ھاياتلىق يانبىلوگى

ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
ئاۋات يازمىلار

ياۋا كۈدە تۈگرىسى

ياۋا كۈدە تۈگرىسى

ۋاقتى: 2014-05-10 ئاۋاتلىقى: 322 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن بىر كىلوگرام، لوق گۆشتىن 400 گرام، پىيازدىن 100 گرام، ياۋاكۈدىدىن بىر كىلو 200 گرام، ئەبجەش ياغدىن 100 گرام؛ تۇز، ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ، خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرىمىز. 2. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، ئازراق تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز. ياۋا كۈدىنى قايناق سۇغا بېسىپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېتىپ، دەرھال سۈزۈۋېلىپ، سوغۇق سۇ بىلەن چايقاپ سوۋۇتۇپ، ئۇششاق توغراپ، توغرالغان پىياز،تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ سېلىپ گۆشكە قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز. 3. خېمىرغا ياخشى ئىشلەپ پىلتا قىلىپ، زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتا ئېچىپ، قىيمىنى سېلىپ، ياي شەكىلدە تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرساق بولىدۇ.
ئىزاھات: ياۋا كۈدە ـ باش يازدا قۇملۇق چۆللەردە ئۈنۈپ چىقىدىغان يىڭنە يوپۇرماقلىق ياۋا كۆكتات.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ يېشىل ھايات سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق ئورگان يانبىلوگ. مەزكۇر يانبىلوگ ئارقىلىق شىركىتىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، خەۋەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.

باھالار

ئىسمىڭىز: