تۇرۇپ تۈگرىسى
ۋاقتى: 2014-05-10
ئاۋاتلىقى: 284 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 600 گرام، لوق گۆشتىن 250 گرام، تۇرۇپتىن 800 گرام، ئەبجەش ياغدىن 80 گرام، پىيازدىن 50 گرام؛ تۇز، ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ، خىمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 2. گۆش ۋە پىيازنى ئۇششاق توغرايمىز. تۇرۇپنى قىرغۇچ بىلەن قىرىپ، قايناق سۇغا بېسىپ، سوۋۇتۇپ قايتا ئۇششاق چاناپ، تۇز ئاقمۇچ،ئەبجەش ياغ، گۆش، پىيازلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپقىيما تەييارلايمىز. 3. خېمىرغا ياخشى ئىشلەپ، زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتا ئېچىپ، قيما سېلىپ تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز. تۈگرە ئۆرلىگەندىن كىيىن، ئارىلىقتا ئىككى قېتىم سوغۇق سۇ تىمىتىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسق بولىدۇ.
Tags: