ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قەھرىماننىڭ ئاھ-زارى (ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئويلىنىشلار)

قەھرىماننىڭ ئاھ-زارى (ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئويلىنىشلار)

ۋاقتى: 2016-10-22 ئاۋاتلىقى: 9548 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت (ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت)
بۈگۈن ئۈندىداردىن ئابدۇسەمەد ئىمىن كۆك تېكىننىڭ «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى؟»، «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز» ناملىق ئىككى پارچە قەلەم تىۋىشىغا كۆز يۈگۈرتتۇم. بۇ ئىككى پارچە يازمىنىڭ ھەر ئىككىلىسى تېخى ئالدىنقى كۈنى قەلبىمىزنى چوڭقۇر دەرت، ئۆكۈنۈشتە قالدۇرۇپ، جىمجىتلا بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان قەھرىمانىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ تىنىقىنىڭ توختىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
ئىككى پارچە يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئاللىبۇرۇن 30 مىڭدىن ھالقىپ كەتكەن ئىكەن. دېمەك بۇ يازمىنى نۇرغۇن ئادەم كۆرگەنلىكى ئېنىق. لېكىن باشقىلار بۇ قەلەم تىۋىشى، ياق بىر قەھرىماننىڭ قەلب تىۋىشىنى قانداق چۈشەندى بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئەمما مەن بۇ ئىككى پارچە يازمىدىن نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە قاتتىق ئېچىندىم.

ئاپتۇر مەزكۇر ئىككى پارچە يازمىسىدا ئۇيغۇر تەنتەربىيەچىلىكىدە چاقنىغان 8 ئەزىمەتنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپتۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر پەقەت 6 نەپەرلا ئەزىمەتنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئاپتۇر يەنە ئۆز-ئۆزىگە «بىز شۇنداق جىقمۇ؟» دېگەن سوئالنى قايتا-قايتا قويغان. نېمە ئۈچۈن بۇنداق سوئال قويىدۇ؟ ئاپتۇر يەنە قاتتىق ئېچىنىشلىق ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ 20 يىل ئىلگىرىكى ناخشا، ناخشىچىلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى، ئەمما 10 يىل ئىلگىرىكى تەنتەربىيەچىلەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدەك ئاچچىق رىئاللىقنى بىزگە پۇرىتىپ ئۆتۈپ كەتكەن.
راست، گەپنى قىلسام، مەن مەزكۇر ئىككى پارچە ماقالىدە نامى تىلغا ئېلىنغان 8 ئەزىمەت، 8 قەھرىمان ئىچىدىن پەقەت شۇ يازما ساھىبى بولغان ئابدۇسەمەد ئىمىن كۆك تېكىننىلا تونۇيدىكەنمەن. قالغان 7 نەپەر قەھرىمانىمىزنى تونۇپ كەتمەيدىكەنمەن. (ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىمۇ مۇشۇ قېتىم بىز بىلەن ۋىدالاشقاندىلا ئاندىن تونۇپ يېتىپتىمەن.) ئابدۇسەمەد ئىمىن كۆك تېكىننىمۇ بەك بىلىپ كەتمەيمەن، پەقەت بىر قانچە قېتىملىق پىدائىيلار يىغىلىشىدا يۈز كۆرۈشكەن ھەم ئۈندىداردا بىر قانچە قېتىم ئەسسالاملاشقان ئىدۇق. ئۆزۈمچە ئويلىنىپ قالدىم، مەن بىخۇدمۇ جاھان ئىشلىرىدىن بىخەۋەر يۈرۈيدىغان ياكى جاھان بەك چوڭ، ئەمما مېنىڭ بىلىش ئىقتىدارىم ئەتراپىمدىكى ئىش-ھادىسىلەرنى بىلىشكە يەتمەمدۇ؟
ئويلاندىم، ئويلىنىپ بۇنىڭ جاۋابىنىمۇ تاپقان بولدۇم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بىلىش ئىقتىدارىم ئۇنچىۋالا ناچارمۇ ئەمەس، دۇنيامۇ ئۇنچىۋالا بەھەيۋەت چوڭ ئەمەس. بولۇپمۇ ئېنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ شەيئىنىڭ بارلىققا كېلىپ تەرەققىي قىلىشى دۇنيادىن ئىبارەت بۇ زور شەيئىنى بىر كىچىككىنە مەھەللىگە ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. چۈنكى بىز ئېنتېرنېتنى ۋاسىتە قىلىپ ئىشىكىمىزدىن چىقمايمۇ دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنالايمىز.
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپىمىزيۇ، ئەمما ئەتراپىمىزدا، ئۆز قەۋمىزدىن چىققان ئەشۇ بارماق بىلەن سانىساقمۇ بارمىقىمىز ئېشىپ قالىدىغان دۇنيا سەھنىسىدە ئۇتۇق قازىنىپ، بىر مەھەل مىللەتكە، ئۆز قەۋمىگە ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز ياكى بىلمەيمىز؟ بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەر بىرىمىزدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ قەلەمكەشلىرىمىز بىر مەھەل قاتتىق جانلانغان ئىدى. ئەمما ھازىر قارايدىغان بولساق قەلەمكەشلىرىمىز ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلماي، يېزىشقا تېگىشلىكنى يازماي، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ كەتتۇق. ئەگەر ھەممە ئادەم قولىدىن كېلىشىچە يازسا ئىدى، مەنچە ئاشۇ 20 يىل، 30 يىل ئىلگىرىكى ناخشىچى ۋە ناخشىلارنى ئۇنتۇمىغان خەلق، قەھرىمانلىرىمىزنىمۇ ئونۇتمىغان بولاتتى. ناخشىچىنى، ناخشىنى نېمە ئۈچۈن ئونۇتمايدۇ؟ چۈنكى كۈندە قولاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇرغاچقا، ئونۇتمايدۇ.
ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆز قولىدىن كېلىشىچە، ۋاقتىنىڭ يار بېرىشىچە يازغان بولسا ئىدى. مەنچە مەندەك تور دۇنياسىدا پەرۋاز قىلىپ، ئېنتېرنېت يېڭىلىقلىرىدىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى چوقۇم بىلگەن بولاتتىم دەپ ئويلايمەن.
ھازىرقى دەۋر ئۆتمۈشكە ئوخشىمايدۇ. ئۆتمۈشتە تېلېۋوزۇر، يانفون، گېزىت يوق مەزگىللەردە مەھەللىلەردە چوڭلار توپلىشىپ كۇلاڭ مەجلىسى (بۇ سۆز يەرلىك شىۋىمۇ بىلمىدىم، ئەمما بىزنىڭ يۇرتلاردا كۇلاڭ مەجلىسى دەيدىغان ئەھۋال بار) ئاچسا، شۇ يەردە ئولتۇرغانلار نۇرغۇن بىر نەرسە بىلىۋالاتتى. شۇڭا ئۆتمۈشتە بىزنىڭ مەدداھلىرىمىزمۇ ئۇچۇر تارقىتىشتا بەك مۇھىم رول ئوينايتتى. ھازىر ئۇنداق ئەمەس، ھەممە ئادەم «ئالدىراش» بولۇپ كەتتى، ئۇنداق كۇلاڭ مەجلىسىگە قاتنىشىدىغانغا ۋاقتى يوق. شۇڭا ھەممىنى شۇ تېلېۋىزور، ئېنتېرنېت، ئۈندىدار، گېزىت دېگەندەك شەيئىلەرنى ۋاسىتە قىلىپ بىلىمىز ھەم بىلگىنىمىزنى قورساققا تىقىپ قويۇپلا، بىلگەننى تەپەككۇر قىلىپ تەپەككۇرىمىزنى يېزىپ قالدۇرمايمىز. شۇڭا ئۇچۇر دەۋرىدە نۇرغۇن نەرسىنى بىلگەندەك قىلغان بىلەن، يەنە نۇرغۇن نەرسىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىمىز.
بۇنىڭدىن 4~5 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يېڭىچە بىر شەيئى بارلىققا كەلگەن ھەم ناھايىتى ساغلام تەرەققىي قىلىپ، زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ھەممە ئادەمدە بىلوگ يېزى قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ ھەممە بەس-بەستە بىلوگ يازىدىغان كەيپىيات ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. ئەمما ھەر خىل تېخىنىلىق مەسىلىلەر ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنە نۇرغۇن يازارمەنلەر تېخى بىلوگ يېزىپ بېقىشقا پۇرسەت بولمايلا، بۇ يېڭى شەيئى بوۋاق ھالىتىدىلا ئۈن-تېنسىز ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ھازىر قارايدىغان بولساق يېزىلىۋاتقان بىلوگلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ كەتتى. مۇنبەرلەردىمۇ يازىدىغانلار ئازلاپ كەتتى. ھازىر ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى ئۈندىدار بارلىققا كەلگەندە بولسا بىزدە تارقىتىدىغان نادىر مەزمۇنلار، ئۇچۇرلار ئازلاپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن ئازلاپ كەتتى؟ چۈنكى يازىدىغانلار يازماس بولدى، يازغانلار يازغىنىغا چۇشلۇق نەپكە ئېرىشەلمەي ئەكسىچە يازغىنىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بىسوراق ئىشلىتىلىپ، نۇرغۇن قورساق كۆپۈكى تېپىۋالدى.
