-
ياشلىق چېغىڭ - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年03月28日
ياشلىق چېغىڭ]
](شىئېر)
يازغۇچى:_ پاۋىل
ياشلىقنىڭ گۈل باھارى قىممەت بىزلەرگە.
كۆكلەيدۇ مېھنەتتىن ھەربىر نوتىسى،
يىلتىزى مۇستەھكەم بولسا ياشلىقنىڭ،
پۇرەكلەپ ئېچىلىپ، ئۆرلەر شۇتىسى.
تامچە-تامچە تەر ئاقسا ياشلىق دەۋرىڭدە،
كەلگۈسى ئىقبالىڭ، بەختىڭ كۈلىدۇ.
ئىللىتساڭ زىمىننى سېخى نۇر بىلەن،
ياشلىقنىڭ جەزبىسى يوللار ئاچىدۇ.
چىڭ تۇتقىن ياشلىقنىڭ گۈزەل ۋاقتىنى،
ئۆتمىسۈن بىھۇدە ئۆمۇر مەنزىلى.
چىن ئىخلاس باغلىساڭ ئىلىم كانىغا،
قىران چاغ ھاياتنىڭ ئۆمۇرلۈك ئۇلى.
ياشلىق ئۈگۈنۈشنىڭ ياخشى مەزگىلى،
ئىزدەنسەڭ سەپەردە زەپەر قۇچىسەن.
مېۋىسى كۆرۈلۈپ ھايات چېغىڭدا،
قىممىتىڭ يۈكسىلىپ پەرۋاز قىلىسەن.
ھاياتتا ياشلىقنى قەدىرلەپ ياشا،
جۇلالاپ جىلۋىسى چاقناپ تۇرىدۇ.
ھۆرمىتىڭ بولغاندا ياشاش يولىغا،
ھاياتنىڭ مەناسى قۇچاق ئاچىدۇ.
<< ئاجايىپ ئوقۇغۇچىلار. قارىمۇ قارشى سۆزلەرنى دىيىش. | باش بەت | Windows XP نىڭ مەخپىي شفىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىش >>