دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دورا يېگەن ياخشىمۇ ياكى ئوكۇل سالغان ياخشىمۇ؟

دورا يېگەن ياخشىمۇ ياكى ئوكۇل سالغان ياخشىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 1840 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كېسەل بولغاندا ئوكۇل قويدۇرۇش كېرەكمۇ ياكى دورا يېيىش كېرەكمۇ؟ بۇ كېسەلنىڭ ئەھۋالى ۋە دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ.

دورا يېيىش ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان، ئاسان، بىخەتەر، ئىشەنچىلىك ئۇسۇل بولۇپ، ئادەتتە قوشۇمچە تەسىرى بولمايدۇ، لېكىن دائىم ئوكۇل قويدۇرۇش يەرلىك ئورۇندىكى تېرىلەردە قاتتىق تۈگۈنچە ۋە ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. تاساددىپىي ھالدا دېزىنفېكسىيەلەش ياخشى قىلىنماي قالسا، يىرىڭلىق ئىشىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆك تومۇردىن ئوكۇل قىلغاندا، بەزى دورىلار كۆك تومۇر ياللۇغى ۋە كۆك تومۇردا قان نوكچىسىنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە بەزى دورىلار تومۇردىن چىقىپ كەتكەندە، يەرلىك ئورۇننىڭ ئاغرىشىنى ھەتتا توقۇلمىلارنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا، كېسەللىك ئەھۋالى يار بەرسىلا، ئىلاجى بار دورا ئىچىش لازىم، بولۇپمۇ بەزىبىر سوزۇنما كېسەللىكلەر ئۇزۇن ۋاقىت دورا ئىشلەتكەنلىكتىن، دورا ئىچىشنى قوللىنىش تېخىمۇ زۆرۈر. بەزى كېسەللىكلەردە دورا يېگەندىكى ئۈنۈمى ئوكۇل قويغانغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ، مەسىلەن، باكتېرىيىلىك تولغاق، ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىغى، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەردە دورا ئىچكەندە، دورا ئاشقازان ئۈچەيگە بىۋاستە تەسىر قىلىش بىلەن داۋالاش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. گەرچە ئوكۇل قويغاندا، بولۇپمۇ كۆك تومۇردىن ئوكۇل قويغاندا دورا بىۋاستە قانغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن شۈمۈرىلىشى تېز بولىدۇ دەپ قارالغان بىلەن، كۆپ ساندىكى كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئيتقاندا، جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دورا شۈمۈرىلىشىنىڭ تېز-ئاستىلىقى پەقەت 2~1 سائەت پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان دورىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيدە شۈمۈرۈلىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ. مەسىلەن، تېررامىتسننى 5 گرامدىن ئىچكەندە 4~2 سائەت ئىچىدە قاندىكى قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، شۇڭا، دوختۇرلار كېسەلگە دورا ئىشلەتكەندە ئىلاجى بار ئىچىدىغان دورا بېرىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئېغىر كېسەللىكلەرنى قۇتقۇزغاندا ۋە كېسەل ھوشسىزلىنىپ ئېسىگە كەلمىگەندە ياكى كېسەلنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيلىرىنىڭ شۈمۈرۈشى ناچار بولۇپ، قۇسۇش ئەھۋاللىرى بولغاندا چوقۇم ئوكۇل قويۇش كېرەك. يەنە بەزىبىر دورىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئاشقازان، ئۈچەيدە ئوڭاي شۈمۈرۈلمەيدۇ ياكى ئاسانلا ئاشقازاندىكى كىشلاتا ۋە ئىشقارلىق ھەزىم سۇيۇقلىقى تەرىپىدىن بۇزۇلىدۇ. مەسىلەن، پېنتسىللىن، ئىنسۇلىن، ستروفانتىن قاتارلىقلارنى چوقۇم ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئىشلىتىش كېرەك.
ئومۇمەن، ئوكۇل ئۇرۇش ۋە دورا ئىچىشنىڭ ئۆزىگە خاس پايدىسى ۋە يېتەرسىزلىكى بار. زادى قايسى ئۇسۇلدا دورا ئىشلىتىش كېرەك؟ بۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كېسەللىكنىڭ ئەھۋالى ۋە دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ تاللىنىدۇ.
بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى