دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دورا خۇسۇسىيەتلىك جىگەر زىيانغا ئۇچراش كېسەللىكىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

دورا خۇسۇسىيەتلىك جىگەر زىيانغا ئۇچراش كېسەللىكىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-10-28 ئاۋاتلىقى: 1113 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئائىلىدە مۇداپىئەلىنىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر نەچچە خىل ئۇسۇللار:
1) يۇقىرىدا ئېيتىلغان جىگەرگە زىيان كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان دورىلارنى ۋە ئىشلىتىش دائىرىسىنى ئېنىق بىلىۋېلىش، ئىشلەتكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، پەرز تۇتىدىغان ئەھۋالدا  قەتئىي ئىشلەتمەسلىك. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بولمىسا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر داۋالاشتا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە چوقۇم مىقدارىنى كونترول قىلىشى، نورمال مىقداردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، خالىغانچە مىقدارنى ئاشۇرماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دورىنى ئىشلىتىش جەريانىدا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان ئالامەتلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك. (ئىشتىھا ئەھۋالى، جىگەر قىسمى ئاغرىش، قورسىقى كۆپۈش، سېرىق چۈشۈش قاتارلىقلار).
2)  ئىلگىرى جىگەر ياللۇغى بار بولغان بىمارلار بۇ دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3)  ياشانغان كىشىلەر ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار (كۆپ ھاللاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى جىگەر ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەشتۈرىدىغان ئەگەشمە ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ) جىگەر ئىقتىدارىنى زىيانغا يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4) يۇقىرىدا ئېيتىلغان ياللۇغنى قايتۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ۋاقتى يېرىم ئايدىن ئېشىپ كەتكەن بىمارلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ. تۇبېركۇليۇزغا قارشى دورىلار، تۇتقاقلىقنى داۋالايدىغان دورىلار ۋە ئۇيقۇ دورىسىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىدىغان بىمارلار قەرەللىك ھالدا جىگەر ئىقتىدارى ۋە تىرانسئامىنازىنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى