دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلار دېگەن نېمە؟

قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلار دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 1164 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلار دېگەن نېمە؟ قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ؟
مەركەز تۈرىدىكى دورىلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان قىزىتمىنى ياندۇرۇش، ئاغرىقنى پەسەيتىش شۇنداقلا كۆپىنچىسى ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە رېماتىزىمغا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بىر تۈرلۈك دورا بولۇپ، بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ خىمىيەلىك تۈزۈلۈشى ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش رولى ئادرېنالىن بىلەن ئوخشىمىغاچقا، ئىستېروئىد ئەمەس ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دورىلار خىمىيەلىك تۈزۈلۈشىگە قاراپ تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
⑴ سالىتسىلىك كىسلاتا تۈرىدىكىلەر: ئاسپىرىن، كارباسالات (卡巴匹林) ؛
⑵ ئانىلىن تۈرىدىكىلەر: فېناسېتىن (非那西汀) ، پاراسېتامول (对乙酰氨基酚) ؛
⑶ پىرازولون تۈرىدىكىلەر (吡唑啉酮) : بوتازولىن (保泰松) ، ئامىنافېنازون (氨基比林) ؛
⑷ سىركە كىسلاتا تۈرىدىكىلەر: ئىندومېتاتسىن (吲哚美辛)، كېرولولاك (酮咯酸) ؛
⑸ پىروپىئونىك كىسلاتا تۈرىدىكىلەر: ئىبۇپروفېن (布洛芬)، ناپروكسېن (萘普生) ؛
⑹ فېنامىك كىسلاتا تۈرىدىكىلەر (灭酸类): مېفېنامىك كىسلاتاسى (甲芬那酸)، خلوفېناسىك كىسلاتاسى (氯芬那酸)؛
⑺ ئېنول كىسلاتا تۈرىدىكىلەر: پرىئوكسسام (吡罗昔康)؛
⑻ نافتويىل ئىشقارلىق كېتون (萘酰碱酮类) تۈرىدىكىلەر: نابۇمېتون (萘丁美酮) ؛
⑼ كوكسىب تۈرىدىكىلەر (昔布类) : روفېكوكسىب (罗非昔布)، سېلېكوكسىب (塞米昔布) ؛
مەزكۇر (NSAIDs) تۈرىدىكى دورىلار تەرەققىييات ئەھۋالىغا قاراپ ئۈچ ئەۋلادقا بۆلۈنىدۇ:
1-ئەۋلاد ياللۇغ قايتۇرغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار: ئاسپىرىن، بوتازولىن، ئامىنافېنازون قاتارلىقلار.
2-ئەۋلاد ياللۇغ قايتۇرغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار: فېنامىك كىسلاتا تۈرىدىكىلەر، ئېنول كىسلاتا تۈرىدىكىلەر قاتارلىقلار. 
3-ئەۋلاد ياللۇغ قايتۇرغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار: خاس COX-2  تورمۇزلىغۇچى دورا سېلېكوكسىب (西乐葆) 1982-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا FDA نىڭ تەستىقى بىلەن بازارغا سېلىنغان. رۇكېكوسكىب 1995- يىلى FDA نىڭ تەستىقى بىلەن بازارغا سېلىنغان. 2004-يىلى 9-ئايدا مەزكۇر دورىنىڭ ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلغانلىقى جاكارلانغان.

مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى