ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ماركا ئېڭى ۋە ئۇيغۇرلار

ماركا ئېڭى ۋە ئۇيغۇرلار

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 8161 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن. خېلى بوپتۇ ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن قەلەم تەۋرىتىپ باقمىغىلى، بۈگۈن تۇرۇپلا قاملاشمىغان بولسىمۇ خام قەلەم بىلەن ئازراق تاقا-تۇقۇ پاراڭ قىلغۇم كېلىپ قالدى. مۇشۇ تاقا-تۇقۇ پاراڭلارنى قىلماي دەيمەنۇ لېكىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ مۇنۇ ئۆگۈتلىرىنى ئەسلىگىنىمدە يەنىلا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، ۋاقتىمنىڭ يار بېرىشىچە، قەلىمىم خام بولسىمۇ يەنىلا تاقا-تۇقۇ سۆزلەپ باققۇم كېلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز شۇنداق بىر ئۆگۈتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن:
ئەي دانا ئالىم، تىلىكىم كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن تېگىشلىك سۆزلىرىمنى يادىكار قالدۇرۇش ئىدى. ئەقىل قارشى چىقىپ: «دىققەت قىل، سۆزۈڭدە يېڭىلىشىپ قالساڭ ئۆزۈڭگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ. خەلقنىڭ تىلى يامان، ئۈستۈڭدە سۆز-چۆچەك بولىدۇ. ھەسەتخور كىشىلەر بولسا گۆشۈڭنى يەيدۇ.» دەپ ئېيتتى. تېخىمۇ ئوبدانراق ئويلاپ قاراپ يۈكۈمنى يەڭگىللەتتىم. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە: «ھەي سۈيۈپ، سۆزلەۋەرگىن، بار سۆزلىرىڭنى تۆككىن، ئىنساننىڭ نامى يېڭىلغانلىقى ئۈچۈن يالڭۇق (يالاڭۇق–قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئادەم» دېمەكتۇر، بۇ سۆز «يېڭىل» (يېقىلماق) سۆزىدىن ئېلىنغاچقا، ئادەم يېڭىلغاق، يەنى ئېزىپ، يېڭىلىپ تۇرىدىغان نەرسە دېمەكچى) ئاتالغان. يېڭىلىشىش ئىنسانغا دائىم ھەمراھ. ئېيتقىنا، بۇ دۇنيادا كىممۇ يېڭىلمەيدۇ. مەن ساڭا تۈمەن مىڭ يېڭىلغاننى كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن.» دېدىم. چۈنكى دۇنيادا بىلىملىكلەر ئاز، بىلىمسىزلەر كۆپ. ئەقىللىقلار ئاز، ئەقىلسىزلار تولا. بىلىمسىزلەر ھەر قاچان بىلىملىكلەرگە دۈشمەن. نادانلار ھەر قاچان ئالىملارغا قارشى. ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ كۆپ پەرقى بولىدۇ. بۇ پەرق پەقەت بىلىم بىلانلا ئۆلچىنىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا ئۇشبۇ سۆزلىرىمنى بىلىملىكلەر ئۈچۈن سۆزلىدىم، بىلىمسىزلەرنىڭ تىلىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. بىلىمسىزلەر بىلەن قىلىشىدىغان ھېچقانداق سۆزۈممۇ يوق. ھەي دانا، مەن سەندەك بىلىملىكلەرنىڭ قۇلى بولۇشنى خالايمەن. سەندىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ، بۇ سۆزلىرىمنى ئۆزرە بىلەن بايان قىلدىم. سۆزلىگۈچى ئازىدۇ ھەم يېڭىلىشىپ قالىدۇ. ئەقىللىقلار تۈزىتىپ ئاڭلايدۇ. بۇ سۆز دېگەن ھىڭگان تۆگىگە ئوخشاش قاياققا يېتىلىسە شۇ ياققا كېتىدۇ. سۆزنى بىلىپ سۆزلىگۈچىلەرمۇ كۆپ، ئۇنى توغرا چۈشىنىپ ئاڭلىيالايدىغانلار مەن ئۈچۈن بەك ئەزىزدۇر.
شۇڭا سۈيۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن ئىلھاملىنىپ كۆڭلۈمدە نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى تاقا-تۇقۇ قىلىپ باقاي دېدىم، ئەگەر سۆزۈمنىڭ تۇز-تەمى تازا ياخشى تەڭشەلمەي قالغان بولسا، كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر سىزنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئاز تولا «كوچا چىڭداش» پۇرسىتىڭىز بولۇپ قالسا، كوچا چىڭداۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئەتراپىڭىزغا سەللا دىققەت قىلسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدىكى كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى ھەممىسى دېگۈدەك «تۈركىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى XXXX» دېگەن ئىسىم بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. بىزنىڭ مىراس، مۆتىۋەر، ئىلچى… دېگەندەك كىيىم ماركىلىرىمىز ئانچە دىققەت ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندەكلا. مەن ئالدىنقى كۈنى دىققەتسىزلىكتىن ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىغىنىمدا، ئەتراپىمدىكى دوكانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىنىڭ «تۈركىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى XXXX» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالدىم.
بۇ يەردىكى XXXX دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەر خىللىقىدىن ئۆزۈمچە تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئادەتتىكى ئىملىق سۆزلىرىمۇ بىزگە كىرگەندە «داڭلىق» ماركا بولۇپ قالامدىكىن دەپ قالدىم. ماركا قىلىشقا ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىسىملار بار ئىدىغۇ. بىز نېمىشقا ئۆز تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى قېزىپ چىقىپ ماركا ياراتمايمىز؟ نېمىشقا بىزدىمۇ مىراس، مۆتىۋەر، ئىلچى … دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ماركىسى كۆپلەپ ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ؟ بىز قاچانغىچە ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق ماركىمىزنى يارىتالماي ھېلى تۈركىيەنىڭ «داڭلىق» ماركىسىغا، ھېلى كورىيەنىڭ «داڭلىق» ماركىسىغا، ھېلى يەنە بىر يەرنىڭ «داڭلىق» ماركىسىغا چوقۇنۇپ ئۆتىمىز؟ ئەجىبا بىزنىڭ تارىخىمىز ھېلى ھەممۇ بۇرنىمىزغا سۇ قۇيمىغانمىدۇ؟ باشقىلارنىڭ ماركىسى ھامان باشقىلارنىڭ ماركىسى، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ بولغانغا يەتمەيدۇ.

 
ئۆتمۈشتە بىزدە ماركا ئېڭى يېتىلمىگەنلىكتىن ھازىر شۇ بالدۇر ماركا تىكلىمىگەنلىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز، ئەجىبا بىز كەلگۈسىدىمۇ ئەۋلادلىرىمىزغا يەنىلا شۇ «ئۆتمۈشتىكى يېتىلمىگەن ماركا ئېڭى»نىڭ دەردىنى تارتقۇزۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئەۋلادىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەڭگۈ ئۆزىنىڭ پەخرلەنگۈدەك ماركىسى يوق ئۆتۈپ كېتىشى كېرەكمۇ؟
مەسىلىنى سەل چوڭقۇرلاپ ئانالىز قىلساق، بىزدە ئاشۇ «تۈركىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى XXXX»نىڭ ئاۋۇپ كېتىشى ھەرگىزمۇ ئاشۇ ئىسىمنى ئېسىپ دۇكان ئاچقانلاردا ئەمەس، بەلكى مەسىلىنىڭ نىگىزە ھەر بىرىمىزدە. ئەگەر ئىستېمالچى ھېسابلانغان بىزلەر ئاشۇ ئاتالمىش تۈركىيەنىڭ «داڭلىق» ماركىسىغا چوقۇنمىساق، ئۆزىمىزنىڭ ماركىلىرىنى قەدىرلەپ ئۇنىڭ قەدرىگە يەتسەك، ماركا يارىتىش ئېڭى بارلارمۇ مەجبۇرى ھالدا ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشقا تىرىشىدۇ ئەگەر شۇنداق قىلمىسا ئۇلار بازار تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.
شۇڭا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، كەڭ ئىستېمالچى ھېسابلانغان ھەر بىرىمىز ئىمكان بار باشقىلارنىڭ ماركىسىغا زىيادە چوقۇنۇپ كەتمىسەك، ئۆزىمىزنىڭ ماركىلىرىنى قەدىرلىسەك. ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق ئاشۇ ئاتالمىش «تۈركىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى XXXX»نىڭ ھەقىقىي تۈركىيەدە ئىشلەنگەن مەھسۇلات ئىكەنلىكى ناتايىن، كۆپ قىسمى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. مەن مىراس شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان بىرقانچە قېرىندىشىمىز بىلەن كۆپرەك بىرگە بولۇش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي مىراس كىيىم-كېچەكلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ھەم مەقسەتلىك ھالدا مىراس كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىغا بېرىپ ئارىلاپ باقتىم. قارايدىغان بولسام ئەمەلىيەتتە مىراسنىڭ نۇرغۇن كىيىم نۇسخىلىرى ئاشۇ «تۈركىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى XXXX»دىنمۇ قېلىشمىغۇدەك ئىكەن.
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ تۈركلەردىن كەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. ئەگەر ئوخشاش شارائىت تەمىنلەنسە، تۈرك بىلەن ئۇيغۇرنى ئوخشاش ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بۇيرۇسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتتە تۈركلەرگە يېڭىلمايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچىم بار. سەن زادى نېمە دېمەكچى دېيىلسە، مەن دېمەكچى، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ماركىلىرىمۇ ئاشۇ تۈركلەرنىڭ ماركىسىدەك قەدىرلەنسە، ئۇيغۇرلارمۇ ئاشۇ تۈركلەردەك شارائىتقا ئېرىشسە، ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇرلار تۈركلەردىن داڭلىق ماركىلارنى يارىتالايدۇ. بۇنىڭغا تارىختا ئۆتكەن مۇسابايۇفلارنى مىسال قىلىشىمىز مۇمكىن. پەقەت ئۇيغۇرلار چۈشكۈنلۈك ئېڭىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىنى بىلىم، كەسپىي ساپا بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى يارىتىشقا كۆپرەك ۋاقتىنى، زېھنىنى سەرپ قىلسا، ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلاردىمۇ دۇنياۋى داڭلىق ماركىلار بارلىققا كېلىشى تامامەن مۇمكىن.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى