ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشر قىلىش چۈشى (2)

ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشر قىلىش چۈشى (2)

ۋاقتى: 2016-10-01 ئاۋاتلىقى: 19544 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

داۋامى…
ئاپتۇر روبېرىت كىيۇساكىنىڭ ئىلگىرى نەشىردىن چىققان كىتابلىرىدىن «باي دادام نامرات دادام»، «باي دادا مالىيە ئەركىنلىك يولى» دېگەن كىتابلار نەشىردىن چىقىپ ئاشۇ «چەتئەل كىتابلىرىغا مۇھتاج بولمىغان ئۇيغۇلار» بازىرىدا شۇنداق يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، ئەمدى ئاشۇ كىتابلارنىڭ داۋامى بولغان مۇنۇ «باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن ( 富爸爸提高你的财商)» ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ شىنخۇا كىتابخانىلىرىمزدا ھەر چوڭ توم-توم بولۇپ كىتابخانىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىدا تىزىقلىق تۇرغان چەتئەلنىڭ رومان، پوۋىستلىرىغا ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق ئىكەنۇ ئەمدى مۇنۇ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىسادقا ئائىت مەزمۇندىكى كىتابقا ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق ئەمەسمىكەن؟ ئەگەر ئاۋۇ بۆلۈم باشلىقى «باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن ( 富爸爸提高你的财商)» ناملىق بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئاز-تۇلا ئوقۇپ باققان بولسا ئىدى كاشكى، لېكىن ئۇ بۇنداق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن كىتابنىڭ ئىسمىغا قاراپلا «سېنىڭ تەرجىمە قىلغىنىڭ چەتئەلنىڭ كىتاب ئىكەن، ئۇنداقچى، مۇنداقچى» دەپ باھانە سەۋەب كۆرسەتسە، بىزدەك تېخى مەكتەپ قوينىدىن ئاجرىمىغان، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ بوسۇغۇسىدىن قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان بالىلارغا قانداق قىلىش ھەققىدە يول كۆرسەتمەي، ئەكسىچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاز-تۇلا ئىش قىلايلى دەپ بىر نىيەتكە كەلگەنلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇغۇق سۇ سېپىپ يۈرسە بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن سۆز ئاچقىلى بۇلامدۇ؟ قىسقىسى بىزنىڭ مىللىتىمىز، رايۇنىمىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسەلمىسە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ، تەرەققىيات جەھەتتە ئارقىدا قېلىپ، دائىم دۆلىتىمىزنىڭ GDP نىڭ ئېشىشىغا تەسىر قىلىپ كېلىۋاتقان يۇرتىمىزنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان نەشىرىياتلارنىڭ ھالى مۇشۇنداق تۇرسا، بىزدە يەنە «يۈكسىلىش» دېگەن ئۇقۇمدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ (نەشىرىياتلار يۇرتىمىزنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتەلمىگەن قېرىنداشلار بولسا، مېنىڭ يازماقچى بولغان كىيىنكىن تېمىلىرىمنىڭ بىرى «ئۇيغۇرلار نېمىگە مۇھتاج» دېگەن ماقالەمگە دىققەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.) مەن ئۇ بۆلۈم باشلىقىنىڭ بۇ كۆرسەتكەن سەۋەب-باھانىسىنى ئاڭلاپ ئىچىمگە ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك كۈلكە كىرىۋالدى. شۇڭا مەن ئىچىمدە: « باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن ( 富爸爸提高你的财商)» بۇ چەتئەللىك يازغان كىتاب بولسا ئۆز دۆلىتىمىزدىكىلەر يازغان ماتىرىيالغا نېمە دەيدىكىن؟» دەپ ئويلاپ يەنىلا ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ چىققان دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ «جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان خەت (写给中国学生的信)» ناملىق بىر يۈرۈش ماقالىسىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ بېسىپ چىقىرىلغان ماتىرىيالىنى بۇ بۆلۈم باشلىقىغا بەرسەم ئۇ ماتىرىيالنى كۆرمەي تۇرۇپلا، ئىسمىنىلا كۆرۈپ: «بۇ ماتىرىيالنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ئەگەر سىز 2005-يىلى ئەكەلگەن بولسىڭىز بىز نەشىردىن چىقارغان بۇلاتتۇق، لېكىن بۇ ماتىرىيالنىڭ ھازىر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. يەنە كېلىپ لى كەيفۇنىڭ خەنزۇچە كىتابلىرى بار، ئۇنىڭ ماقالىسى ياخشى ئەمەس.» دېمەسمۇ، مېنى تېخىمۇ كۈلكە تۇتتى. دوكتۇر لى كەيفۇ «جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان خەت (写给中国学生的信)» ناملىق بىر يۈرۈش ماقالىسىنىڭ بىرىنچى پارچىسىنى گەرچە 2000-يىلىدىن باشلاپ يازغان بۇلسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى 7-پارچىسىنى 2008-يىلى 12-ئايدا تاماملىغان. بۇ خەت جەمئىي 7 پارچە بولۇپ، ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىمىز ھازىرغىچە ئالتە پارچىسىنى تۇلۇق تەرجىمە قىلىپ بولدى، يەتتىنچى پارچىسى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. ئالدىنقى بەش پارچىسى ئاللىبۇرۇن تەھرىرلىك خىزمىتىدىن ئۆتۈپ، ئېلكىتاب قىلىپ توردا تۇلۇق تارقىتىلدى.
دوكتۇر لى كەيفۇ نىڭ بۇ يەتتە پارچە خېتىنىڭ ھازىرغا قەدەر توردىكى كۆرۈلۈش سانى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

تۆۋەندە ئۇنىڭ يەتتە پارچە خېتىنىڭ سىنا تورىدىكى دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ بلوگىدىكى ۋە دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قۇرغان «مەن ئۆگىنىمەن تورى(www.5xue.com)» دىكى كۆرۈلۈش سانى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ بۈگۈنگىچە (2010-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى) بولغان زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
بىرىنچى پاچە خەت: «سەمىمىيلىكتىن باشلاش (从诚信谈起)» ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2000-يىلى 4-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 89795 ئادەم قېتىم.
«مەن ئۆگىنىمەن» تورىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 49009 ئادەم قېتىم
ئىككىنچى پارچە خەت: «ئەلالىقتىن ئىلغارلىققىچە (从优秀到卓越)» ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2003-يىلى 12-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 62298 ئادەم قېتىم
«مەن ئۆگىنىمەن» تورىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 36169 ئادەم قېتىم
ئۈچىنچى پارچە خەت: «مۇۋاپىقىيەت، ئۆزىگە ئىشىنىش، خوشاللىق (成功、自信、快乐)» ئالدىنقى يېرىم بۆلىكى، ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2004-يىلى 5-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 58287 ئادەم قېتىم
«مەن ئۆگىنىمەن» تورىدىكى كۆرۈلۈش سانى (پۈتۈن قىسمى): 33500 ئادەم قېتىم
ئۈچىنچى پارچە خەت: «مۇۋاپىقىيەت، ئۆزىگە ئىشىنىش، خوشاللىق (成功、自信、快乐)» كىيىنكى يېرىم بۆلىكى، ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2004-يىلى 5-ئاي
كۆرۈلۈشى: 48601 ئادەم قېتىم
تۆتىنچى پارچە خەت: «ئالىي مەكتەپ تۆت يىللىق ھاياتىنى مۇنداق ئۆتكۈزۈش كېرەك (大学四年应该这样度过)» ئالدىنقى يېرىم بۆلىكى، ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2005-يىلى 2-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 84032 ئادەم قېتىم
«مەن ئۆگىنىمەن» تورىدىكى كۆرۈلۈش سانى (پۈتۈن قىسمى): 48006 ئادەم قېتىم
تۆتىنچى پارچە خەت: «ئالىي مەكتەپ تۆت يىللىق ھاياتىنى مۇنداق ئۆتكۈزۈش كېرەك (大学四年应该这样度过)» كىيىنكى يېرىم بۆلىكى، ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2005-يىلى 2-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 61823 ئادەم قېتىم
بەشىنچى پارچە خەت: «سىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىڭىز بار (你有选择的权利)» ئالدىنقى يېرىم بۆلىكى، ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2005-يىلى 12-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 55859 ئادەم قېتىم
«مەن ئۆگىنىمەن» تورىدىكى كۆرۈلۈش سانى (پۈتۈن قىسمى): 35752 ئادەم قېتىم
بەشىنچى پارچە خەت: «سىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىڭىز بار (你有选择的权利)» كىيىنكى يېرىم بۆلىكى، ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2005-يىلى 12-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 32809 ئادەم قېتىم
ئالتىنىچى پارچە خەت: «تاللاش ئىدراكى (选择的智慧)» 1- بۆلەك، ئىلان قىلىنغان ۋاقىت: 2006-يىلى 9-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 88603 ئادەم قېتىم
«مەن ئۆگىنىمەن» تورىدىكى كۆرۈلۈش سانى (پۈتۈن قىسمى): 23923 ئادەم قېتىم
ئالتىنىچى پارچە خەت: «تاللاش ئىدراكى (选择的智慧)» 2- بۆلەك، ئىلان قىلىنغان ۋاقىت: 2006-يىلى 9-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 42002 ئادەم قېتىم
ئالتىنىچى پارچە خەت: «تاللاش ئىدراكى (选择的智慧)» 3- بۆلەك، ئىلان قىلىنغان ۋاقىت: 2006-يىلى 9-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 32670 ئادەم قېتىم
ئالتىنىچى پارچە خەت: «تاللاش ئىدراكى (选择的智慧)» 4- بۆلەك، ئىلان قىلىنغان ۋاقىت: 2006-يىلى 9-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 35114 ئادەم قېتىم
ئالتىنىچى پارچە خەت: «تاللاش ئىدراكى (选择的智慧)» 5- بۆلەك، ئىلان قىلىنغان ۋاقىت: 2006-يىلى 9-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 46385 ئادەم قېتىم
يەتتىنچى پارچە خەت: «21-ئەسىردە ئەڭ ئېھتىياجلىق 7 خىل ئىختىساس ئىگىسى (21世纪最需要的7种人才)» ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2008-يىلى 5-ئاي
سىنا بلوگىدىكى كۆرۈلۈش سانى: 233770 ئادەم قېتىم
«مەن ئۆگىنىمەن» تورىدىكى كۆرۈلۈش سانى (پۈتۈن قىسمى): 69826 ئادەم قېتىم
ئەسكەرتىش:
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار پەقەت دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ ئۆزى قۇرۇپ چىققان تور بىكەت «مەن ئۆگىنىمەن» تورى ۋە ئۇنىڭ سىنا تورىدىكى شەخسىي بلوگىدىكىلا سانلىق مەلۇمات، ئەمما مەزكۇر قالىلەرنى باشقا تور بىكەتلەرگە كۆچۈرگەن بەتلەردىكى كۆرۈلۈش سانى بۇ قېتىمقى سانلىق مەلۇماتلار ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى.
دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش سانى شۇنچىلىك يۇقىرى، لېكىن بىزلەر بىرەر تور بىكەت قۇرۇپ بىرەر يىل ماقالە-ئەسەر يوللىساقمۇ دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ بىر پارچە ماقالىسىدەك يۇقىرى زىيارەت قىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلالامدۇق؟ مېنىڭچە بۇنىڭ جاۋابى مۇجمەل قىلىپ ئېيتقاندا «ئاسان ئەمەس.» بولسا كېرەك. يۇقىرىقى ماقالىلەر شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن، ئەمدى ئۇ بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە يېتىپ كەلگەندە ۋاختى ئۆتتىمۇ؟ ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاختىدىنمۇ شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خېتى، يەنى يەتتىنچى پارچە خېتى تېخى 2008-يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان.
ئەجىبا بۇنىڭدىن كىيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟ بىزغۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز ئاخىرلاشقاندا ئاندىن بۇ ماقالىلەرنى بايقاپ ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن «نېمىشقىمۇ بۇرۇنراق ئوقۇمىغاندىمەن.» دەپ پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالمىغان ۋاقىتتا، «بىزنىڭ كەينىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ ئىنى- سىڭىللىرىمىزمۇ بىزگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلمىسۇن، ئەقەللىسى ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتىنى تىققان ئورەككە ئىككىنچى قېتىم پۇتىنى تىقمايدىكەن، شۇڭا بىزنىڭ ئىنى-سىڭىللىرىمىزمۇ بىزگە ئوخشاش ئەگرى-تۇقايلىق باسقۇچنى باشتىن كەچۈرمىسۇن.» دېگەن ئۈمىدتە زور غەيرەتكە كېلىپ جاپالىق تەرجىمە قىلىپ چىققان ماتىرىياللار ئەمدى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بارغاندا ۋاختى ئۆتتى؟ ئەگەر مۇشۇ كۈلكىلىك سۆزنى ئاشۇ دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ ماقالىلىرىنى ھازىرمۇ ناھايىتى بېرىلىپ كۆرىدىغانلار ئاڭلىسا نېمە دەر ھە!!…
مەن بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دەپ، بۇ يىلدىن بىرى ئىشلەپ كېلىۋاتقان (خەنزۇچە ماتىرىيالدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا، ئاساسەن تەرجىمە دېسەكمۇ بولىدۇ) « Microsoft Office Excel 2007 نىڭ رەسىملىك تۇلۇق ئۆگىتىش» دەرسلىكىنىڭ ئۇيغۇرچە ماتىرىيالىنىڭ بېسىپ چىقارغان نۇسخىسىنى بۇ بۆلۈم باشلىقىغا بەرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ سەۋەبى تېخىمۇ كۈلكىلىك بولۇپ چىقتى. ئۇ ماتىرىيالنى قولىغا ئېلىپ، مەندىن «سەن مۇتەخەسسىسمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن دەرھال «ياق، مەن مۇتەخەسسىس ئەمەس، بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.» دەپ جاۋاب بەرسەم، ئۇ مەندىن يەنە «قايسى ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى؟» دەپ سورىغان ئىدى مەن : «شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.» دەپ جاۋاب بەرسەم، ئۇ «ئۇنداقتا سەن مۇتەخەسسىس بولماي تۇرۇپ، بۇ ماتىرىيالنى تۈزۈپ چىقتىڭمۇ؟» دەپ سۇئال قويدى. مەن ئۇنىڭغا « مەن ھازىر خەنزۇچە ماتىرىياللارنى كۆرۈپ ئۆگىنىۋاتىمەن، مۇشۇنداق ئۆگەنسەم مۇتەخەسسىسمۇ بولۇپ قالارمەن.» دەپ زەدە بىلەن جاۋاب بەردىم، ئۇ گېپىمنىڭ تىگىگە يەتمىدىمۇ قانداق پەرۋاسىزلا «ئۇنداق بولسا سەن مۇتەخەسسىس بولۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بۇ ماتىرىيالنى ئەكەل، بىز شۇ ۋاقىتتا نەشىردىن چىقىرايلى.» دەپ مېنى يولغا سالدى. ئەلۋەتتە، بۇ بۆلۈم باشلىقى يەنە مۇنۇ سۆزنى قېتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى «سەن ئاۋال بىرەر ئەسەر يازساڭ، باشقىلار سېنى تۇنىسا ئاندىن سېنىڭ كىتابنىڭنى ئوقۇيدۇ، ھازىر سېنى ھېچكىم تۇنىمىسا، كىتابىڭنى كىم ئوقۇيدۇ؟»…
ئەجىبا بۇنداق ماتىرىياللارنى چۇقۇم مۇتەخەسسىسلەر تۈزۈشى شەرتمىكەن؟ بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كومپىيوتىر مۇتەخەسسىسلىرىدىن قانچىلىك بولماقچىدى؟ بىزنىڭ ئاشۇ ساناقلىق مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ بۇنداق ماتىرىياللارنى تۈزۈشكە ۋاختى يەتمىگەن ئىكەن، بىزدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئازراق بولسىمۇ مۇشۇنداق ماتىرىياللارنى تەييارلاپ ئاساسى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنساق بۇنىڭغىمۇ مۇتەخەسسىسلىك سەۋىيە كېرەكمۇ؟ بۇ خۇددى « كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.» دېگەندەك گەپ بولدى-دە.
شۇڭا مەن ئۇ بۆلۈم باشلىقىغا زەردە بىلەن: «بولىدۇ ئەمىسە، چەتئەلنىڭ ماتىرىيالى بولسا، ئاچىقىپ تاشلىۋېتەي، ۋاختى ئۆتكەن ماتىرىيالنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاي، ماۋۇ ماتىرىيالنى مەن مۇتەخەسسىس بولغاندا قايتىدىن ئەكىلەي.» دەپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتىم. شۇ ئەسنادا مېنىڭ ئىسىمگە بۇلتۇرقى بىر ئىش كەلدى. بۇ دەل بۇلتۇر(2009-يىلى) 2-ئايدىكى ئىش ئىدى. مەن قىشلىق تەتىلنى تۈگىتىپ مەكتەپكە قايتىش يولىدا يەنە ئۈرۈمچىدە «كىتاب نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەك ۋە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟» دېگەنلەرنى ئۇقۇپ باقاي دېگەن ئوي بىلەن «باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن ( 富爸爸提高你的财商)» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمە قىلىنغان (تېخى تۇلۇق تەرجىمە قىلىنىپ بۇلۇنمىغان.) نۇسخىسى ۋە خەنزۇچە كىتابنى ئېلىپ شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىغا بېرىپ، شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە كىردىم. بۇ يەردىمۇ بىر باشلىق مېنى كۈتىۋالدى، ئۇنىڭمۇ كۈتۈش ئۇسۇلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدىكى باشلىق بىلەن ئوخشاش ئىدى، ئۇمۇ ئەڭ ئەقەللى ئادەم قۇبۇل قىلىش ئەخلاق ساۋادىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ مېنىڭ قۇلۇمدىن ماتىرىيالنى ئېلىپ ئانچىكى ۋاراقلاپ كۆرگەندىن كىيىن، ماڭا: «بۇنداق كىتابنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ ۋاختىىڭنى ئىسراپ قىلىپ ئاۋارە بولغىچە بېرىپ ئويۇنىڭنى ئوينىساڭ بولمامدۇ؟» دېمەسمۇ، مەن خاتا كىرىپ قالدىممۇ دېگەن ئويدا ئىشخانا ئىسمىغا قارىسام خاتا ئەمەس، دەل شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، ۋاھ، قاراڭ، بۇ بۆلۈم باشلىقىنىڭ گېپىنى؟ قارىغاندا مەن بۇ ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىپ خاتا قىلىپتىمەن-دە؟ ئۇنىڭچە بولغاندا مەن بۇنداق ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ ۋاختىمنى ئىسراپ قىلىپ يۈرگىچە باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك كۈندە كومپىيوتىر ئويۇنى ئوينىسام ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمىغان بولىدىكەنمەن-دە؟………….
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەن يۇقىرىدا بىر قاتار ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم، ئەمدى سىز لىللا بىر گەپ قىلىپ بېقىڭچۇ؟ ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقىدا ئۈمىد بامۇ؟
بەلكىم مەن بۇنداق «ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.» دېسەم، بەزىلەر نەشىرىيات ئىقتىسادقا مۇھتاج، بۇنداق كىتابلارنى نەشىردىن چىقىرىش ئۈچۈن ئىقتىساد كېرەك.» دەپ سۇئال قويىشى مۇمكىن، ئۇنداق بولسا مەن سىزدىن سوراپ باقاي، ئەگەر بۇنداق ھەر تەرەپلىمە ماتىرىياللار نەشىردىن چىقىرىلماي، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا، نەشىرىيات قانداق پۇل تاپىدۇ؟ ھازىر بىزنىڭ مىللىتىمىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، مىللەتتە ئاز-تۇلا ئويغىنىش بولىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ زادى نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىشكە باشلىدى. شۇڭا تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدىغان ئىقتىسادقا ئائىت ماتىرىياللارنى كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ يىتىشكە باشلىدى، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادقا ئائىت كىتابلارغا نىسبەتەن ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشىشىدا چوڭ ئۈمىد بار.
ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمنى ئاللىبۇرۇن نەشىردىن چىقىپ بولغان نەشىر بۇيۇملىرىدىن مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچىمەن.
داۋامى بار….
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى