يېشىل تۈگرە
ۋاقتى: 2014-05-12
ئاۋاتلىقى: 300 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلىرې: ئاق ئۇندىن 600گرام،لوق گۆشتىن200گرام،يېسىۋېلەكتىن500گرام،پالەكتىن 100گرام،پىيازدىن20گرام،ئەبجەش ياغدىن 80گرام،تۇز، ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1.پالەكنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ ، داكىغا سېلىپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ،سوغۇق سۇ، تۇز بىلەن قوشۇپ ئۇنغا قۇيۇپ، خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ تەييارلايمىز.
2.يېسىۋېلەك،گۆش ، پىيازلارنى ئايرىم-ئايرىم ئۇششاق توغراپ،تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ سېلىپ قىيما تەييارلايمىز. 3. يېشىل رەڭلىك خېمىرنى ئادەتتىكىدەك زوۋلا ئۈزۈپ، جىلتا ئېچىپ ، تۈگرە تۈگۈپ ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ. قىيمىغا بىر تال قىزىلمۇچ توغرىۋەتسەك تېخىمۇ كۆركەم بولىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇققا مايىل
Tags: