كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-24

    قەشقەرنىڭ چىڭ ئىمپىريىسىگە قۇشۇۋېلىنىشى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    رېنې گرۇسسې (فىرانسىيە)

    بىزگە مەلۇمكى يەركەنىتنى پايتەخىت قىلغان قەشقەردە 1755-يىلىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان دىنىدىكى بىر دۆلەت بارلىققا كەلگەنىدى.بۇ دۆلەت قارا تاغلىقلار جەمەتى ئىلىكىدىكى ۋە جۇڭغار خان-بەگلىرىنىڭ ئەمەلي ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىدى.قارا تاغلىق خوجا دانىيال ئۆلگەندىن كېيىن،جۇڭغار خانى غالدان سەرەڭ دانىيالنڭ دۆلىتىنى خوجىنىڭ تۆت ئوغلىغا بۈلۈپ بەردى.يەركەنىتنى جاھانغا،قەشقەرنى يۈسۈپكە،ئاقسۇنى ئايۇپقا،خوتەننى ئابدۇللاغا بۈلۈپ بەردى.جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا خانلىق تەخىتنى تالىشىپ قالايمىقان ئۇرۇشقاندا،تەقۋادار مۇسۇلمان يۈسۈپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەشقەرنى ‹‹كاپىرلار›› نىڭ ھامىيلىقىدىن ئازاد قىلدى (1753-1754-يىلغىچە).1755-يىلى ئامۇرسانا قوماندان بەندى بىلەن ياخشى ئۈتۈۋاتقان چاغدا،يەنە بىر خوجا جەمەتى ئاق تاغلىقلاردىن پايدىلىنىپ،بۇ جەمەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي دۈشمىنى قارا تاغلىقلارنىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتۇرماقچى بولدى.ئاق تاغلىق خوجا جەمەتى 1720-يىلدىن باشلاپ جۇڭغارلار تەرىپىدىن غۇلجىدا نەزەربەنىت قىلىنغانىدى.ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى چوڭ خوجا بۇرھانىدىن بىلەن ئىنىسى كىچىك خوجا جاھان ئامۇرسانانىڭ تەكلىپىنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى.بۇرھانىدىن ئامۇرسانا ۋە چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى بەرگەن بىر قۇشۇننى باشلاپ،ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ قارا تاغلىقلارنىڭ قولىدىن ئۈچتۇرپان، قەشقەر،يەركەنىتنى يەنى پۈتكۈل قەشقەرنىڭ ھەممە زىمىنلىرىنى تارتىۋالدى.

    قەشقەر رايۇنىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىللىگەندىن كېيىن،بۇرھانىدىن ۋە خوجا ئامۇرسانا بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئوتتۇرسىدا تۇقۇنۇش پەيدا بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،جۇڭغار ۋە چىڭ سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى.ئارقىدىنلا چىڭ سۇلالىسىنىڭ بىر قۇشۇنىنى قىرىپ تاشلىدى(1757-يىلى كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا).لېكىن ئۇلار پەقەت ۋاقىتلىق ھوقوققىلا ئىرىشكەن ئىدى.چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى جۇڭغارىيىنى ئۆزىگە قۇشۇۋالغاندىن كېيىن ئىككى خوجىغا ھۇجۇم قىلدى.1758-يىلى،قوماندان جاۋ خۇينىڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى ئېلىدىن جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ تارىم دەرياسى ۋادىسىغا كەلدى.خوجا جاھان كۇچاردا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەركەنىتكە چىكىنىپ جان پىدالىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى.بۇرھانىد