ترىمېتوپرىن قانداق دورا؟ ئۇ قايسى دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-20
ئاۋاتلىقى: 871 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ترىمېتوپرىن قانداق دورا؟ ئۇ قايسى دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ؟
ترىمېتوپرىن (甲氧苄氨嘧啶,TMP) نى 20- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا دۆلىتىمىز ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، ئىلگىرى « باكتېرىيەگە قارشى ئۈنۈم ئاشۇرغۇچى» ، دەپ ئاتىلاتتى.
بۇ دورىنى سۇلفانلامىد تۈرىدىكى دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، باكتېرىيەنىڭ ئۆسۈشىگە لازىملىق بولغان تېتراھىدروفولىك كىسلاتا (四氢叶酸) نىڭ بىرىكىشىگە قارىتا قوش ئۈنۈملۈك تورمۇزلاش ياكى ئۈزۈپ تاشلاش رولىنى ئويناپ، سۇلفانلامىد تۈرىدىكى دورىلارنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە باكتېرىيەنىڭ سۇلفانلامىد تۈرىدىكى دورىلارغا چىدامچان بولۇشىنى توسايدۇ. مەسىلەن:
(SMZCo)0.4g+TMP(甲氧苄嘧)0.08g
يۇقىرىقى بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇرەككەپ سۇلفامېتوكسازول دەپ ئاتىلىدۇ.
(TMP)0.05g SD(磺胺嘧啶)0.4g+
يۇقىرىقى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلغان سۇلفانلامىد تابلېتكىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.