ئەڭ شىپالىق دورا - ئۈمىد
ۋاقتى: 2016-08-20
ئاۋاتلىقى: 1084 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۈمىد − سۇندۇرۇشقا بولمايدىغان باراقسان دەرەخ. ئۈمىد − ئۆچۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغان مەشئەل. ئۈمىد − سوغۇلدۇرۇشقا بولمايدىغان بۇلاق. تۇرمۇش بىزدىن ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۈمىدۋار بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۈمىد بولمىسا، تىرىشچانلىق بولمايدۇ. تىرىشچانلىق بولمايدىكەن، ھاياتلىقنىڭ ھېچقانداق مەززىسى بولمايدۇ. دېمەك، ئۈمىد بىزنىڭ روھىي ئوزۇقىمىز سۈپىتىدە قاغجىرىغان قەلبىمىزگە، مەنىۋىيىتىمىزگە مەلھەم، دەردىمىزگە دەرمان بولالايدۇ.
كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىش بىزنى ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە سۆرەيدۇ. بىز قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان مۇستەھكەم پىسخىكا ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرسەك، ئۇ بىزنى ھەرگىزمۇ بويسۇندۇرالمايدۇ. ئۈمىدسىزلىك سىزنى چىرمىۋالغاندا مۇنۇ ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ: ئورنىڭىزدىن سەھەر تۇرۇپ، قۇياشنىڭ ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈشىنى تاماشا قىلىڭ. ياشلار توپلاشقان جايلارغا بېرىپ تۇرۇڭ، بولسا ياشلارنىڭ تازا قىزىۋاتقان توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ بېقىڭ. ياشاش مۇھىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. كېچىلەردە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان، جاپالىق جايلاردا تەر تۆكۈۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرەر ئاخشامنى بىللە ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ. دېمەككى، ئەتراپىمىزدا بىزنى ھامان ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان نەرسىلەر كۆپ. شۇنداق ئىكەن، بىزنى ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان ھەرقانداق شارائىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.
دېمەك، ئۈمىد ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش مەيلى روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن، بىزگە ھەر دائىم كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. روھىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى − ئۈمىدۋارلىقتۇر. ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەر قانداق كېسەلگە قالقان بولالايدىغىنىمۇ يەنىلا ئۈمىدۋارلىقتۇر. شۇڭا، كىشىلىك ھاياتىمىز ھەردەم ئۈمىدۋارلىقتا كۈلۈمسىرىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى، جىسمىمىزنى قىممەتلىك سوۋغىلارغا ئېرىشتۈرىدۇ.
Tags: