تاتلىق ئىچىملىكنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بوغۇمغا زىيانلىق
ۋاقتى: 2014-05-14
ئاۋاتلىقى: 394 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى ئاممىۋى ساغلاملىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئوخشىمىغان ئىككى مەزگىلدە 173 مىڭ ئايالنىڭ يىمەك- ئىچمىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. ھەر تۆت يىلدا سىناققا قاتناشقانلار ئۆزلىرىنىڭ تەركىبىدە شېكەر بار كولا ۋە سودا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان. تەتقىقات مەزگىلىدە،
جەمئىي 883 نەپەر ئايالغا رېماتىزىم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان. تەتقىقاتچىلار ھەر كۈنى بىر بوتۇلكا ياكى بىر بوتۇلكىدىن ئارتۇق شېكەر تەركىبى بار ئىچىملىكنى ئىچكەنلەرنىڭ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خيىم-خەتىرىنىڭ ھەر ئايدا پەقەت بىرلا قېتىم شېكەر تەركىبى بار ئىچىملىكنى ئىچكەن ياكى شېكەر تەركىبى بار ئىچىملىكنى ئىچمىگەنلەردىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار
بۇ تاتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ چوقۇم رېماتىزىم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى سىناققا قاتناشقانلارنىڭ باشقا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دېگەن.
Tags: