يېشىل چۆچۈرە
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلىرى:ئاق ئۇندىن 500 گرام،پالەك يوپۇرمىقىدىن 50 گرام،توخۇنىڭ تۆش گۆشىدىن200 گرام،كولباسا (كالىنىڭ)دىن200 گرام،قارا قېرىنقۇلاقتىن 10 گرام،پىشـشىق ئاق ئاشتىن (گاڭپەن)100 گرام،كۈنجۈت يېغىدىن 10 گرام توخۇنىڭ ئۇستىخىنىدىن 300 گرام،خام تۇخۇمدىن بىر دانە؛تۇز،ئاقمۇچ،يۇمغاقسۈتلەردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:پالەك يوپۇرمىقىنى يۇمشاق چاناپ،داكىدا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ،ئازراق تۇز ،تۇخۇم ئېقى ۋەسۇلارنى ئۇنغا قۇيۇپ يېشىل رەڭلىك خېمىر يۇغۇرۇپ تىندۇرۇپ قويىمىز.2.توخۇ ئۇستىخىنىنى قازانغا سېلىپ شورپا قاينىتىپ قويىمىز،توخۇ گۆشى،قارا قېرىنقۇلاق ،كولباسانى ئايرىم- ئايرىم ئۇششاق توغراپ،ئاق ئاش،تۇز،ئاقمۇچ،تېتىتقۇ،كۈنقۈت يېغى بىلەن ھەممىسىنى قوشۇپ،قىيما تەييارلايمىز.3.يېشىل خېمىرغا قايتا ئىشلەپ نېپىز يېيىپ،ئۆلچەملىك كېسىپ،قىيمىنى سېلىپ تۈگۈپ،توخۇ شورپىسىغاسېلىپ پىشۇرۇپ،تۇز تەمىنى تەڭشەپ،تۇزـ تەمىنى تەڭشەپ ئستىمال قىلساق بولىدۇ.