ھاياتلىق يانبىلوگى

ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
ئاۋات يازمىلار

دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشتىكى ئۈچ خىل خاتالىق

دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشتىكى ئۈچ خىل خاتالىق

ۋاقتى: 2014-05-14 ئاۋاتلىقى: 390 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۈرۈچ، ئۇن، قارا ئاشلىق قاتارلىقلار دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بولۇپ، تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى . ئەمما تۆۋەندىكىدەك خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىش لازىم: گۈرۈچ، ئۇن قانچىكى ئاق بولسا شۇنچە ياخشى دەيدىغان خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك . نۆۋەتتە ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغاچقا، گۈرۈچ ۋە ئۇن يۇقىرى دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەنمەكتە. ئوزۇقلۇق ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دانلىق زىرائەت سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ كېپەك، ئالېئورۇن قەۋىتى، تۆرەلمە ۋە تۆرەلمە سۈتى دەپ تۆت بۆلەككە بۆلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشىمايدۇ. كېپەك سېلليۇزا ۋە يېرىم سېلليۇزا، مېنېرال ماددىلاردىن تەركىب تاپقان. ئالىئورۇن قەۋىتىدە ئاقسىل ۋە B تۈرىدىكى ۋېتامىن بار. تۆرەلمىدە ۋىتامىن B ۋە ۋېتامىن E مول، يەنە ياغ، ئاقسىل، كاربون سۇ بېرىكمىلىرى ۋە مېنېرال ماددىلار بار. تۆرەلمە سۈتى تەركىبىدە كراخمال ۋە ئاز مىقداردا ئاقسىل بار. شۇڭا ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپ، كېپەك ۋە ئاللېئورۇن قەۋىتىنى كۆپلەپ چىقىرىۋېتىش، ئەمەلىيەتتە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.
   گۈرۈچ، ئۇن، ياڭيۇ قاتارلىق تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بار يېمەكلىكلەر ئاسان سەمىرتىدۇ دەيدىغان خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك. سەمىرىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئېنېرگىيىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى. ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل ۋە ياغدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ئىچىدە ئېنېرگىيە ئېشىپ، كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى يۇقىرىراقى ياغ.
 ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى قانچە ئاز يېسە، شۇنچە ياخشى دەيدىغان خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك. گۈرۈچ ۋە ئۇن تائاملىرى تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بەدەندە گليۇكوزىغا ئايلىنىپ، قانغا كىرىپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر قان قەنتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ دائىم گۈرۈچ، ئۇن تائاملىرىنى ئاز يەيدۇ. ئەمما كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئورگانىزىم خىزمىتىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبە بولۇپ، بەدەن ئاسان پايدىلىنالايدۇ. ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە ئاسانلا ياغقا ئايلىنىپ، بەدەندە يىغىلىدۇ.

 

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ يېشىل ھايات سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق ئورگان يانبىلوگ. مەزكۇر يانبىلوگ ئارقىلىق شىركىتىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، خەۋەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.

باھالار

ئىسمىڭىز: