دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دورىلارنىڭ قانداق يامان تەسىرلىرى بار؟

دورىلارنىڭ قانداق يامان تەسىرلىرى بار؟

ۋاقتى: 2016-09-06 ئاۋاتلىقى: 1455 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دورىنىڭ يامان تەسىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل:
(1)قوشۇمچە تەسىر   ىبر خىل دورىنىڭ ھەمىشە نەچچە تەرەپلىك رولى بولىدۇ، بىز ئۇنىڭ بىر تەرەپلىك رولىنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ باشقا تەرەپلىك روللىرى قوشۇمچە تەسىر بولىدۇ. ئائىلىدە دورا ئىشلەتكەندە، دورىنىڭ قانداق قوشۇمچە تەسىرى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسا، ئىشلەتكەن دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەپسىلىي ئوقۇش كېرەك. دوختۇرخانىدىن رېتسىپ يېزىپ بەرگەن دورىنى ئىشلىتىشتە دورا بەرگەن خادىمنىڭ ئەسكەرتىشىنى ئېنىق سوراش ۋە ئەستە تۇتۇش كېرەك، بىرقەدەر ئېغىر قوشۇمچە تەسىر يۈز بەرگەن ھامان دورىنى توختىتىش، باشقا دورىغا ئالماشتۇرۇش يېكى باشقا بىر دورىنى ئىشلىتىپ بۇ دورىنىڭ قوشۇمچە تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن كانايچە زىققىسىنى داۋالىغاندا، زىققىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن يەككە ئېفېدرىننىلا ئىشلەتكەندىن، دىفېنگىدرامىننىمۇ ئىشلەتكە ياخشى، چۈنكى ئېفېدرىننىڭ مەركەرنى غىدىقلاش رلى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك سېلىپ ئۇخلىيالماسلىقنى، دىفېنگىدرامىننىڭ مەركەرزنى تىزگىنلەش رولى يوققا چىقىرىدۇ.

(2) زەھەرلىنىش رېئاكسىيىسى   دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئىقتىدار قالايمىقانلىشىشنى ياكى بەزى ئەزا، توقۇلمىلاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىر خىل بىرقەدەر ئېغىر بولغان يامان تەسىر. ھەرقانداق دورىنىڭ مۇئەييەن زەھىرى بولىدۇ، زەھەرلىك دورىلارنى دېمەيلا قويايلى، ئادەتتە ئىشلىتىدىغان دورىلارنىمۇ، ئەگەر مىقدارىنى بەك كۆپ ئىشلىتىۋەتسە، دورا ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ياكى شەخسنىڭ بەدىنى دورىغا زىيادە سېزىمچان بولسا، ئوخشاشلا زەھەرلىنىش رېئاكسىيىسى كۆرۈلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ دورىنى چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى كۆپىنچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلىغان، كىچىك بالىلارنىڭ چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپى دورا ئىشلەتكەندە، دورا ئاسانلا بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، تېخىمۇ ئاسان زەھەرلىنىپ قالىدۇ.
دورىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى سىستېما، ئەزا ياكى توقۇلمىلارغا بىرىكىشچانلىقى بولىدۇ، مەسىلەن ئاسپىرىن، خلورامفېنىكول قاتارلىقلار ئاسانلا قان ياساش سىستېمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، دانچە ھۈجەيرە ئازىيىش، قايتا ھاسىل بولىدىغان توسالغۇ خاراكتېرلىك قان ئازلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ نېئومىتسىن، رىفەمسىپىن قاتارلىقلار جىگەرگە زىيانلىق؛ گېنتامىتسىن، سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلارنىڭ بۆرەككە زەھىرى بار؛ سترېپتومىتسىن، كانامىتسىن قاتارلىقلار باش قىيىش، قۇلاق غوڭۇلداش ياكى گاسلىق، ئاڭلاش نېرۋىسى زەخمىلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. شۇڭا، دورا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىش كېرەك.
بىخەتەر دورا ئىشلىتىش پىرىنسىپى: ئالدى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زەھىرى تۆۋەن دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ياكى زەھەرلىنىش رېئاكسىيىسى بار دورىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان دورىنى تاللاپ ئىشلىتىش؛ ئۇنىڭدىن قالسا ئەگەر ئالاھىدە تەلەپ بولمىسا، ئادەتتە دورا مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، دورا ئىشلىتىش مىقدارى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ پىرىنسىپ ياشانغانلارغا بولۇپمۇ بەك مۇھىم. ئەڭ ئاخىرىدا زەھەرلىنىش رېئاكسىيىسى كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا دورىنى توختىتىپ باشقا دورىنى ئىشلىتىش، ئېغىر بولغاندا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
(3)زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى(ئالاھىدە ياكى غەيرىي رېئاكسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ)   بەزى بەدىنى زىيادە سېزىمچان ئادەملەر دورا ئىشلىتىش مىقدارى كىچىك بولسىمۇ رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ. زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسىنىڭ ئېغىرى، يېنىكى بار، يېنىك بولغانلاردا ئەسۋە، قىزىتما، تېرە قىچىشىش، زىققا ۋە بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر بولغانلاردا قان بېسىم تۆۋەنلەش، كالپۇك ۋە پۇت-قول ئۇچلىرىغا كۆك چۈشۈش ياكى بەدەن مۇزلاش، چىرايى تاتىرىش قاتارلىق شوك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يېنىك زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن دەرھال يۈز بېرىشىمۇ، نەچچە سائەت، ھەتتا نەچچە ئون سائەت كېچىكىپ يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. زىيادە سېزىمچانلىق خاراكتېرلىك شوك ئادەتتە دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن دەرھال يۈز بېرىدۇ، كىشىلەر ئوبدان بىلىدىغان پېنىتسىللىننى ئوكۇل قىلىپ سالغاندا كېلىپ چىقىدىغان زىيادە سېزىمچانلىق خاراكتېرلىك شوك بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى، ئەگەر ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزمىسا، تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
(4)ئىككىلەمچى رېئاكسىيە   ئالدى بىلەن، بۇ خىل رېئاكسىيە كۆپىنچە ئۇزۇن مەزگىل ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىپ داۋالانغاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ، ئانتىبىئوتىك ئۆزى يوقىتالايدىغان كېسەل قوزغىغۇچى مىكروئورگانىزم(باكتېرىيە ۋە مەلۇم خىل ۋىروس،  پروتوزوئا قاتارلىقلار)لارنى يوقىتىدۇ؛ شۇغىنىسى، بەدەن ئىچىدە يوقىتىلغان مىكروئورگانىزملارغا قارشى تۇرىدىغان باكتېرىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپىيىپ، "ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ" ئادەم بەدىنىگە يېڭى يۇقۇملىنىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مانا بۇ دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككىلەمچى رېئاكسىيە. مەسىلەن ئۇزۇن مەزگىل كۆپ خىل رول كۆرسىتىدىغان ئانتىبىئوتىك سېفالوتىن تۈرىدىكىلەر(سېفالوسپورىن) قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە، ئەسلىدە ئۆپكە ئىچىدىكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن باكتېرىيە يوقىتىلغاندىن كېيىن، زەمبۇرۇغ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېسىپ كىرىپ، "ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ"، بىمارنىڭ ئۆپكىسى ئىچىدە زەمبۇرۇغ كېسىلى پەيدا قىلىدۇ. 

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى