• 2010-06-03

    يېڭىدىن توغراق ئۇسلۇبى تارقىتىلدى - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/65010782.html

     

    تور ئېچلغان يېرىم ئاي ۋاقىتتىن بېرى ئاساسەن دىگۈدەك بلوگدىكى چىقماس بولۇپ قالغان رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا جاۋاپ بېرىش بىلەن ئۆتتى، يېرىم ئاي ۋاقىت ئىچىدە 44پارچە ئىنكاسقا جاۋاپ بېرىلدى، ئالدىنقى تېمىدا بلوگبۇسنىڭ يازما ۋە ئىنكاسلارنى تەھقىقلەش ئۆتكىلىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم، شۇنداقتىمۇ بەزى تورداشلار مائوسنى چېكىپلا "ئىنكاس كۆرۈنمىدىغۇ؟" دەپ قايتا-قايتا ئىنكاس يوللاش، نەتىجىدە ئوخشاش مەزموندىكى ئىنكاستىن ئارقا-ئارقىدىن 5~4ئى يوللىنىپ كېتىشتەك ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئىنكاس يازغان بولساق،ئوڭۈشلۇق يوللانغان بولسىلا بولدى ،ئالدى بىلەن باشقا ئىشلارنى قىلغاچ تۇرۇپ ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن كۆرسەك ئاندىن بلوگ يۈزىگە چىقىدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ، شۇڭا بلوگگىر دوستلار ئىنكاس يازغاندا سەۋرىچان بولساق،

    زىيارەتنىڭ ئازلىقىغا، قالدۇرۇلغان ئىنكاسنىڭ ئازلىقىغا قاراپ (باشقا بلوگلارنىمۇ كۈندە دىگۈدەك تەكشۈرۈپ تۇرىۋاتىمەن)تور ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئايرىم دوستلارنىڭ بلوگ يېزىش قىزغىنلىقى ئانچە يوقتەكلا تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى،

    شۇنىڭ بىلەن دوستلارنىڭ بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ ئۇسلۇپنى پۈتتۈرۈپ چىقتىم.

    ئۇسلۇپ نامى: توغراق ئۇسلۇبى

    ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى:بەت بېشىغا نەچچە مىڭ يىلغىچە يېقىلماس روھقا ئىگە توغراقنىڭ رەسىمى قويۇلدى، يازما يۈزى ۋە يان ئىستونلارنىڭ خەت شەكلى چوڭ، كۆركەم، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆك ۋە قېنىق كۆك رەڭ تەگلىككە ئىشلىتىلىپ ،ئېسىل ھەم سوغۇققانلىق روھ گەۋدىلەندۈرۈلدى.

    مەزكۈر ئۇسلۇپ پەقەت بلوگبۇس ئۇسلۇبىغىلا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىن مەزكۇر ئۇسلۇپنى كۆرۈپ بېقىڭ.

    بەش بەت رەسىمى:


     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى ئايرىم بەتتىن كۆرمەكچى بولسىڭىز


     ئارقا بەت رەسىمى:


     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى ئايرىم بەتتىن كۆرمەكچى بولسىڭىز


    مەزكۇر ئۇسلۇپنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلغان بولىشىڭىز كېرەك، ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى

    تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    مەرھەممەت

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • بىلوگ تۇغىنى قانداق ياسايمىز مۇشۇنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
    dunyakara回复wulkan说:
    تۆۋەندىكى يازمىغا كىرىڭ، شۇ يەردە ھەقسىز لوگو ياسايدىغان توربەتلەر بېرىلگەن، لوگونى ھەقسىز ياساپ بېرىدۇ.
    يازما تېمىسى: ئۇختۇرۇش: ھەرقايسى بلوگگىرلارغا...
    ئادرىسى: logs/27575542.html

    2010-06-09 02:29:37
  • ئەسسالام قېرىندىشىم ، نەچچە قېتىم ئىنكاس يوللىسام مەغلۇپ بولدى .بلوگ*بوسنىڭ ئىنكاس سانىغا چەك قۇيىشى پەقەتلا قاملاشماپتۇ. دولقۇن731نىڭ ئادىرسىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.http://www.orkax.net
    dunyakara回复دولقۇن731说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم. كۆزنەكتىكى ئادرىسىڭىز بلوگسپوتنىڭكى، بولسا لوگونىمۇ ئالماشتۇرۇپ ياساپ قويغان بولسىڭىز.
    2010-06-08 02:28:41
  • تەلىپىم سەل ئارتۇق كەتكەن ئوخشايدۇ بولدى ئىشلەتمەي . ئۇزەم كىيىن بوش ۋاقىتلىرىم چىققاندى ياسامەن رەخمەت سىزگە ئاۋارە قىلدىم
    dunyakara回复uyghurlar说:
    سىزنىڭ تەكلىپىڭىز ئازراقمۇ ئارتۇق كەتمىگەن، بىراق مەن ئالدىنقى ئىنكاسلىرىڭىزغا ئۇسلۇپ تەمىنلەش ئۈچۈن ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىش زۆزۈر ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتكەن ئىدىم. سىز ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى يا ئوقۇپمۇ قويمىدىڭىز ئالدىراشلىقتا، يا ئوقۇغان بولسىڭىزمۇ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلمىدىڭىز.
    تور ئەمدىلەتىن ئېچىلدى، تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ئەمدىلەتىن باشلاندى مانا، بىراق سىز خاپا بولۇپ قالغان ئوخشايسىز، ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىدە ھەممە ئوچۇق، مېنىڭدىن ئاغرىنماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2010-06-08 02:22:04
  • سەھىپە تۈرى 1 .....لەرگە قان داق خەت يازى دۇ [cusFace:9]
    dunyakara回复قىل چىلىك 说:
    Indexبىلەن detailبۆلىكىنى ئېچىپ شۇ يەردىن سەھىپە ناملىرىنى ۋە ئادرىسلىرىنى ئالماشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ.
    2010-06-08 02:15:29
  • مەن پادىشاھ بلوگىرى بۇ بلوگنى يىڭىدىن سىز تەمىنلىگەن توغراق ئۇسلوبىدا بېزىۋالدىم ئەمما پەچەت ئوسلوپكەن . خورازدىكى خو
    dunyakara回复muhtarxir说:
    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا قايەرگە ئىشلەتسىلىرى، قانداق ئۆزگەرتىۋالسىلىرى بولىۋېرىدۇ، مەزكۇر توغراق ئۇسلۇبى پادىشاھقا يارىغان بولسا ئەلۋەتتە خەلققىمۇ يارىشى تۇرغانلا گەپ-تە، ھا ھا ھا(چاقچاق).
    2010-06-06 23:39:44
  • تەكچە ئۇسلۇبىنىمۇ ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ مەيلىتى ئىككىسىدىن بىرئاز پايدىلانسام
    blogspotclub@gmail.com
    dunyakara回复uyghurlar说:
    قارىغاندا ئەپەندىم، ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز، ئالدىراشلىقىڭىزنى بىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى بىر ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ھەم ئەمەل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2010-06-06 23:34:16
  • مەن يېڭىدىن راۋرۇس بىر بىلوگ ياساي دىگەن ،لوگونى كىيىن ياساپ قۇيامەن يېقىندا بەك ئالدىراش . قارىسام بۇ ئۇسلۇپ مىنىڭ ئوسلۇپ ياساش ئاۋارچىلقىمنى خېلى يەڭگىللەتكىدەك . پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرساق
    dunyakara回复uyghurlar说:
    بلوگنى يېزىشتىن مەقسەت ئۆزئارا ئۆگۈنۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش بۇ تەرىپىگە گەپ كەتمەيدۇ، بولىدۇ، سىز لوگونى پۈتتۈرگەندە كۆزنەككە قوشۇپ قوياي ئەمىسە.
    2010-06-06 23:32:53
  • دۇنيا قارا ئەپەندىم ئوبدان تۇرىۋاتاملا تور تىزگىنلەنگەندىن ياقى ئالاقىلىشىپ باقمىدۇق.بىلوگگىر قېرىنداشلارنى بەك سېغىندۇق،سىلىنىڭ بىلوگنى كۈندە كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن،نادىر تېمىلارنى ئايىمىغايلا.
    dunyakara回复ئىدىقۇت بلوگى说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئىدىقۇت ئەپەندىم.توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن تارتىپ ئالاقىلىشىپ باقمىدۇق، قانداق ئەھۋاللىرى؟ھەرنىمە بولسا تور يۈزىدە بولسىمۇ كۆرۈشتۇق مانا ئەمدى، مېنىڭ بلوگىمنى كۈندە كۆرۈپ تۇرىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقۇپ بەكمۇ خۇش بولدۇم، بىراق سىلىنىڭ بلوگلىرى شۇ پېتى، يا ئالاقىلاشقىلى بولمىغان، يا ئىنكاس يازساق جاۋاپ يوق؟ بىرلىكتە بلوگ يازساق ياخشى بولاتتى، كونا بلوگگىر دوستلار خۇددى قېرىنداشلاردەكلا بولۇپ قالىدىكەن دىسە...
    2010-06-06 23:29:32
  • [cusFace:4] ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز
    1052585682@چچ.س و م
    http://kilqilik.blogbus.com/ ئادرىسىم
    ۇلىنىش تۇغى http://filer.blogbus.com/5955322/resource_59553221275362909l.gif
    dunyakara回复قىل چىلىك 说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-06-06 23:25:02
  • ماڭىمۇ بىرنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز
    blogspotclub@gamail.com
    dunyakara回复uyghurlar说:
    يېقىن دوستلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ لەۋز قىلىپ قويغان ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى بۇزۇپ قويغۇم يوقتى، شۇڭا يەنىلا ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    يەنە بىر تەكلىپىم قېرىندىشىم، بلوگىڭىزنىڭ لوگوسىنى ئۆلچەملىك ياساپ قويغان بولسىڭىز كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىغا قوشۇپ قويۇشقا ئاسان بولغان بولاتتى.
    2010-06-05 21:48:09
  • ئىنكاس يوللىسام يوللانماي 5 يەرگە يوللىنىپ كىتىپتۇ كەچۈرسىز خاپا بولماي ئۆچۈرۋىتىڭ [cusFace:1]
    dunyakara回复پادىشاھ 说:
    ئوڭشاپ قويدۇم، ئالىيلىرى.
    2010-06-05 22:04:55
  • يوللاپ بېرىڭ خەت ساندۇق padixa51@hotmail.com يە بىرسى taxyurak@sohu.com
    dunyakara回复پادىشاھ 说:
    سىلى يىقىپ تارقاتقان 51خىل ئۇسلۇپنى كۆرسەم كەمىنە تارقاتقان ئېچىۋېتىلگەن ئۇسلۇپلاردىن باشقا ئۇسلۇپلار يوق ئىكەن، كېلىشىمگە ئەمەل قىلغانلىقلىرىدىن خۇرسەنمەن.
    taxyurak@sohu.com مۇشۇ ئادرىسقا يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارلا.
    2010-06-05 22:09:09
  • بىر قېتىم يوللىسام ئۈچى تۇرىدا؟ بولاپتۇ. خاپا بولماي ئۆچۈرىۋىتەرسىز.
    dunyakara回复ئەزىزتۈرك说:
    ئوخشاش ئىنكاستىن بىرىنىلا قالدۇرۇپ قويدۇم.
    2010-06-05 22:10:05
  • بۇ ئۇسلۇبىنىڭ رەڭگىدە كۆك رەڭ بەك كۆپ بولۇپ قاپتۇ. كۆزگە زىيانلىق بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
    dunyakara回复ئەزىزتۈرك说:
    كۆزگە زىيانلىق بولۇپ قالمىسۇن دەپ خەتلىرىنى چوڭراق بېكىتىپ قويدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتلەرگە ئاق رەڭنى ئىشلەتتىم شۇڭا بىر مېتىر يىراقتىن بۇ ئۇسلۇپتىكى يازمىلارنى بىمالال ئوقۇيالايسىز. بۇ ئۇسلۇپنى بەك كۆپتۇرىۋەتتىممۇ –قانداق؟ ھا ھا ھا، ئىشقىلىپ تەگلىككە كۆزنى چېقىپ قويىدىغان ئوچۇق كۆك رەڭ ئىشلىتىلمىدى.
    2010-06-05 22:15:05
  • [cusFace:3] مەن يازسام چىقمايدىكەن
    dunyakara回复قىل چىلىك 说:
    مانا بىر ئوبدان چىقىپتىغۇ؟
    2010-06-05 22:15:32
  • [cusFace:0][cusFace:0]
  • قانداق ياخشىمۇسىز؟ ئۇزۇندىن بۇيان كۇرۇشەلمىدۇق، ياخشى تۇرغانسىز. يېڭىدىن تېخىمۇ ياخشى ئۇسلۇپلارنى تەييارلاپسىز، سىزنى قوللايمىز، ھارمىغايسىز.
    dunyakara回复wulkan说:
    ياخشىمۇسىز ۋولقان ئەپەندىم، دىمىسىمۇ ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى،سىزمۇ سالامەت،ئوبدان تۇرىۋاتقانسىز؟ تورداشلارنى بىريەرگە جەم قىلايلى دەپ ھەپىلىشىپ يۈرۈپتىمىز شۇ، سىزگە ئوخشاش دوستلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىنىمدىن خۇشھالمەن.
    2010-06-05 22:20:38
  • پاھ پاھ بۇ ئۇسلۇبنى بەكمۇ چىرايلىق لايىھەلەپسىز ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەندەك بىلوگقا ھازىر ئانچە بەك قىزغىنلىق يوقتەك تۇرىدۇ
    dunyakara回复ش. ئە. ئۇيغۇرى 说:
    شاھ ئۇيغۇر ئەپەندىمنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەنلىكىمدىن خۇشھالمەن، بىزمۇ سىزدەكلا ئويغۇر بلوگچىلىقىنىڭ توختاۋسىز تەرەققى قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، بلوگبۇستىكى بلوگچىلىقىمىزمۇ ئاستا-ئاستا جانلىنىپ كېتەر.
    2010-06-05 22:24:10
  • assalamu alay kum manga tohrak usluni awatipbar gan bnol singiz manga bak yakti kokturk@sina.com
    dunyakara回复كۆكتۈرك说:
    ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام! ئۇسلۇپنىڭ سىزگە يارىغانلىقىدىن خۇش بولدۇم، شۇنداقتىمۇ سىزگىمۇ ئوخشاشلا "ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇندىلا ئۇسلۇپ ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ" دىيەلمەي تۇرالمايمەن كۆكتۈرك ئەپەندىم.
    2010-06-05 22:28:24
评论分页:共3页 第一页 上一页 1 2 3