دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 9 چوڭ پىرىنسىپ

ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 9 چوڭ پىرىنسىپ

ۋاقتى: 2016-10-21 ئاۋاتلىقى: 1057 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. قارىغۇلارچە دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ياشانغانلار كەيپىياتىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ياكى بىئارام قىلىدىغان بىرەر مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، كۆپىنچە دورا ئىشلىتىپ داۋالاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە زۆرۈر ئەمەس، ياشانغانلار بەدىنىدىكى بەزىبىر بىئاراملىقنى تۇرمۇش ۋە كەيپىياتىنى تەڭشەش ئارقىلىق تامامەن يوقاتقىلى بولىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دورا ئىشلەتكەندە قارىغۇلارچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان چاغلاردا ئىمكانقەدەر دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
2. ماس كېلىدىغان كېسەللىكنى(适应症) ياخشى ئىگىلەش لازىم

ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە  شۇ دورىغا ماس كېلىدىغان كېسەللىكنى ياخشى ئىگىلەش، پەقەت كېسەلگە ئېنىق دىياگنوز قويغاندىن كېيىن ئاندىن كېسەلگە قارىتا دورا ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر پەقەت يۈزەكى ئالامەتلەرگىلا قاراپ دورا ئىشلەتكەندە، ناھايىتى ئاسانلا ئېغىر ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.  يەنە كېلىپ دورا ئىشلىتىش ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئادەتتە ، تېنى ئاجىز، ئورۇق، كەمقان، ماغدۇرسىز ياشانغانلار زىيادە سوۋۇتىدىغان دورىلار، كۈچلۈك سۈرگە دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. تېنى سېمىز، قاۋۇل، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى، يۇقىرى خولېستېرىن بولغان ياشانغانلار يۇقىرى ھارارەتلىك، قىزىتىدىغان، بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان دورىلارنى ئالاھىدە ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىش كېرەك.


3. مۇۋاپىق بولغان دورا تىپىنى تاللاش كېرەك
بەزى ياشانغانلار گىرىپتار بولغان كېسەللەر بىر قەدەر كۆپ، بۇنىڭغا قارىتا بىر قېتىمدا يەيدىغان دورىمۇ كۆپ بولىدۇ، ياشانغانلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا بىر قېتىمدىلا بۇنچە كۆپ دورىنى يېگەندە ھەم قولايسىز، ھەم قىيىن. شۇڭلاشقا تابلېتكىلىق، كۇمىلاچلىق دورىلارنى ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن سۇيۇقلۇق ھالىتىدىكى دورىلارنى تاللاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى تۇراقلىق ئەمەس، ئاستا پارچىلىنىپ قويۇپ بېرىلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى تۇيۇقسىز تېزلىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك دورىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ.


4. دورا بېرىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش
ياشانغانلار ئەگەر دورىنى ئېغىزى ئارقىلىق يېيەلىسە، دورىنى ۋېنا ۋە مۇسكۇلىغا ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى، ياشانغانلارنىڭ قان-تومۇر دىۋارى ئېلاستىكلىقى تۆۋەن بولۇپ ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ مۇسكۇلنىڭ دورىغا بولغان سۈمۈرۈشچانلىقى بىرقەدەر ناچار، دورىنى ئوكۇل شەكلىدە بەرگەندىن كېيىن، ئاغرىق كۆرۈنەرلىك بولىدۇ ياكى ئاسانلا ئۇيۇپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئوكۇل شەكلىدە بېرىدىغان دورىلارنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك.
 
5. ئىشلىتىدىغان دورا تۈرىنى ئازلىتىش كېرەك
ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى قانچە كۆپ بولغانسېرى، ئەكس تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىرلا خىل دورا ئىشلەتكەندە ئەكس تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى %10.8، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا 6 خىل دورىنى ئىشلەتسە ئەكس تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى %27 بولغان. ياشانغانلار بولۇپمۇ سوزۇلما ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىكى(慢性器质性疾病) بار بولغان ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە دورىنىڭ تۈرىنى ئامال بار ئازلىتىش كېرەك.
6. مۇۋاپىق بولغان دورا ئۆلچىمىنى تاللاش
ياشانغانلارنىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئورگانىزملارنىڭ دورىغا بولغان مېتابولىزم ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆرەكنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش سۈرئىتىمۇ نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ياش-قىرانلارغا قارىغاندا ئازلىتىش لازىم. ئادەتتىكى ئۆلچەمدە، 60~80 ياشتىكى ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ بەشتىن تۆتىنى؛ 80 ياشتىن يۇقىرى بولغانلار بولسا يېرىمىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.


7. دورىلارنىڭ ناچار تەسىرىگە دىققەت قىلىش 
 
ياشانغانلار بولسا دورا ئەكس تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ، دورا ئىشلىتىش جەريانىدا ئەگەر بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال دورىنى توختىتىش لازىم. بۇرۇن ئىشلىتىپ باقمىغان دورىلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەكس تەسىر قىلغان، بولۇپمۇ زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ باققان دورىلارنى ھەرگىز قايتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇزۇن مەزگىل دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ. بۇ  سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بەدەنگە دورا يىغىلىۋېلىپ بەدەننى زەھەرلەشتىن ساقلىنىش كېرەك.
 
8. دورا ئىشلىتىدىغان ۋاقىتنى تاللاش
ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى كېسەللىك ئەھۋالى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئادەتتە «ئاۋۋال يېرىمىنى كېمەيتىش، ئاندىن توختىتىش» پىرىنسىپى بويىچە دورا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىش كېرەك. بولۇپمۇ زەھەرلىك خاراكتېرى نىسبەتەن چوڭ بولغان دورىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك. بەزى جىددىي توختىتىشقا بولمايدىغان، مەسىلەن، تۇتقاقلىق كېسىلى دورىسى(癫痫药)، پاركىنسون يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى(帕金森氏症药) داۋالايدىغان دورا قاتارلىق دورىلاردىن باشقا دورىلارنى توختىتىش بىخەتەر.
9. قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىق
 
كونىلاردا «قۇۋۋەتنى دورا ئارقىلىق تولۇقلىغاندىن غىزا ئارقىلىق تولۇقلىغان ئەۋزەل» دەيدىغان گەپ بار. قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن، ئۇزۇن مەزگىل كۆپ مىقداردا  ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دورىلارنى  ئىشلەتكەندە، بەدەندە كۆپ ئورۇندا سۆڭەك ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، كېسەل داۋالاشنىڭ قوشۇمچە ئۇسۇلى سۈپىتىدە مۇۋاپىق مىقداردا قۇۋۋەت ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى