ئەينەككە قاراپ دىئاگنوز قويۇش
يانفوندا كۆرۈش
كۆز چانىقىڭىز قىزىرىپ، ئىششىپ قالسا، بۆرەك ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ، قاپىقىڭىز تارتسا، روھىي جەھەتتىكى ھارغانلىقنىڭ، كۆزىڭىز غۇۋالاشسا، چارچاپ كەتكەنلىكنىڭ، قاپىقىڭىزدا ئاق سىزىق بولسا، خولېرېرى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
تېرىڭىزدە ئاق داغ بولسا، ۋىتامىنB ۋە ۋىتامىنCكەملىكىنىڭ، تېرىڭىز قۇرغاقلاشسا، تېرە ئېھتىياجلىق بولغان ياغ كىسلاتاسى كەمچىل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
تىلىڭىز قىزىرىپ قالسا، ۋىتامىنB1 كەملىكىنىڭ، ئاقىرىپ قالسا، ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئىپادىسى.
بۇرنىڭىزغا ئەسۋە چىقىپ قالسا، ئىممۇنېت سىستېمىڭىز قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىققان قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى بولۇشى مۇمكىن.
چىش مىلىكىڭىز قانىسا، ۋىتامىنC كەملىكىنىڭ ئىپادىسى. كالپۇكىڭىز سارغىيىپ قالسا، يۈرەك زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
كالپۇكىڭىز يېرىلىپ كەتسە، ۋىتامىنB2 كەملىكىنىڭ، زەمبىرۇغلۇق ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىنىڭ ياكى لىۋسۇرۇخ رېئاكسىيە قىلغانلىقىنىڭ، كۆكىرىپ قالسا، قاندىكى ئوكسېگىننىڭ كەملىكىنىڭ ئىپادىسى.
قېشىڭىز شالاڭلىشىپ قالسا، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
قۇلىقىڭىزنىڭ گىرۋىكى قېتىپ قالسا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بلمىغانلىقتىن بولىدۇ.