دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياش قان بىلەن قېرى مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ؟

ياش قان بىلەن قېرى مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 1473 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياش قان بىلەن قېرى مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ؟
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە


ياش جانلىقلارنىڭ قېنىنى قېرىلىرىغا سېلىش ئارقىلىق قېرىشنى توختىتىش، ھەتتا قېرىلارنى ياشارتىش ئاڭلىماققا رىۋايەتلەردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بىراق، بىر قانچە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ياش ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شۇ تۈردىكى قېرى ھايۋانلارغا سالغاندا، يېڭى قان قېرى جانلىق بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، توقۇلمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىزگە نامەلۇم بولغىنى، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭىنىڭ ئەقلىي كۈچىنى ياشارتقىلى بولامدۇ-يوق؟
گەپنىڭ راستىنى قىلساق: قېرىش ھەقىقەتەن مېڭىگە نىسبەتەن ئاسان توختىمايدۇ. مېڭە غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا ئازراق يېڭى نېۋرونلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ مېڭە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە نېرۋا ئۇلانمىلىرىنى كونترول قىلىدىغان گېنلارنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ياش جانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ-يوق دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، NIH (ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنستىتۇتى) مەبلەغ چىقىرىپ قوللىغان ئىككى گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار: بىرى ماسساچۇسېتىستا، يەنە بىرى كالىفورنىيەدە؛ چاشقان مودېلىنى سىناق قىلدى.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى-سان فىرانسىسكودىكى سائۇل ۋىلىدا (Saul Villeda) ۋە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تونى ۋىس-كوراي (Tony Wyss-Coray) باشچىلىقىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ ئىشقا بىر قانچە يىل ئىلگىرى تۇتۇش قىلغان ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ياش چاشقاننىڭ قېنىنى قېرى چاشقانغا كۆچۈرگەندە قېرى چاشقان نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئەكسىچە بولسىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان: قېرى چاشقان قېنى ياش چاشقانغا سېلىنسا ئۇنىڭ نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىۋەتكەن ۋە بىر نەچچە تۈرلۈك ئەستە ساقلاش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۋەتكەن.

ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ياش چاشقان (3 ئايلىق) بىلەن قېرى چاشقان (18 ئايلىق) نىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەشغۇلات غەيرى بىئو-بېرىكىش (parabiosis) دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى بۇ ئۇسۇلدا ئىككى ئوخشىمىغان ياشتىكى چاشقانلار بىر قان سىستېمىسىنى تەڭ ئىشلىتىپ ياشىغان.  تەجرىبىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئىككى قېرى چاشقاننىڭ قان سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرما قىلغان. 35 كۈندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار چاشقانلارنىڭ مېڭىسىنى تەكشۈرگەن، بولۇپمۇ ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىشنى كونترول قىلىدىغان مېڭە سەقەنقۇر رايونىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان.
ياش-قېرى ئارىلاشما گۇرۇپپىسىدا، ياش قاننى ئىشلەتكەن قېرى چاشقان مېڭىسىدە يېڭى نېرۋا ئۇلانمىلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان گېنلارنىڭ ئاكتىپلىقى ئاشقان بولۇپ، بۇ ئەستە ساقلاش ۋە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىزىق نۇقتا بولغىنى Creb دەپ ئاتىلىدىغان گېن ۋە باشقا يېتىلىۋاتقان مېڭىدە ئاكتىپ بولغان گېنلار ئىدى. ئورتاق فوكۇسلۇق مىكروسكوپ ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار نېرۋىلار بىر-بىرى بىلەن «مۇڭدىشىدىغان» ئۇلىنىش نۇقتىسى بولغان نېرۋا شاخچىلىرى ئۇچلىرى سانىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆزەتكەن. مېڭىنىڭ ئېلېكتېر پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە مېڭە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى بايقىغان. ئەكسىچە، ئىككى قېرى چاشقان بېرىكمىسىدە، ھېچقايسىسىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بايقالمىغان.

بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، 2013-يىللىق NIH دېرىكتورىنىڭ «دەۋرى بۆلگۈچ تەتقىقات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ۋىس-كوراي ۋە 2012-يىللىق NIH دېرىكتورىنىڭ «بالدۇر مۇستەقىل بولۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ۋىلېدا بىرلىشىپ كۆزىتىلگەن بىئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بۇ ھايۋانلارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا قانداق تەسىرى بارلىقىنى تەكشۈرۈشنى پىلانلىغان. ئالدى بىلەن، ئۇلار ياش چاشقاننىڭ قېنىنى قېرى چاشقانغا ھەپتىسىگە ئۇرۇپ ئۇدا 8 ھەپتە داۋاملاشتۇرغان. كونترول (سېلىشتۇرما) ئۈچۈن، ئۇلار يەنە بىر گۇرۇپپا قېرى چاشقانلارغا بىر بولسا قېرى چاشقان قېنى ياكى قاينىتىلىپ ئاكتىپلىقى يوقالغان ياش چاشقان قېنى ئۇرغان.  ئاندىن، چاشقانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەكشۈرۈلگەن. نەتىجىدە ياش چاشقان قېنىنى قوبۇل قىلغان قېرى چاشقانلار كونترول چاشقانلارغا قارىغاندا بوشلۇقنى ئەستە تۇتۇش سىنىقى ۋە قورقۇنچلۇق سەرگۈزەشتىلەرنى ئەستە ساقلاش سېنىقىدا ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بوشلۇق ۋە مۇھىتنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ تەتقىقاتچىلار نېرۋا ئىلاستىكىلىقىنىڭ پېشۋا كونترول قىلغۇچىسى بولغان CREB ئاقسىللىرى بۇ بىر قاتار كۆرۈنەرلىك ياشارتىش تەسىرىنى پەيدا قىلىشتا مەلۇم رول ئوينايدۇ ۋە ياش قاندىكى مەلۇم ماددا مۇشۇ ئاقسىلنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. بۇ پىكىرنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلېدا  CREB ئاقسىلىنى ئىنكاس قايتۇرمايدىغان قىلغىلى بولىدىغان بىر ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپقان. راست دېگەندەك، قېرى چاشقان مېڭىسىدىكى مەزكۇر ئاقسىلدا ئىنكاس بولمىغاندا، ياش قانمۇ ھېچقانداق مېڭىنى ياشارتىش رولىنى كۆرسىتەلمىگەن.


ئوخشاش ۋاقىتتا، ماسساچۇسېتس شىتاتى كامبرىج شەھىرىگە جايلاشقان ھارۋارد غول ھۈجەيرە ئىنىستىتۇتىدىكى لى رۇبىن (Lee Rubin) ۋە ئەيمىي ۋاگېر (Amy Wagers) باشچىلىقىدىكى شەرقىي قىرغاقتىكى گۇرۇپپىمۇ  چاشقان قان سىستېمىسىنى غەيرى بىئو-بىرىكتۈرۈپ ياش قاننىڭ ياشارتىش ئىقتىدارىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ چاشقانلارغا GDF11  (ئۆسۈشنى ئىندۇكسىيەلەش فاكتورى 11) نى ئۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ گۇرۇپپا ئىلگىرى ياش چاشقان قېنىدىن ئايرىۋېلىنغان GDF11 نى ئايرىپ ئالغان ۋە چاشقانغا ئۇرغاندا قېرىشقا مۇناسىۋەتلىك يۈرەك قېلىنلاش خەۋىپىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ قېتىم ۋاگېر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىرلىكتە مېڭىگە مەركەزلەشكەن بىر يېڭى تەتقىقات تېمىسىنى باشلىغان بولۇپ، ياش قاننى قېرى چاشقانغا ئۇرۇش ۋە GDF11 نى قېرى چاشقانغا ئۇرۇش ئوخشاشلا قېرى چاشقان مېڭىسىدىكى نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرى سانىنى ئاشۇرغانلىقىنى بايقىغان. بۇ چاشقانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى جەھەتتىكى كۆزىتىشلەردە پۇراش سېزىمىنىڭ ئاشقانلىقى ئاشكارا بولغان.

يىغىپ كەلسەك، بۇ ئىككى گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىلىرى قېرىلىقتىن ئەقلىي ئىقتىدار چېكىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەتتا ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان بىر مۇمكىنلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتى، كلىنىكىغا كۆچۈرۈش تەتقىقاتى ۋە كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق، ئالىملار ياش قاندىكى پايدىلىق ئاقسىللارنى سېنتىزلەپ چىقىپ ياكى خەۋپ ئىلىپ كىلىدىغان ئاقسىللارنى توسۇش ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىگە داۋا تېپىپ كىشىلەرنىڭ ساغلام ھالدا قېرىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.


ئالدى بىلەن بۇ پەقەت قېرىغاندا دەلتە بولۇپ قالماي تۇتقان قويغىنىنى بىلىپ قېرىش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تەتقىقات. ياشانغانلاردىكى نۇرغۇنلىغان مېڭە كېسەللىرى مۇشۇ تەتقىقات بىلەن بەلكىم شىپا تېپىپ قېلىشى مۇمكىن. غول ھۈجەيرە سانىنى ئاشۇرىدۇ دېگەنگە ئوبدانراق دىققەت قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك كېسەل تىز ساقىيىدۇ ۋە نېرۋا ئاسان قېرىمايدۇ دېگەنلىك، ئىنسانلاردىمۇ شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ مېدىتسىنادىكى بىر زور ئىلگىرىلەش بولۇپ قالىدۇ. يەنە شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بۇ تېخى ئەمدى چاشقاندا قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىقلىنىۋاتقان بىر ئىلمىي تەتقىقات.

چاشقاندا يۈز بېرىدىغان بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ئىنسانلارغا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا ھازىرچە ئالدىراپ بىر نېمە دېمەي مۇشۇنداق بىر تەتقىقات بولۇۋىتىپتۇ دەپ بىلىپ قالساق بولدى. كېيىنچە ئىنسانلاردا سىناق قىلىنىدۇ دېگەندىمۇ، ئېنىقكى كىشىلەرگە بالىلارنىڭ قېنىنى يۆتكەيدىغان سىناق ئىلىپ بېرىلمەيدۇ سەۋەبى چاشقاندىكى سىناقلارنى قىلىشتىن مەقسەت پەقەت زادى قانداق مېخانىزملار بىلەن قايسى ماددا قانداق تەسىر كۆرسىتىپ مېڭىنى ياشارتىشقا ئىلىپ بارالايدۇ دېگەننى بىلىۋېلىش بولۇپ ئاخىرىدا بۇ ئەھۋاللار تولۇق بىلىنگىنىدە ئاندىن نەق تەسىر كۆرسەتكۈچى ئاقسىلنى سېنتىزلەش ياكى شۇ ئاقسىلغا قارشى دورىلارنى ياساپ شۇنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىدىغان گەپ.

بۇ ماقالىدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ھازىرقى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقاتلار كىشىلەر ئويلاپ يېتەلەيدىغان ھەر قانداق بىر يېڭىچە ياكى ساراڭلارچە خىياللارنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا قادىر بولۇپ، بىز مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان نۇرغۇن ئىشلار كەلگۈسى 10-20 يىل ئىچىدە رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ خىل تەتقىقات نەتىجىلىرى كىشىگە زور ئىلھام ئاتا قىلىدۇ ۋە كىشىنى يېڭىچە تەپەككۇرغا، ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرلارغا باشلاپ ئىلىم-پەنگە يەنىمۇ قىزىقىشنى قوزغايدۇ.

مەنبەلەر:
[1] The ageing systemic milieu negatively regulates neurogenesis and cognitive function. Villeda SA, Luo J, Mosher KI, Zou B, Britschgi M, Bieri G, Stan TM, Fainberg N, Ding Z, Eggel A, Lucin KM, Czirr E, Park JS, Couillard-Després S, Aigner L, Li G, Peskind ER, Kaye JA, Quinn JF, Galasko DR, Xie XS, Rando TA, Wyss-Coray T. Nature. 2011 Aug 31;477(7362):90-4.

[2] Young blood reverses age-related impairments in cognitive function and synaptic plasticity in mice. Villeda SA, Plambeck KE, Middeldorp J, Castellano JM, Mosher KI, Luo J, Smith LK, Bieri G, Lin K, Berdnik D, Wabl R, Udeochu J, Wheatley EG, Zou B, Simmons DA, Xie XS, Longo FM, Wyss-Coray T. Nat Med. 2014 May 4.

[3] Vascular and neurogenic rejuvenation of the aging mouse brain by young systemic factors.Katsimpardi L, Litterman NK, Schein PA, Miller CM, Loffredo FS, Wojtkiewicz GR, Chen JW, Lee RT, Wagers AJ, Rubin LL. Science. 2014 May 9;344(6184):630-4.


[4] http://directorsblog.nih.gov/201 ... d-brains/#more-2987
بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى