ئەمگەك توختامى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپى نېمە؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەك توختامى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپى نېمە؟
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 3-ماددىسىدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپى تۆۋەندىكى 5 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان: 1.قانۇنلۇق بولۇش؛ 2.ئادىل بولۇش؛ 3.باراۋەر ھەم ئىختىيارىي بولۇش؛ 4.مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولۇش؛ 5.سەمىمىي، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بولۇش. «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 17-ماددىسىدا تۇرغۇزۇلغان ئەمگەك توختامى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپىدا بولسا پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇنلا بار: 1.باراۋەر ھەم ئىختىيارىي بولۇش؛ 2.مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولۇش؛ 3.قانۇنغا خىلاپ بولماسلىق.
ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»غا «ئادىل بولۇش»، «سەمىمىي، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بولۇش» دېگەن بەلگىلىمە قوشۇلغان. بۇنداق بەلگىلەش «ئادىل بولۇش»نىڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن، «سەمىمىي، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بولۇش» بولسا سەمىمىيلىك گۈزەل ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.