بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا – ئاچچىقسۇ
يانفوندا كۆرۈش
ئاچچىقسۇ تائاملىرىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشىگۈچ بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە دورىلىق رولىمۇ بار.
ئاچچىقسۇنىڭ ئورگانىزمدىكى خىلىتلارنى ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىپ، يېڭى ماددىلارنى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ۋە ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ھەم تېزلىتىشتەك رولى بار. ئ
اچچىقسۇنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىش ۋە قورۇقنى يوقىتىپ بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار. شۇڭا، كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، پەلكۈچ بىلەن يۈزدىكى قورۇق بار ئورۇنلارغا سۈرتۈپ، ئۈچ - تۆت مىنۇتتىن كېيىن بوش ئۇۋۇلاپ، يۈزنى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيىۋەتسە، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم قورۇقنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.