ھاياتلىق يانبىلوگى

ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
ئاۋات يازمىلار

كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۇسۇللىرى

كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۇسۇللىرى

ۋاقتى: 2014-05-12 ئاۋاتلىقى: 493 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆز مېيى ياكى تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش مەلھىمىنى سۈركەپ، كۆز ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ نەمخۇش تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تېرىنى يۇمشىتىپ، قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ياخشى ئۇخلىيالماي قاپاق ئىششىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياستۇقنى مۇۋاپىق ئېگىزلىكتە قويۇش كېرەك. بۇ يۈز قىسمىدىكى تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىلىق.جۈخۇا گۈلىدىن ياسالغان ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك. جۈخۇا گۈلىنىڭ جىگەرنى ياخشىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئىششىق قايتۇرۇش، زەھەر ياندۇرۇش رولى بار. ئەگەر كۆزنىڭ ئەتراپىدىكى تېرە سەل قىزىرىپ ئىششىپ قالغان بولسا، 10 گرام سېرىق جۈخۇا گۈلىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە تېز ئۈنۈم بېرىدۇ.
بەرەڭگە (ياڭيۇ)نى كۆزگە تېڭىش كېرەك. بىر دانە ئاقلانغان بەرەڭگىنى ئېزىپ داكىغا ئوراپ، كۆز ئەتراپىدىكى تېرىگە بەش مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە تېڭىش كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىششىقنى ياندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار.

 

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ يېشىل ھايات سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق ئورگان يانبىلوگ. مەزكۇر يانبىلوگ ئارقىلىق شىركىتىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، خەۋەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.

باھالار

ئىسمىڭىز: