باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • بىر تال تۈگمە - [تەرجىمە ئەسەر]

    2009年05月21日

    بىر تال تۈگمە
    ئوۋ ياڭ جوۋجى

    بۇ ئوغۇل بالىنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقىنىغا بىر يىل بولاي دەپ قالدى، ئۇنىڭ يۇزلىرى تاتارغان بولسىمۇ، قاپقارا كۆزلىرى پارقىراپ تۇراتتى، دوختۇر – سېستىرالارنىڭ گېپىگە كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ بېرەتتى، شۇڭىلاشقىمىكىن ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى.
    ئۇ شەھەردىكى نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى، دەرستىمۇ شۇنداق ياخشى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تېخى ” ماتىماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى“ دە چېمپىيۇن بولغان ئىكەن. تولۇق 1- يىللىقنىڭ كىيىنكى مەۋسۇمىدە دەرسخانىدا ئايلىنىپ يىقىلىپ چۇشۇپتۇ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۇرتسە ئۇنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلىنىپتۇ. ئاتا – ئانىسى ئىشلەيدىغان زاۋۇت ئارقا – ئارقىدىن ۋەيران بولغانلىقتىن، ئاللىبۇرۇن ئىشتىن قالدۇرۇلغان ئىكەن. پۇل بولمىسا قورساقنى باققىلى بولمايدۇ، پۇل بولمىسا كېسەل داۋالاتقىلى تېخىمۇ بولمايدۇ، بۇ ئوغۇل بالىنىڭ تەقدىرىمۇ نىمە دىگەن كاج – ھە! بالىنىڭ دادىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە كىشىلەرگە يۈك توشۇپ بېرىدىغان جاپالىق ئىشلارنى تېپىپ قىلاتتى. ئاپىسى پارچە – پۇرات ئىشلارنى قىلاتتى، ئەر – خوتۇن ئىككەيلەن بىر كۈنلىك ئىشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن بالىسىغا تاماق ئېتىپ بالنىستقا ئەكىلىپ بېرەتتى، بالىغا ئەكەلگەن غىزا شۇنداق ئاددى شۇنداق ناچار بولۇپ، بىر خىل غىزا ئۈچ – توت كۈنگىچە ئۆزگەرمەيتتى، لېكىن بۇ بالا ئەزەلدىن تاماق تاللىمايتى، يىگىنىنى ھازىر ياندۇرغان بولسىمۇ ئارقىدىنلا يەنە يەيتى، ئەزەلدىن ئارتۇقچە تەلەپ قويمايتى. ئاۋالقىدەكلا سىستىرا ۋە ياتاقداشلىرىغا كۇلۇپ يۇرەتتى.
    بۇ خىل ئائىلىدە، بۇ خىل ساقايماس كېسەلگە قارىتا بۇ بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايى دائىم تۇرۇكلۇكلا بولۇپ، ئىنتايىن سۇلغۇن، مىسكىن ئىدى، ئوغلى بىلەن ئەزەلدىن پاراڭلاشمايتى، بەزى ھاللاردا دادىسى ئالدىراش كىرىپ، بالىسىغا بىرەر تال ئالما، بىرەر تال بانان ئېلىپ كېلەتتى – دە، ئالدىراش چىقىپ كېتەتتى، ناۋادا ئەر – ئايال ئىككەيلەن دوقۇرشۇپ قالسا بىر – ئىككى ئېغىز گەپلەشمەستىنلا گەپ تالىشىپ قالاتتى، بالىنىڭ يۈزىچىلا ۋاقىراپ – جاقىراپ كېتىشەتتى، دەسلەپتە سېستىرالار كېلىپ نەسىھەت قىلاتتى، كار قىلمىغاندىن كىيىن ئۇلارنى بالنىستىن چىقىرۋەتسىمۇ كارىدوردا يەنىلا داۋاملاشتۇراتتى، ئاۋازىمۇ شۇنداق يۇقىرى ئىدى. بۇنداق چاغدا ئوغۇل بالا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتى، كارۋىتىدا جىمىت يېتىپ تورۇسقا قاراپ تۇراتتى. بىمارلار ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا نەسىھەت قىلمايسىز؟ دىسە ”كۆنۈپ كەتتىم.“ لا دەيتى.
    بىر كۈنى بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى يەنە ئۇرۇشۇپ قالدى. سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى، ئۇ كۈنى چۇشتە ئاپىسى ئېلىپ كەلگەن غىزا دۇملەپ پۇشۇرۇلغان كۆكمۇچ – دۇفۇ قورمىسى ئىدى. بالا قىزىپ قالغانلىقتىن، تاماققىمۇ ئىشتاھاسى يوق ئىدى، شۇڭىلاشقا ئۇ:-
    - ئاپا، مېنىڭ كاۋاك سەي يىگىم كېلىۋاتىدۇ، ياپ – يېشىل سەينى كۆرسەم ئازراق يەپ قالارمەنمىكىن؟- دىدى ئاپىسىغا ئىلتىجا قىلىپ.
    - كىيىنچە يەرسەن، كاۋاك سەي ئىنتايىن قىممەت، چىقىش قىلالمايمىز.- دىدى. دورا پۇلىنى تۆلەپ ئەمدىلا بالنىستقا كەلگەن دادا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قالدى – دە، ئايالىغا تىزدىن كوكتات سېتىۋېلىپ قايتىدىن تاماق قىلىپ كېلىشنى بۇيرىدى. ئايال كوكتات سېتىۋېلىشقا ئۇنىمايلا قالماستىن بەلكى يەنە گوياكى بومبىغا ئوخشاش پارتىلاپلا كەتتى:
    - سەن تېخى ئۆزەڭنى كىم كۆرۈپ قالدىڭ، بىز ھەر كۈنى ھېرىپ – ئېچىپ، ئۆلەر – تىرىلىشىمىزگە قارىماي پۇل تېپىپ ھەممىسىنى دوختۇرخانىغا تۆلەۋاتقان بولساقمۇ يەنە بىر تالاي قەرىز بولۇپ قالدۇق. كاۋاك سەينىڭ بىر جىڭى ئۈچ يۇەن، ئۈچ يۇەنگە مەن بىر قانچە كۈن يەيدىغان كوكتات سېتىۋالالايمەن. - بالىنىڭ كۆزىنىڭ جىيەكلىرى قىزىپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق دەپ ئېغىز ئېچىپ باقمايتى، لېكىن ئۇ قانداقلىكىن بولمىسۇن بىر بالا- دە! ئەر يانچۇقىدىن بەش يۇەن پۇلنى ئېلىپ ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئايال ئالمىدى، ئىككەيلەن يەنە ئۇرۇشۇپ كەتتى.....
    ماي ئېيىنىڭ بىر كۈنى، بالا دادىسى بىلەن ئاپىسىنى بالنىستقا چاقىرتتى، كارۋاتتا ياتقان بالا ئاپىسىغا كۆڭلىكىنىڭ بىر تال تۈگمىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
    - ئاپا، بۇ نىمە؟- دەپ سورىدى. بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئاپىسى:
    - بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، بۇ تۈگمىغۇ!- دىدى. ئوخشاش بىر سۇئال دادىدىنمۇ سورۇلۇپ، ئوخشاش جاۋاپقا ئېرىشكەندىن كىيىن بالا بىر يېنىك نەپەس ئالدى ۋە كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ:
    - دادا، ئاپا، ئېسىڭلەردە تۇتۇڭلار، مەن دەل بىر تال تۈگمە، دادام كۆينەكنىڭ ئوڭ پېشى بولسا ئاپا سىز سول پېشى. پەقەت مەندىن ئىبارەت مۇشۇ تۇگمە بولغانلىقتىنلا كۆينەكنىڭ ئىككى پېشى چېتىلىپ تۇرىدۇ. ناۋادا، كۈنلەرنىڭ بىردە بۇ تۈگمە بولماي قالسا، سىلەرمۇ ئايرىلىپ كېتىڭلار.- ئايال بالىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، لېكىن يىغلىغاننىڭ نىمە پايدىسى، بىر قانچە كۈنگە قالماي بالا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۇلۇك خوشلاشتى.
    ئىككى ئايدىن كىيىن، بۇ بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتتى.

    分享到:


قايتىش