىدىكلەر (林可霉素累): مەسىلەن: كلىندامىتسىن (克林霉素) قاتارلىقلار.
⑺ باشقىلار، مەسىلەن: نورۋانكومىتسىن (去甲万古霉素)، فوسفومىتسىن (磷霉素) ، پولىمىكسىن (多粘菌素).
⑻ زەمبۇرۇغقا قارشى ئانتىبىئوتىك دورىلار.
⑼ ئۆسمىگە قارشى ئانتىبىئوتىك دورىلار.
⑽ ئىممۇنىتېت رولىغا ئىگە ئانتىبىئوتىك دورىلار، مەسىلەن: سىكلوسپورىن.