-
جۇپتى بىلەن يارالغان ھەر كىم - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年03月19日
جۇپتى بىلەن يارالغان ھەر كىم
ئاپتۇرى: قۇربانجان ئىبراھىم
قايغۇرمىغىن يارسىز قالساڭمۇ ،
بىر مېنىڭلا جۈپتۇم يوقكەن دەپ .
ئىشىكىڭنى چېكىدۇ خەقلەر،
بولسا سەندە غۇرۇر ھەم ئەدەپ .
تالاي جۈپلەر ياندىشىپ ماڭسا،
يانلىرىڭغا قارايسەن دائىم .
ياشلىقىڭنىڭ ھەۋەسلىرىدە،
چاچلىرىڭىنى تارايسەن دائىم.
تاھىر كۆيگەن زۆھرە ئوتىدا،
شېرىنگىمۇ يارالغان پەرھات .
سەن ئۆزەڭنى باشقۇرالىساڭلا ،
سېنى ئىزدەر بولساڭلا ھايات.
ئاقساقنىڭمۇ ئىگىسى باردۇر ،
چولاقنىمۇ سۆيىدۇ بىر كىم ،
سېنى ئىزدەر ئاشىقلار تولا،
جۈپتى بىلەن يارالغان ھەركىم.历史上的今天:
ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﮔﯘﻟﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻮﺭﯨﺪﯗ 2009年03月19日ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدىغان 10 جۈملە سۆز 2009年03月19日خوش دىدىم بىلمىدىڭ دىدىم ئەلۋىدا 2009年03月19日قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىشىك 2009年03月19日تىز كونۇپكىلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگۈنىۋېلى 2009年03月19日