ھاياتلىق يانبىلوگى

ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
ئاۋات يازمىلار

چېنىقىش جەريانىدا مېۋە سۈيىنى ئاز ئىچىڭ

چېنىقىش جەريانىدا مېۋە سۈيىنى ئاز ئىچىڭ

ۋاقتى: 2014-05-12 ئاۋاتلىقى: 474 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

بەزىلەر بەدەن چېنىقتۇرغاندا مېۋە سۈيىنى كۆپ ئىچىدۇ . ئۇلار مېۋە سۈيىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت بار ، چېنىققاندا مېۋە سۈيىنى كۆپرەك ئىچسە ، ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماستىن ، يەنە قەنتنىمۇ تولۇقلاپ ، ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ .
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، مېۋە سۈيى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت بولۇپ ، بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاشتا ياخشى رول ئوينايدۇ . ئەمما بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئەڭ كۆپ خورايدىغىنى يەنىلا سۇ بولغاچقا ، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا سۇ تولۇقلاش زۆرۈر . ئەگەر شارائىت يار بەرسە ، ئازراق تۇز سېلىنغان سۇ ئىچسە ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
بەزى كىشلەر ئادەم چېنىققاندا بەدەن قەنتنى خورىتىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ . شۇڭا ، چېنىقىش داۋامىدا مېۋە سۈيى ئىچىپ قەنت تولۇقلاش زۆرۈر ، دەپ قارايدۇ .ئەمەلىيەتتە چېنىقىش داۋامىدا قەنت تولۇقلىسا ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا رول ئوينىشى ناتايىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھەرىكەت قىلىۋېتىپ مېۋە سۈيى ئىچسە ، ئادەمنى تېخىمۇ ئۇسسىتىۋېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن چېنىقىش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا ، مېۋە سۈيى تەركىبىدىكى قەنتنىڭ قۇيۇقلۇقى ئادەتتە %10—%40 بولۇپ ، چېنىقىش جەريانىدا مېۋە سۈيى ئىچسە ، قەنت تولۇقلاش ئۈنۈملۈك بولمايلا قالماي ، بەلكى يەنە ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردىكى قان ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا سەرپ قىلىنىپ ، مۇسكۇللارغا يەتكۈزۈلىدىغان قان ، ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئازىيىپ ، ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ئەمەلىيەتتە چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن ، مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە سۈيى ئىچسە بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ ، ھاردۇق چىقىرىدۇ.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ يېشىل ھايات سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق ئورگان يانبىلوگ. مەزكۇر يانبىلوگ ئارقىلىق شىركىتىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، خەۋەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.

باھالار

ئىسمىڭىز: