ھاياتلىق يانبىلوگى

ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
ئاۋات يازمىلار

سېرىق كۈدە تۈگرىسى

سېرىق كۈدە تۈگرىسى

ۋاقتى: 2014-05-10 ئاۋاتلىقى: 400 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 600 گرام، لوق گۆشتىن 200 گرام، ئەبجەش ياغدىن 70 گرام، سېرىق كۈدىدىن 600 گرام، پالەكتىن 100 گرام؛ تۇز، ئاقمۇچ، ئەتكەن قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ، خېمىرنى يۇغۇرىمىز. 2. گۆش، سېرىق كۈدە، پالەكلەرنى ئۇششاق توغراپ، تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ سېلىپ قىيما تەييارلايمىز. 3. خېمىرغا ئىشلەپ پىلتا قىلىپ، زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتا ئېچىپ قىيما سېلىپ، تۈگرە تۈگۈپ قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ، قازان قايناپ تۈگرە ئۆرلەپ چىققاندا، پات ـ پات سوغۇق سۇ تېمىتىپ پىشۇرۇپ، تەخسىگە ئېلىپ، ئەتكەن قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ يېشىل ھايات سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق ئورگان يانبىلوگ. مەزكۇر يانبىلوگ ئارقىلىق شىركىتىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، خەۋەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.

باھالار

ئىسمىڭىز: