قايسى دورىلاردا دائىم گىرەلەشمە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-19
ئاۋاتلىقى: 822 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
(1)پېنىتسىللىن بىلەن سېرفالوسپورا تۈرىدىكى ئانتىبىئوتىكلار كىشىلەر پېنىتسىللىن تۈرىگە تەۋە بولغان بىرقانچە خىل دورا ئارىسىدا گىرەلەشمە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن پەقەت بۇلا ئەمەس. سېرفالوسپورا تۈرىدىكى دورىلارنىڭمۇ خىمىيىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ پېنىتسىللىنغا ئوخشىشىدىغان يېرى بار، مەسىلەن سەفرىدىن، سىفترايئەكسون قاتارلىقلار، پېنىتسىللىنغا زىيادە سېزىمچانلىق تارىخى بار بىمار سېرفالوسپورا تۈرىدىكى ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلەتكەندىمۇ زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
(2)سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلار بىلەن سۇلفونىل ئۇرىيە تۈرىدىكى شېكەر چۈشۈرۈش دورىسى بەزى سۇلفانىلامىد تۈدىرىكى دورىلار، مەسىلەن مۇرەككەپ رېتسىپلىق شىننومىڭغا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بەرگەن كىشىلەر ئارىسىدا، ئاز بولمىغان دىئابىت بىمارلىرى بار، ئىچىدىغان شېكەر چۈشۈرۈش دورىسى، مەسىلەن دىخۇاتاڭدىڭ، تولبيۇتېمايد تابلېتى، خلوروپروپىمايد تابلېتى ۋە گلىبېنكلېمايدلارنى ئىشلەتكەندىمۇ زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، بۇ دورىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ سۇلفانىلامىد دورىلىرىغا ئوخشاش ئاساسىي گۇرۇپ(پ-ئامىنو بېنزول سولفون ئامىد ئاساسىي گۇرۇپى) بار بولغانلىقىدا. شۇڭا، سۇلفانىلامىد دورىلىرىغا زىيادە سېزىمچانلىق تارىخى بار ياشانغانلار يۇقىرىدىكى شېكەر چۈشۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ زىيادە سېزىمچانلىق يۈز بېرىدۇ.