دورا خۇسۇسىيەتلىك جىگەر زىيانغا ئۇچراش دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-11-10
ئاۋاتلىقى: 1038 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى دورا خۇسۇسىيەتلىك جىگەر زىيانغا ئۇچراش دەپ ئاتىلىدۇ.
دوختۇرلارنىڭ كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، دورا خۇسۇسىيەتلىك جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلارنىڭ نىسبىتى بالنىستتا ياتقان بىمارلارنىڭ ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ %10 نى ئىگىلەيدىكەن، بۇ بىر ھەيران قالارلىق سان. دۆلەت سىرتىدىكى ماتېرىياللاردا ئىپادىلىنىشىچە، 50 ياشتىن يۇقىرىسىدىكى ئاتالمىش «جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى» بىمارلىرىنىڭ %48 نى دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىكى شۇكى، نۇرغۇنلىغان جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نورمال مىقداردا دورا ئىستېمال قىلىش جەريانىدا كېلىپ چىققان .
نورمال ئەھۋالدا، دورىلىق خۇسۇسىيەتلىك جىگەر زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلاردىكى ئالامەتلەر دورىغا قارىغاندا ئىسسىق، دورا تاشمىسىغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ. ئادەتتە ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورسىقى كۆپۈش، جىگەر قىسمى ئاغرىش ۋە سېرىق چۈشۈش، قان ترانسئامىنازىسى يۇقىرىلاپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغانلىرىدا جىگەر توقۇلمىلىرى ئۆلۈپ جىگەر ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرۈپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.