سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلار كىلىنىكىدا قانداق تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-27
ئاۋاتلىقى: 846 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سۇلفانىلامىد (磺胺) تۈرىدىكى دورىلار قىسقا، ئوتتۇرا ھال، ئۇزۇن ئۈنۈملۈك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قىسقا ئۈنۈملۈك دورىدىن: سۇلفافۇرازول(磺胺异恶唑) ، ئۇزۇن ئۈنۈملۈك دورىدىن: ئۇزۇن ئۈنۈملۈك سۇلفانىلامىد بار، ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ. ئوتتۇرا ھال تۈرىدىكىلەردىن سۇلفادىئازىن (磺胺咪唑) ، SMZCo (磺胺甲基异恶唑) ، ھازىر بۇ دورىلار يەنىلا ئىشلىتىلىدۇ.
تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارغا سۇلفازىئازىن (SD) ئالدىن تاللىنىدۇ، نەپەس يولى يۇقۇملانغانلارغا سۇلفادىئازىن ياكى مۇرەككەپ سۇلفامېتوكسازول ئىشلىتىلىدۇ.
سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغانلارغا ئىلگىرى SG(磺胺眯) ، ۋە PST(酞磺胺唑) ئىشلىتىلەتتى. بىراق دورىغا چىدامچان باكتېرىيە توپىنىڭ پەيدا بولۇشى تۈپەيلى، ھازىر ئالدىن تاللاش ئوبيېكتى قىلىنمايدۇ.
كېزىك، پاراتىفقا مۇرەككەپ سۇلفامىتوكسازول (复方新诺明) ئالدىن تاللىنىدۇ.
كۆيۈپ زەخىملىنىشتىن بولغان يۇقۇملىنىش بىلەن يىرىڭلىق جاراھەت ئېغىزىغا، يەنى يەرلىك ئورۇنغا SDAG(磺胺嘧啶银) ئىشلىتىلىدۇ.
تراخوما، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى بولغاندا، كۆزگە تېمىتىلىدىغان %30~%10 لىك ناترىي سۇلفاسېتامىد (磺胺醋酰钠) ئىشلىتىلىدۇ.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.