قايسى خىل دورىلار زىققا كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-06
ئاۋاتلىقى: 878 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بۇ خىل دورىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ:
(1) قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان دورىلار: ئەڭ تىپىك بولغىنى ئاسپىرىن بولۇپ (يەنە ئاسپىرىن زىققا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، بارلىق كانايچە زىققا بىمارلىرىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ %4. 42. 2~ نىسبىتىنى ئىگىلەيدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەگەر بۇرنىدا بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بىلەن بۇرۇن مونچاق كېسىلىگە بىرلا ۋاقىتتا گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئاسپىرىن زىيان قىلىشنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %40~30 گە يىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئادەتتىكى قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان دورىلار تەركىبىدىكى تۆۋەندىكى دورا تەركىبلىرىمۇ زىققىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن: APC (ئاسپىرىننىڭ مۇرەككەپ تەركىبى)، تېز ئۈنۈملۈك زۇكام دورىسى، سۇ مىتوڭ، پۇرې شىتوڭ قاتارلىقلار.
(2) ھورمۇنسىز ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلار: مەسىلەن فېنبىدې، شىياۋيەنتوڭ، نەيپۇشېڭ قاتارلىقلار.
(3) قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدىغان دورىلار: ئەڭ تىپىك بولغىنى پىروپرانولول (پۇنەي لۇېر)، ئاساسلىق يۈرەك سانجىقى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، باشنىڭ بىر قىسمى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ. ئەكس تەسىرى زىققىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئەسلىدە بولغان زىققىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ، بۇ خىل دورىدىن يەنە ئەنشىيەن شىنئەنمۇ بار.