باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • ئۇيغۇر دولان مۇقامى - [تەرمىلەر]

    2009年09月26日

    دولان مۇقامى
    ئۇيغۇر دولان مۇقامى-ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بۇلۇپ،جۇڭخۇا مىللى مەدەنىيەت-سەنئەت غەزىنىسىنىڭ بىباھا گۆھىرى ھىساپلىنىدۇ.
     ئۇ ھازىر پەقەت دولان ئۇيغۇرلىرى ياشىغان رايۇنلاردا ساقلىنىپ قالغان بۇلۇپ، مۇزىكا رېتىمى، ئۇدارى باشقا مۇقاملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. شۇڭلاشقا دۇلان مۇقامى ئۈزىنىڭ قۇيۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە مىللى ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ قالغان. ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر مۇقامىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
     دولانلىقلار ئاساسلىقى تەكىلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا، مەكىت ناھىيسىنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئەتراپتىكى مارالبىشى، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، يۇپۇرغا قاتارلىق ناھىيلەر ۋە ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيسى، تارىم دەرياسىنى بويلاپ بۈگۈر،قۇمۇل قاتارلىق جايلارغىچە ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئاساسلىقى تېرىقچىلىق ۋە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇنلىنىدۇ.
     دۇلانلىقلار تارىختىن بۇيان مۇشۇ مۇنبەت، گۈزەل تۇپراقتا ياشاپ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە كىيىنچە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىپ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق سانسىزلىغان بايلىقلارنى يارتقان. ھەمدە تارىم ئويمانلىقىدىكى بۇ پارچە تۇپراقنى گۈللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇسى ۋە ئىچكى ھىسياتىنى ئىپادىلەپ، مەزمۇنى مۇل، يېقىملىق، ئاممىۋېلىققا ئىگە سەنئەت شەكلى بولغان دولان مۇقامىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
     دولان مۇقامى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرەك ساداسى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا دولانلىقلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇسى، مۇھەببەت-نەپرىتى سىڭگەن. دولان مۇقامى-رېتىمى قەدىمىي، قەدىمىي يىزا-قىشلاق پۇرىقى كۈچلۈك، ئۇسۇلى نەپىس، سالاپەتلىك بۇلۇپ قۇيۇق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە.
     1986-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ خەلىق رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىكى قىسمەن تەھرىر ۋە بىر قىسىم سەنئەتكارلار مەكىت ناھىيسىگە كىلىپ دولان مۇقامىغا قارىتا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بىرىپ دەسلەپكى قەدەمدە دولان مۇقامىنىڭ ئىسمى ۋە تىزىلىشىنى تەكشۈرۈپ چىققان. مەكىت ناھىيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دولان مۇقامى تەتقىقات يىغىنىدا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا دولان مۇقامىنىڭ ئىسمى، تېكىسىتى ۋە تەرتىپىنى بىكىتتى. 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى مەكىت ناھىيسىدە ئېچىلغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك دولان مۇقامى تەتقىقات يىغىندا دولان مۇقامىنىڭ تارىخى، مۇزىكا قۇرۇلمىسى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە مۇھاككىمە ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى.
     1996-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن مەكىت دولان ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى ئورۇنلىغان مۇقام پىلاستىنكىغا ئېلىنىپ نەشىردىن چىقتى.
    دولان مۇقامىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ساز-چالغۇلار:
     دولان راۋابى، قالون، دولان غەجىكى، داپ
    分享到:


قايتىش