ئەگەر ھەممە ئادەم يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق يېزىپ تۇرغان بولسا، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يېزىپ تۇرغان بولسا بەلكىم ئاشۇ قەھرىمانلىرىمىز بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بولساق، بەلكىم جەمئىيەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كېيىنكى پۇشايمانغا ھامىلە بولغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان بولاتتۇق. شۇڭا دەيمەن، يازايلى قېرىنداشلار، قولىمىزدىن كېلىشىچە يازايلى. بۇنىڭدىن كېيىن ئېنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە تۇرمۇشىمىزغا بولغان تەسىرىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. قانچىلىك يازساق بىزنىڭ ئېنتېرنېتتىكى ئانا تىلدا ئىپادىلەنگەن ئۇچۇرلار قانچە كۆپ بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىز يېزىپ قالدۇرغان تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئىزدەش ماتورىنىڭ ياردىمىدە قايتا-قايتا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ.
بۇلارنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ئىزدىنىشلىرىم، تىرىشىشلىرىمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ يەردە ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ئازراق ئۇچۇر بېرىپ ئۆتۈپ كېتەي.
مەن يۇمشاق ئېلان ۋاسىتىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقىلى 1 يىلدىن ئاشتى. مۇشۇ ساھەدە كۆپ ئىزدەندىم، ھەم كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەزىدە ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىمدە «يۇمشاق ئېلان» ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئۈزۈندىلەرنى يوللاپ قويسام نۇرغۇن قېرىنداشلار يۇمشاق ئېلان ئۇقۇمى، ئۇنىڭ رولى، ئۈنۈمى… دېگەنلەر ھەققىدە سوئاللارنى سوراشتى. مەن ئالدىراش ئەمەس ۋاقىتلاردا چۈشەنچە بەردىم، ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە چۈشەنچە بېرىشكە ئۈلگۈرمىدىم. شۇڭا بىرەر پارچە كىتاب يېزىپ بۇ ئۇقۇمنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاشۇ كىتابنى يېزىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا يۇمشاق ئېلان ئۇقۇمىنى بىلگەن بىلەن ئۇنى قانداق قوللىنىشقا شارائىت يارىتىش يەنە بىر ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىدى. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە بىر يىلدىن بىرى بىر تەرەپتىن يۇمشاق ئېلان چۈشەنچىسى ھەققىدە ئىزدەنسەم، يەنە بىر تەرەپتىن توختىماي ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ ئاخىرى بۇنىڭمۇ چارىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردىم. ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا پات ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرغان ئىلقۇت يانبىلوگ (خەنزۇچە ئىسمىنى 粉博 دەپ بېكىتتۇق. ھەم بۇ سۆز ھازىر ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىگە كىرگۈزۈلدى)سىستېمىسى دەل يۇمشاق ئېلاندىن قانداق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قورال بولۇپ قالغۇسى. شۇڭا بىر يىلدىن بىرى دەل مۇشۇ يۇمشاق ئېلان ئۇقۇمى، ئۇنىڭ رولى، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى، ئۇنىڭ ئۈنۈمى، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش، ئۇنى ئۆزىمىزگە قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش… دېگەندەك تېمىلاردا ئىزدىنىپ، قولۇمغا قەلەم ئېلىشقىمۇ پۇرسەت بولمىدى.
ئەگەر ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولۇپ، بىر يىلدىن بېرىقى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىجىسى بولغان يۇمشاق ئېلان ھەققىدىكى كىتابىم نەشردىن چىقىپ قالسا، شۇنىڭدەك ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى كۆپچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشلىسا، مەنچە نۇرغۇن مەسىلىلەر يەنىلا ئاستا-ئاستا ھەل بولۇپ كەتكۈسى دەپ قارايمەن.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى