دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياشانغانلاردا "دورا زىيان قىلىش" نىڭ كۆپ كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟

ياشانغانلاردا "دورا زىيان قىلىش" نىڭ كۆپ كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 1078 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياشانغانلاردا "دورا زىيان قىلىش" نىڭ كۆپ كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ياشانغانلاردا دورىغا نىسبەتەن ئەكس تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ياشلارنىڭ 7-3 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، ياشانغانلىرىمىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ياشلارغا قارىغاندا سالامەتلىككە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان ياشانغانلاردا دورىغا نىسبەتەن ئەكس تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ؟ ئەگەر بىر جۈملە بىلەن يىغىنچاقلىساق، ئۇ دەل ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەزالارنىڭ "ياشىنىشى" ۋە ئەزالار فۇنكسىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىدىندۇر.  

(1)  دورىلارنىڭ ياشانغانلار تېنىدە سۈمۈرۈلۈشىنىڭ نورمال بولماسلىقى
① ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش: ياشانغانلارنىڭ شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى ئازىيىپ، ئارانلا ياشلارنىڭ 1/3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ؛ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭمۇ ئاجرىتىلىشى تۆۋەنلەپ، 70 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسى%25-%20 ئازىيىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلايدۇ ۋە ئاستىلايدۇ. ② ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قان ئېقىم مىقدارى ئازلاش:  65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قىلىش يولى قان ئېقىم مىقدارى %40-%30 قىچە ئازلاپ كېتىدۇ. بۇ خىل فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا دورىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، دورىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيدە يىغىلىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دورىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئاشقازان-ئۈچەيدە تۇرۇپ قىلىشى ئاشقازان-ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، كۆڭۈل ئېلىشىش، ياندۇرۇش، قورساق ئاغرىش، ئىشتىھا ئاجىزلاش قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي نورمالسىزلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەزىدە ھەتتا ئاشقازان-ئۈچەي يارىسى، ئاشقازان-ئۈچەي قاناش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(2) دورىلارنىڭ ياشانغانلار تېنىدە تارقىلىشىنىڭ نورمال بولماسلىقى
ياشانغانلار تېنىدىكى سۇ مىقدارى ياشلارنىڭكىدىن %15-%10 ئازىيىپ كېتىدۇ؛ ئەمما بەدەندىكى ماينىڭ مىقدارى كۆپىيىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا مايغا مايىل دورىلار مەسىلەن لۇمىنال(鲁米那)، تىنىچلاندۇرۇش دورىسى، لىدۇكائىن(利多卡因) قاتارلىق دورىلار مايدا يىغىلىۋېلىپ، مەركىزىي نېرۋىنىڭ تورمۇزلىنىش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  
(3) ياشانغانلار جىگەر ئىقتىدارىنىڭ دورا ماددا ئالماشتۇرۇشقا بولغان بىنورمالسىزلىقى 
ئادەم بەدىنىدىكى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى دەپ ئاتالغان جىگەر دورىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە زەھەر قايتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەزا، لېكىن ئادەم ياشانغاندا، بۇ "زاۋۇت"نىڭ "ئۈسكۈنە" لىرىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. ① قېرىشقا ئەگىشىپ جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ئازلايدۇ؛ ② جىگەرنىڭ قان ئېقىم مىقدارىمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازلايدۇ؛ ③ جىگەر دورا فېرمېنت ئاكتىپچانلىقىمۇ تۆۋەنلەپ، بەزى دورىلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، جىگەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق سۈمۈرۈلىدىغان بەزى دورىلار مەسىلەن، قىزىتما قايتۇرۇپ، ئاغرىقىنى پەسەيتىش، رېماتىزمغا پايدا قىلىدىغان دورىلار ۋە يۈرەك كۈچەيتىش دورىلىرى قاتارلىقلار ئاسانلا توپلىنىپ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(4) ياشانغانلار بۆرەك ئىقتىدارنىڭ دورا قالدۇقلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىشقا بولغان بىنورمالسىزلىقى 
بۆرەك بەدەندىكى دورا قالدۇقلىرىنىڭ ھەيدەپ چىقىرىلىشىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، ياشانغانلارنىڭ ياشىنىش ئىپادىسىنىڭ بىرى بۆرەكنىڭ ياشىنىشىدۇر: ① بۆرەكنىڭ ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە يىگىلەيدۇ؛ ② بۆرەك قان ئېقىم مىقدارى ئازلايدۇ؛  ③ بۆرەكنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ، قاندىكى دورىلارنىڭ ھەيدەپ چىقىرىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۆرەك ئىقتىدارىغا زىيانلىق دورىلار مەسىلەن گېنتامىتسىن(庆大霉素)، ئىسترېپتومىتسىن(链霉素)، كانامىتسىن(卡那霉素) ۋە سۇلفانىلامىد(磺胺) تىپىدىكى دورىلار ئاسانلا بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئېغىر ئەھۋاللاردا بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  
(5) ياشانغانلاردىكى قان پىلازمىسى تۆۋەنلەش  
70-65 ياشتىكى ياشانغانلارنىڭ قان پىلازمىسى ياشلارنىڭكىدىن 1/4 ھەسسە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، قان پىلازمىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئاقسىل بىرىكمە دورىلىرىنىڭ ئازىيىپ، ئىيونلاشقان دورىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، كېيىنكىسى ئاسانلا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، قاننىڭ ئۇيۇشىشىغا قارشى دورا ۋارفارىننى ئىشلەتكەندە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
(6) ياشانغانلار مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سەزگۈر ھالىتى
دورىلارنىڭ ياشانغانلار بەدىنىدە ساقلىنىپ قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى، ھەيدەپ چىقىرىلىشنىڭ ئاستا بولۇشى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سەزگۈر ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، تىنچلاندۇرۇش، ئۇيقۇ دورىسى قاتارلىق دورىلارغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلغاندىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن ئوتتۇرا ياشتىكىلەر 5 مىللىمېتىر ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندە، ئىككىنچى كۈنىدىلا ئۇيقۇ كېلىش ئەھۋالى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. لېكىن 65 ياشتىن يۇقىرى ياشتىكىلەر ئوخشاش مىقداردىكى دورىنى ئىستېمال قىلغاندا ئىككىنچى كۈنىدە ھېرىپ چارچاش، ئۇيقۇسى كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار داۋاملىشىدۇ. 
(7) ياشانغانلار يۈرەك قان تومۇرلار كونىراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۆۋەن قان بېسىم ئېھتىماللىقى
"60ياشلىق ئادەم، 30ياشلىق يۈرەك" پەقەتلا ئېلان سۆزلىرىدۇر، مېدىتسىنا ئىلمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان تومۇرلارنىڭ كونىرىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان مەسىلە. كونىرىغان قان تومۇرلارنىڭ فۇنكسىيەسى ئېنىقلا ئاجىزلاپ، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دورا خۇسۇسىيەتلىك تۆۋەن قان بېسىم ئەكس تەسىرى پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرىدا كۆپ كۆرىلىدۇ. 

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى