باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • شەيتان ھەزەتلىرىدىن پەرمان: - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2009年05月21日

    شەيتان ھەزەتلىرىدىن پەرمان:

    <<ئەتە قېرى دەرەخ تۈۋىدە بىر سورۇن تۈزىلىدۇ.بۇسورۇنغا ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى توھپىسى زور بولغان ئىككى قۇلاق مايمۇن قۇيرۇق شەيتان،تۆت قۇلاق ۋىجىك شەيتان ۋە ئوزۇن قۇلاق زىرەك شەيتان قاتنىشىدۇھەم ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە قاراپ ئىنئام بىرىلىدۇ.بارلىق شەيتانلار ۋاقىپ بولىشى كىرەك>> بۇيرۇق تامام...
    بۇنى ئاڭلىغان ئۈچ شەيتان بىر كىچە ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى ئاز بولمىغان تۆھپىلىرىنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالدى.ئەتىسى ياڭرىغان نەغمە ناۋادىن چۈچۈپ ئۇرنىدىن تورۇپ سىرتقا چىقسا بارلىق شەيتانلار ئۈچ تەقدىرۋان ئېلىپ ئالدىغا كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشۈپ خۇشالىقىدىن ئۇچۇن كەتكۈدەك بولدى.ھايال ئۆتمەي سورۇن باشلىنىپ كەتتى.ئالدىراپ كەتكەن ئىككى قۇلاق مايمۇن قۇيرۇق شەيتان سۆزىنى باشلاپ؛
    _ شەيتان ھەزرەتلىرى،مەن ئۆزىنى دۇنيانىڭ خۇجىلىرى دەۋالغان سېرىق چاچلىقلارنى ئادۇرۇپ ئۇلارنى دېڭىز ساھىلىدىلا ئەمەس بەلكى ھەر قانداق سورۇنلاردا ، كوچا-كويلاردا يېرىم يالىڭاچ ياسىنىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتىگە يات قېلىق ئېلىپ كىردىم _دىدى.
    بۇنى ئاڭلىغان شەيتانلار چۇرقىرىشىپ كىتىشتى.شەيتان ھەزرەتلىرى:
    _ ياخشى ..ياخشى سەن بۇنىڭدىن كىيىن مىنىڭ سادىق نەۋكىرىم بول _دىدى.ئەمدى نوۋۋەت تۆت قۇلاق ۋىجىك شەيتانغا كەلدى.ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ؛
    _شەيتان ھەزرەتلىرى،مەن ئىنسانلارنىڭ مال دۇنياغا ئامراقلىقىدىن پايدىلىنىپ ،ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ،ئەقىلى قۇۋۋىتىگە ئېغىر تەھتىدى بولغان ھاراق-تاماكا،خىرويىن_ئاقنى قەلبىگە سېلىپ ئۆزى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىشلەپچىقارتىپ ،ئۆزىنى ئۆزىگە زەھەرلىتىپ ،ئۆز يىغىدا ئۆزىگە قورۇق سېلىپ ئارىدىن پايدا ئېلىپ شەيتانلارنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلدىم-دىدى.شەيتانلار تېخىمى چۇرقىرىشىپ كەتتى.شەيتان ھەزرەتلىرى:
    _ كارامات..كارامات سەن بۇنىڭدىن كىيىن مىنىڭ سول قول ۋەزىرىم بۇلۇپ نازۇك ئىشلىرىمنى قىلغىن-دىدى.ئەمدىكى نوۋۋەت ئوزۇن قۇلاق زىرەك شەيتانغا كەلدى.ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ :
    _ شەيتان ھەزرەتلىرى ،مەن شەيتانلار تارىخىدا قىلىنىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدىم-دىدى.بارلىق شەيتانلار ۋە شەيتان ھەرەتلىرى ھەيرانلىق نەزىرىدە ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپ تۇردى.
    -بىز بۇرۇن جاھان ئەينىكىدە نۇرلۇق قۇياش بۇلۇپ ،جاھاننى زىل-زىل تىترەتكەن قۇملۇق ۋە تاغلار بىلەن قورشالغان ئىنسانلارغا شۇنچىلىك موكەممەل پىلان تۈزىپمۇ بىر تال مويىنىمۇ تىترىتەلمىگەن ئىدۇق. مەن ھازىر ئولارنى شۇنداق ئۆزگەرتىۋەتتىمكى ئۇلارنى ئەجدادلىرىنىڭ يۈزىگە قارالمىغۇدەك.بۇرۇن ئۇلاردىن جاھاننىڭ ھىكمەت قامۇسىدا دۇنيا خەزىنىسىگە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان كۆپلىگەن كىشىلەر چىققان بولسا ،ھازىر ئەرشى-ئىشرەت،ھاۋايى-ھەۋەس ۋە بىھۇدە ئىشلارغا گۈزەل ياشلىقىنى ئىسراپ قىلىدىغان ساراڭلاردىن بىر توپ چىقتى.بۇرۇن ئۇلار ھۇشىقىدىن چۈشۈرمەي كىيىم-كىچەكلەرنى كەيگەن بولسا ،ھازىر ھايۋان بىلەن مەنلىك تالىشىپ يېرىم ئوچۇق ياسىنىپ يۈرىدىغان بولدى . دوپپا،ئەتلەس،كانۋار كۆڭلەك كىيىش سەھرىلىق ،زامانلىڭ كەينىدە قالغانلىق چاغلاندى.بۇرۇن ئۇلار بىر بوردا ناننى ئەتىۋارلاپ ،كۈزىگە تۇتىيا قىلىپ يىگەن بولسا، ھازىر بىر كۈنىگە بەزى رىستۇرانلاردا نەچچە ماشىنىلاپ تاماقلار يىيىلمەستيىن تۈكۈلدى.بۇرۇن ئۇلار پۇل تاپسىلا كىتاپ سېتىۋېلىش ،بىلىم ئىگەللەشكە ئىشلەتكەن بولسا ھازىر شۇنچە تەستە تاپقان پۇللار ھاراق-تاماكا،نەششە-پەششە،قىمار،قىز-پىزلار ئۈچۈن ئىسراپ قىلىنىۋاتىدۇ.بۇرۇنقى ھۆرىرگەن چۇقانىنىڭ ئورنىنى ئۆچەكتىكى سۈكۈت ئىگەللىدى.بۇرۇن ئۇلار قاشتشىدەك سۈزۈك،تاغلاردەك ئۇيۇشقان بولسا ھازىر قۇم بارخانلىرىدىن ساختا كۈلكىنىڭ شاماللىرىدا پەرۋاسىز لەيلەپ چاڭ-تۇزان ھاۋا يەتمىگەندەك چاڭ-تۇزانلىق مەدىنىيەتنى بەرپا قىلدى.شۇ سەۋەبدىن نۇرغۇن بالىلار يىتىم قالدى.نۇرغۇن ئانىلار تۇل قالدى.نۇرغۇن كىشىلەر ساختىلىقنىڭ ،ساختا ھاياتنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. سەمىمىلىكىنىڭ ئورنىنى تۈلكە كەبى ھەييارلىق ۋە ئالدامچىلىق ،قورقۇنچاقلىق ئىگىلىدى.مانا بۇ مىنىڭ ئۇزۇن يىللىق نەتىجەم _دىدى ئۇزۇن قۇلاق زىرەك شەيتان.ئەتراپتىن ياققان ئالقىشلار ئۇنى كۈمىۋەتتى .شەيتانلارنى كۈلكىسى زىمىننى بىر ئالدى.شەيتان ھەزرەتلىرى تەختىدىن تۇرۇپ ئۇزۇن قۇلاق شەيتاننىڭ يېنىغا كىلىپ قەدەھ سۇقاشتۇرۇپ؛
    _ باركاللا...باركاللا..سەن بۇنىڭدىن كىيىن مىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرىم بۇلۇپ مىنىڭ ھەرقانداق چوڭ -كىچىك ئىشلىرىمدا ماڭا مەسلەھەت بەرگىن ..بىزئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق دۆتلىكىدىن پايدىلىنىپ ،ئۇلارنى تېخىمۇ ئازدۇرۇپ رۇھىنى بولغاپ ئۇلارنى بىر بوردا نانغا،بىر تامچە سۇغا ئىنتىزار قىلىپ ئۇلارنى يۇگۇر-يىتىم ئىشقا سېلىش، قۇلىمىزنى،پۇتىمىزنى ۋە بەدەنلىرىمىزنى يۇغۇزۇش ئۈچۈن كۈرۈش قىلايلى .يۇقالسۇن ئاتالمىش دۇنيانىڭ خۇجانىنى بولىۋالغان ئىنسانلار...
    شەيتانلارنىڭ كۈلكىسى زىمىننى بىر ئالغان بۇلۇپ،بىرمۇ ئىنسان سىرتقا چىقالماتتى...
    بۇچۈشمۇ ؟!ياق بۇ رىئاللىقكەن

    分享到:


قايتىش