باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • چىن سۆيگۈ - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2009年05月21日

    چىن سۆيگۈ

    -جانىم ~!  نىمە بولىدۇ ؟  مىنى بىر قۇچاقلاپ قويغىنە ؟  قەلبىمدىكى  لاۋىلداپ كۆيىۋاتقان  ئىشقى ئوتى  بىر ئاز بولسىمۇ پەسلىسۇن .  ئۆزۇڭنى قاچۇرما ،  قۇچاقلاپ قويغىنىڭغا سەندىن نىمە كىتىدۇ ؟
    قىز  خىجىللىقتا بىشىنى  يەردىن كۆتۇرەلمەيلا قالدى .   ئۇ قىزارغان يۇزىنى  يىگىتكە كۆرسىتىشنى خالىمىدى بولغاي ،  بىشىنى تىخىمۇ  تۆۋەن سالدى .  ئۇ گەپ قىلشىقا  تەمشىلگەن بولسىمۇ ،   يەنىلا گەپ قىلالماي قالدى .   ئەسلىدە ئۇ  يىگىتكە بىرمۇنچە سۆزلەرنى دەيمەن دەپ زور  تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئىدى .  بىراق يىگىتنىڭ ئالدىدا  ھەممىنى ئۇنۇتتى .   ئۇ مەن نىمانچە دۆت دىگەندەك  قىلىپ، قولى بىلەن چىكىسىنى  پاققىدە ئۇرۇپ قويدى .  يىگىت سۆزىنى يەنە تەكرارلىدى .  قىز لىۋىنى قاتتىق بىر چىشلىدىدە ،  كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ  ئېيتتى :
    - نىمە كىتەتتى  ؟  بۇنى سىز ئوبدان بىلىسىز .   بىز تىخى توي قىلمايلا  بۇنداق قىلىپ يۇرسەك .......
    - مەن پەقەت قۇچاقلاپ قويۇڭلا  دېدىم خالاس .  يەنە بىر  سائەتتىن كىيىن جەڭگاھقا ماڭىمەن . 
    كىم بىلىدۇ ،  بۇ تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرىقى  قۇچاقلىشىش بوپ قالامدۇ تىخى  ؟  سىزنى دىسەم جەڭگاھقا زادىلا بارغۇم يوق .   ئەمما نىمە ئامال دەيسىز ؟  جانىمز سىزدىن ........................
    - ئەزىز ،  مۇبادا سىز مەن ئۈچۇن جەڭگاھقا بارمىسىڭىز  ،  مەن  ئىككىلا دۇنيا يۇزىڭىزگە قارىمايمەن .   ئانىڭىز سىزنى ئوغۇل بالا دەپ تۇققان . مەنمۇ سىزنى  ئوغۇل بالا دەپ  ياخشى كۆرگەن . ۋەتەننىڭ  تىنىچلىقى ئالدىدا  بىزنىڭ ئىشىمىز ئەرزىمەسلا  بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ .
    مىنىڭ دۇئايىم سىز بىلەن بىللە .   جەڭگاھتا ئۆلۇم - يىتىم ئىشلىرى بولۇپ تۇرىدۇ .  ناۋادا شەھىت  بولسىڭىز ياكى  تىرىك قايتىپ كەلسڭىز  ئوخشاشلا مەن ئۈچۇن ئۆمۇرلۇك  شەرەپ .
    قىز يىگىتنىڭ ئىككى مەڭزىدىن تۇتۇپ بىرنى سۆيۇپ قويدىدە ،  ئۇنى مەھكەم قۇچاغلىدى .
    - ئەزىز ، ۋاقىت توشتى .   تىزرەك  قايتىڭ .   مىنىڭ دۇئايىم سىز بىلەن بىرگە .  خەيىر ،  ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي .
    يىگىت خۇشال ھالدا قىزدىن ئايرىلدى . ئۇ   باشقىچە روھلىنىپ قالغان ئىدى .   3 ئايدىن كىيىن  غەلبە خەۋىرى يىتىپ  كەلدى .   ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى تۇركۇملەپ قايتىپ كىلىشكە باشلىدى .
    قىز ھەركۈنى دىگۇدەك ئوتقاشتەك  قىپقىزىل كۆينىكىنى كىيىپ ، بىرىنجى بولۇپ ۋوگىزالغا يىتىپ كىلەتتى .  ئەمما نائۈمۇدتە  قايتىپ كىتەتتى .   ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇركۇم ئەسكەرلەر قايتىپ كەلدى .   ئەمما يىگىت يەنىلا كۆرۇنمەيتتى .   شۇندىن باشلاپ قىز ھەركۈنى ۋوگىزالدا  يىگىتنى  ساقلىدى .   بىرى كەم 9 يىل ساقلىدى .   قىزنىڭ بۇ ئىشى پۇتكۇل يۇرتقا پۇر كەتتى .   تۇمەنلىگەن قىز -يىگىتلەر قىزنىڭ  چىن مۇھەببىتىگە  ئاپىرىن ئېيتىشتى .   كۈزنىڭ ئاخىرقى بىركۈنى ئىدى .  قىز ئادىتى بويىنچە تۇرۇككە يۆلەنگەن پىتى  مۇڭلۇنۇپ ئولتۇراتتى .  بىر چاغدا  بىرسى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا   ئەدىيال يىپىپ قويدى .  قىز بىشىنى ئاستا كۆتۇرۇپ كەينىگە قارىدى .   ئەدىيال يىپىپ قويغان ئۇ كىشى دەل ھىلىقى يىگىت ئىدى .  قىز يىگىتكە قارىغان پىتى يىغلاپ كەتتى .
    يىگىت  قىزنى قۇچاغلاپ كۆزىگە ياش ئىلىپ تۇرۇپ :
    - مەن قايتىپ كەلدىم  .  ئاخىرى قايتىپ كەلدىم .-دېدى .
    قىز   بىشىنى لىڭشىتقىنىچە  يىغلا ۋەردى . 
    - يۇرۇڭ جانىم ،  ئۆيگە قايتايلى .   ئۆيىمىزگە  قايتىپ كىتەيلى .-دېدى يىگىت قىزنى ئاستا يولەپ تۇرۇپ .
    - ھە ،  بولىدۇ .  ئۆيگە قايتايلى ،  ئۆيىمىزگە قايتايلى .    قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ ؟  مەن سىزگە ئوخشۇتۇپ تاماق ئىتىپ بىرەي ھە ~~؟!  -دېدى قىز يىگىتنىڭ چىرايىغا بىر قۇر سەپ سالغاچ .
    ئىككىسى قولتۇقلاشقىنىچە مەھەللىگە قايتىپ كەلدى .  ئۇلارنىڭ جەم بولغىنىنى كۆرگەن   خەلىق ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى .   ئۇلار خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆز ئائىلىسىنى قۇرۇپ ،  خاتىرجەم ، بەخىتلىك تۇرمىشىنى باشلىۋەتتى . ......

    分享到:


قايتىش