تۇرمۇشتا بىز بايقىيالمىغان گۈزەللىكلەر
يانفوندا كۆرۈش
تۇرمۇش تۈرلۈك ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭغا گۈزەل نەقىشلەرنى سىزىش ياكى ئۇنداق قىلالماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق.
ئانىمىزنىڭ بەدەنلىرىنى تۇتۇپ قويساق، ئۇنىڭ نېمىشقا مۈكچىيىپ، بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنىمىز، پۇتىنى يۇيۇپ قويساق، نېمە ئۈچۈن تاپانلىرىنىڭ چاك – چاك يېرىلغانلىقىنى بىلىمىز. ئاتىمىزنىڭ ئالقانلىرىنى سىلاپ باقساق، ئۇ قوللارنىڭ نېمە ئۈچۈن قاداق باسقانلىقىنى بىلىمىز. مانا بۇلار ھەممىمىز كۆرۈشكە تېگىشلىك، لېكىن سەل قارايدىغان گۈزەللىكلەر. ناۋادا يالغان بولسا، قېنى قايسىمىز ئانىمىزنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ، پۇت – قوللىرىنى يۇيۇپ، قايسىمىز ئاتىمىزنىڭ چاك – چاك يېرىلغان ئالقان ۋە قاداق قوللىرىنىڭ تارىخىي گۈزەللىكىنى ئاڭلىيالىدۇق؟
بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز قىلالايدىغان، ئەمما، قىلىشقا سەل قارايدىغان كىچىك ئىشلار. بىز ئۆزىمىزدىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ ‹‹مەن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىدىم؟›› دەپ سوراپ باقايلى!