دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
ساۋاتلار - دىكى يازمىلار
  • قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

    ۋاقتى: 2015-10-24 ئاۋاتلىقى: 2111 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات ئاپتورى: بىلگەجان قان ناھايتى مۇھىم بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇپ، ئاساسلىق رولى ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملارغا يەتكۈزۈش ۋە بەدەننى ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
    قان تۆرەلمە يېتىلىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يىلىك ئىشلىگۈچى غول ھۆجەيرىلەردىن ئىندۇكسىيەلىنىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن خىلى بۇرۇنلا قانغا بىر ئۆمۈر مۇھتاج بولۇشىمىز باشلانغان بولىدۇ، قان بولمىسا بىز تۇغۇلمايمىز ۋە ھايات قالالمايمىز. بىز ئىسپىرما ھۆجەيرىسىنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ئۇرۇقلاندۇرۇشى بىلەن شەكىللىنىشكە باشلايمىز ۋە ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يىتىلىش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر بىزنى تۆرەلمە دەپ ئاتايدۇ. ب...
  • جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلارغا باكتېرىيىگە قارشى دورىلار قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1745 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا، جىگەرنىڭ دورىنىڭ زەھەرچانلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولى ئاجىزلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ بەدەندىن چىقىرىلىشى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ،شۇڭا، دورا ئىشلەتكەندە ئېھتىياتچان بولۇش ھەمدە مىقدارىنى ئازايتىپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش لازىم. بۇ خىلدىكى دورىلار ئاساسلىقى لىنكومىتسىن (林可霉素)، سپرامىتسىن (螺旋霉素)، كىلىندامىتسىن (克林霉素)، روكسىترومىكسىن (罗红霉素)، مىدېكامىتسىن (麦迪霉素)، ئازىترومىتسىن (阿奇霉素) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ دورىلارنىڭ ئاساسلىقى ئۆت سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. شۇڭا، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى دورىنىڭ قويۇقلۇقىمۇ يۇقىرىراق بولىدۇ. مەلۇم مىقداردىكى دورا جىگەردە مېتابولىزمغا قاتنىشىپ زەھەرسىزلەندۈرۈلىدۇ. ئاز مىقداردىكىسى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلار ئىشلىتىشكە بولمايدىغان دورىلار: خلورومىتسىن (氯霉素)...
  • بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1662 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ ئوخشىمىغان دورىلارنىڭ ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى ۋە مىقدارى ئارىسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ.  دورىلارنىڭ ئانا سۈتىدىكى مىقدارى كۆپرەك بولىدىغانلىرىدىن ئېرىترومىتسىن، لىنكومىتسىن قاتارلىقلار بار. ئېرىترومىتسىن ۋېناغا تېمتىلغاندا ئۇنىڭ ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى قان زەردابىدىكى قويۇقلۇقىدىن 4~5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما پېنىتسىللىن G نى مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلغاندا ياكى ئۇنى ۋېنادىن تېمىتقاندا، ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى قان زەردابىدىكى قويۇقلۇقىنىڭ %20~%2 گە باراۋەر بولىدۇ. گەرچە باكتېرىيىگە قارشى بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئانا سۈتىدىكى قويۇقلۇقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بوۋاقنىڭ تېنىگە يېتىپ باردىغان مىقدارى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما بوۋاقتا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى ۋە دورىغا چىدامچانلىق باكتېرىيە توپىنى پەيدا...
  • رېتسېپسىز دورىلار قانداق ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭ بەلگىسى قانداق؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1432 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    دورىلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مەقسىتى كەڭ خەلق ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈندۇر. بىر قىسىم كىچىك جاراھەت ۋە يېنىك كېسەللىكلەرنى ئەتراپتىكى دورىخانىدىن دورا سېتىۋېلىپ، بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىزمەتتە رۇخسەت سوراشتىن ساقلانغىلى، ۋاقىتنى ،پۇلنى ۋە كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.  رېتسېپسىز دورىلارنىڭ ئىچىدىكى بىخەتەرلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بىر قىسىم دورىلار «ب» تۈرىگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى دورىلارنى دورا دۇككانلىرىدا سېتىشتىن سىرت، تاللا بازارلىرى، مىھمانخانا، تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى، تۇرمۇش بويۇملىرى دۇكىنى قاتارلىق ئورۇنلىرىدا سېتىشقا بولىدۇ؛ «ئا» تۈرىدىكى OTC نىڭ بەلگىسى يېشىل رەڭدە بولىدۇ.
    ...
  • قانداق كىشىلەردە دورىنىڭ ناچار تەسىرى ئاسان كۆرۈلىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1149 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئادەتتە ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلاردا، شۇنداقلا جىگەر،بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلار، نېرۋا سىستېمىسى ۋە يۈرەك ئىقتىدارى ناچارلار، نېرۋا سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلاردا ئاسانلا دورىنىڭ ناچار تەسىرى كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدار، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار بەزى دورىلارنى ئىچسە، ھامىلىگە ۋە ئېمىتىۋاتقان بوۋاققا يامان تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
    ...
  • دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 981 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    دورىنىڭ ساقلىنش مۇددىتى دېگىنىمىز، بەلگىلىك ساقلاش شارائىتىدا، دورىنىڭ سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋاقىت چېكىنى كۆرسىتىدۇ. دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنىڭ بەلگىلمىسى بولسا، دورىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغان كۈنى(مەھسۇلاتنىڭ تەستىق نومۇرى ھېساب قىلىندى) دىن باشلاپ ھسابلىنىىدۇ. ئىپادىلەش  ئۇسۇلى مۇنداق: ئۈنۈملۈك مۇددىتىXX يىلXX ئاي؛ مەسىلەن: مەلۇم بىر دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى 2003-يىلى 6-ئايغىچە بولسا ئۇنداقتا، بۇ دورا 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈنۈمسىز ھېسابلىندۇ. «دورا باشقۇرۇش قانۇنى» دا يەنە مۇنداق بەلگىلەنگەن: دورىنىڭ ئورالما قېپى ياكى چۈشەندۈرۈلۈشىدە ئوخشاشلا دورىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى ۋە ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئېنىق يېزلىشى كېرەك. ئىمپورت قىلىنغان دورىلاردىمۇ يۇقىرىقى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە، چوقۇم خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلىشى،   ئاۋامنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قۇلاي...
  • ئاسپىرىننىڭ قانداق ئەكس تەسىرلىرى بار؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1821 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 15

    بۇ دورىنىڭ تۆۋەندىكى ئەكس تەسىرلىرى بار ①ئاشقازان ئۈچەيدىكى ئەكس تەسىر، كۆپىنچە ئۈستى قورساق بىئارام بولۇش، ئىچى ئېلىشىپ قۇسۇش كۆرۈلىدۇ، بەزىدە ئۈستى قورساق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل دورا ئىشلەتسە يەنە ھەزىم قىلىش يولى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى جاراھەت كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن؛ ②زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسى، ئاز ئۇچرايدۇ، ئىپادىسى ئۇرتىكارىيە، زىققا(ئاسپىرىن زىققىسى دەپ ئاتىلىدۇ) ياكى قان تومۇر نېرۋا خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىقى؛ 

    ③زەھەرلىنىش ئەكس تەسىرى، ئۇزۇن مەزگىل، زىيادە كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئىپادىسى باش ئاغرىش، بېشى قىيىش، قۇلىقى غوڭۇلداش، چارچاپ جىددىيلىشىش، ئۇيقۇچانلىق، تەرلەش ھەتتا نېرۋىسى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار، ئېغىر بولغانلار كوللاپس، چۆچۈش ياكى ھوشسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ؛ ④قان ئۇيۇش تو...

  • دورىلىق خۇسۇسىيەتلىك زىققا كېسىلى دېگەن نېمە؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1315 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    زىققا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىچىدە، دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن كېلىپ چىققان زىققا كېسىلى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك دورىلىق خۇسۇسىيەتلىك زىققا كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. 
    بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن باشقا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كانايچە زىققا كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئەگەر قوزغىلىشچان دېمى سىقىلىش (نەپەس ئېلىش قىيىن بولۇش)، يۈرەك تىقىلىپ بىئارام بولۇش، بەزىدە كۆپ تەرلەش، بۇرۇن قانىتى سىلكىنىش، ئىككى مۈرە ۋە كۆكرەك قەپىزىنىڭ ھەرىكىتى چوڭىيىش، ئېغىر بولغانلىرىدا كالپۇكلىرى كۆكىرىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن كەملىكنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. 
    ...
  • ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان "دورا زىيىنى" قايسى ئىلمىي بولمىغان ئىدىيە ۋە ئىلمىي بولمىغان دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 969 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان "دورا زىيىنى" قايسى ئىلمىي بولمىغان ئىدىيە ۋە ئىلمىي بولمىغان دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ شۇنچە ئېغىر بولغان دورا زىيىنى قانداق كېلىپ چىققان؟ تۆۋەندىكى توغرا بولمىغان ئىدىيە ۋە ئۇسۇللارغا ئوبدان قاراڭ، ئاساس جەھەتتىن ئىلمىي بولمىغان "ئۆزۈم خان، ئۆزۈم بەگ"ئۇسۇللىرى، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق دوختۇرلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مەسلىھەتىنى ئاڭلىماي قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتۇر. 
    (1) دورا بىلەن كېسەل بىردەك بولماسلىق داۋاملىق خالىغانچە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئاساسلىقى ئانتىبىيوتىك دورىلار، مەسىلەن، ئادەتتىكى زۇكاملارغا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى خالىغانچە ئىشلىتىش، نەتىجىدە بۇ دورىلار پايدا قىلمايلا قالماستىن بەلكى يەنە ئانتىبىيوتىكنىڭ ئاشقازان ئۈچەيگە زىيان قىلىشى، بۆرەكنى زەھەرلەش، قان ئايلىنى...
  • نېمە ئۈچۈن سېفالوسپورىن ۋە پېنىتسىللىن تۈرىدىكىلەر باكتېرىيەگە قارشى دورىلار ھېسابلىنىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 950 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    نېمە ئۈچۈن سېفالوسپورىن ۋە پېنىتسىللىن تۈرىدىكىلەر باكتېرىيەگە قارشى دورىلار ھېسابلىنىدۇ؟ سېفالوسپورىن تۈرىدىكىلەر بىلەن پېنىتسىللىن تۈرىدىكىلەرنىڭ مۇلېكۇلا تۈزۈلۈشىدە ئوخشاشلا بىردىنβ-لاكتام ھالقىسى بار. شۇڭلاشقا،β-لاكتام تۈرىدىكى ئانتىبىيوتىك دورىلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ مۇشۇ تۈزۈلۈشى باكتېرىيەنىڭ ھۈجەيرە دىۋارىنىڭ بىرىكىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باكتېرىيەنى يوغىنىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدىكى باكتېرىيە ئۆلتۈرگۈچى دورا ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولى كۈچلۈك، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھەرچانلىقى ئاجىز، ئىككىلىسى ئوخشاشلا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، قىسىم ەن ھاللاردا گىرەلەشمە زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  داۋالاشتا نېمە ئۈچۈن سېفالاسپورىن تۈرىدىكى...
  • باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئچكەندە دورا ئىچىش ۋاقتىنى قانداق بەلگىلەش لازىم؟

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 916 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6
    ئىلگىرى «كۈندۈزى دورا ئىشلىتىپ، كېچىسى توختىتىش» لايىھەسى نۆۋەتتىكى باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنىڭ كۈندىلىك دورا ئىشلىتىش مىقدارى ئوتتۇرا ھېسان بىلەن 2~3 قېتىمدىن بولۇۋاتىدۇ. كۈنىگە ئىككى قېتىم بىرېلىدىغان دورا بولسا، سائەت 8:00 دە بىر قېتىم، 20:00 دە يەنە بىر قېتىم بېرىلسە بولىدۇ. كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن بېرىلدىغان دورىنى سائەت 6:00 دە، 14:00 دە ۋە 22:00 دە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر قىېتىمدىن دورا بېرىلسە بولىدۇ. ئادەتتە دورا دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنغان ئاساستا ئىشلىتىلسە چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ. 
    ...
  • قانداق ئەھۋالدا دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى ئاسان يۈز بېرىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 890 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكەن دورىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك. ستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىرلا ۋاقىتتا بەش خىل ئەتراپىدا دورا ئىشلەتكەندە، دورىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تەخمىنەن %3~%5 بولىدۇ.بىرلا ۋاقىتتا 10~20 خىل دورا ئىشلەتكۈچىلەردە بولسا %20 ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئورگانىزمنىڭ كومپېنساتسىيىلىك رولى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى قاتارلىقلار دورىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرلىشىش نىسبىىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا، جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلار، ياشانغانلار، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل دورا ئىشلىتىلسە، ھەممىسىدىلا دورىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرلىششى ئاسان يۈز بېرىدۇ.
    ...
  • رېتسېپسىز دورىلاردا ئېغىر دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرۈلەمدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 937 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6
    رېتسېپسىز دورا (OTC) نىڭ ئۆزىمۇ ئوخشاشلا دورا، ئەمما، ناچار تەسىرى ئازراق بولىدۇ. لېكىن، بۇ مۇتلەق بولمايدۇ. بەزى OTC  ئاز ساندىكى كىشىلەردە ئېغىر دەرىجىدىكى ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەزىدە، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، OTC نىمۇ دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىشلىتىش لازىم. بۇ خىل دورىنى بىخەتەر دەپلا مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكە، شۇنداقلا دورىنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىىشكە بولمايدۇ.
    ...
  • قايسى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە ھەزىم قىلىش يولى قاناش كېلىپ چىقىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 1185 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    (1) ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى ئاسپىرىن، مۇرەككەپ رېتسېپلىق APC، رېماتىزم دورىلىرى. مەسىلەن باۋ تەي سوڭ، شىياۋيەن توڭ، فېن بى دې. (2) قان ئۇيۇپ قېلىش ۋە رېماتىزمنى داۋالايدىغان جۇڭيى دورىلىرى، بولۇپمۇ بۇ خىل دورىلارنى ھاراققا چىلاپ ياكى ھاراق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ھەزىم قىلىش يولى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (3) قايتىدىن ئۇزاق مۇددەت ھورمۇنلۇق، راكقا قارشى تۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش....
  • دورىغا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 991 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يېنىك دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلار دەرھال دورىنى توختىتىشى كېرەك، خلورفېنىرامىن، دىفېنگىدرامىن، فېنېرگان قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ؛ ئەگەر زىيادە سېزىمچانلىق خاراكتېرلىك شوك يۈز بەرسە، ھەمىشە داۋالاش ئورۇنلىرىدا يۈز بېرىدۇ، مىنۇت سىكونتنى چىڭ تۇتۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش، دەرھال تېرە ئاستىغا 0.5 مىللىيگرام ئادرېنالىن سېلىش، شۇنداقلا ئوكسىگېن سۈمۈرگۈزۈش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك....
  • قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە نېمە ئۈچۈن ئىندومېتاتسىن تاللىنىلمايدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 1397 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە نېمە ئۈچۈن ئىندومېتاتسىن تاللىنىلمايدۇ؟ ئىندومېتاتسىننىڭ (消炎痛) كۆرۈنەرلىك ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە قىزىتما ياندۇرۇش رولى بار،  %50~%30 بىمارلاردا نورمال داۋالاش مىقدارىدا ئىشلەتكەندىن كېيىن، كۆڭۈل ئىلىشىش، قورساق ئاغرىش، يۇقىرىقى ھەزىم يولىدا يارا پەيدا بولۇش، ھەتتا ئاشقازان تېشىلىش، ئاشقازان قاناش، ئىچ سۈرۈش، بېشى قېيىش، بەزىدە روھىي جەھەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. يەنە قان دانچىلىرى، قان پىلاستىنكىلرى ئازىيىپ كېتىدۇ، قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشلىق قان ئازلىق ۋە زىيادە سېزىمچان رېئاكسىيە قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. %20 بىمارلار دورىنىڭ ناچار تەسىرى تۈپەيلى دورىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەزكۇر دورىنى ئالدىن تاللاش مۇۋاپىق ئەمەس. رېتسېپسىز دورىدىن پەقەت ئۇنىڭ شامچە دورىسى بىلەن سۈرتىدىغان دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.  ...
  • باكتېرىيەگە قارشى دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا قاراشلار قايسى؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 870 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە دورا ساندۇقلىرى تەييارلانغان، ئەمما باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان خاتا قاراشلار مەۋجۇت. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:  ⑴ دورا قانچە قىممەت بولسا، شۇنچە ياخشى: ئەمەلىيەتتە، دورا مال ئەمەس. پەقەت دورىنى جايىدا ئىشلىتەلىسىڭىز نەچچە موچەنلىك دورىمۇ كېسىلىڭىزنى ساقايتالايدۇ. ⑵ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان ئەھۋال ھېلىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: نۇرغۇن كىشىلەر باكتېرىيىگە قارشى دورا بىلەن زۇكامنى داۋالايدۇ، گەرچە بۇنداق زۇكامنى داۋالاپ، مىكرو جانلىقلارنى ئۆلتۈرەلىسىمۇ، ئەمما ۋىرۇسقا قارشى تۇرالمايدۇ؛ زۇكامنىڭ كۆپىنچىسى ۋىرۇستىن بولىدۇ. باكتېرىيگە قارشى دورىنى خالىغانچە ئىشلەتكەندە، دورىنىڭ قوشۇمچە تەسىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ چىدامچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ⑶ بۇنىڭدىن ب...
جەمئىي 7 بەت/104پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 5 6 7 كېيىنكى بەت