ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە

«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە

ۋاقتى: 2016-10-21 ئاۋاتلىقى: 24439 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھېلىمۇ ئىسىمدە، 2007-يىلى تور ئارىلاۋېتىپ مۇنداق بىر ماقالە«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نى ئوقۇغان ئىدىم. قايسى توردىن كۆرگەنلىكىم ۋە ئاپتۇر تازا ئىسىمدە قالماپتۇ، قارىغاندا «ئادەمنىڭ ئۆگىنىشى ئۇنتۇش ئۈچۈن» دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان ئوخشايدۇ، مانا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمگە خېلى تەسىر قىلغان ماقالە «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇرىنى ئۇنتۇپلا قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟
ئەينى ۋاقىتتا «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نى ئوقۇپ، ئاپتۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، ئۇيغۇرلاردىكى كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىزلىق، كىتابنىڭ قەدىرىگە يەتمەسلىك، نادانلىق ھالىتىدىن ھەقىقەتەنمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم.
كىتاب ئادەم دىلىنى يۇرۇتقۇچى ماياكتۇر! بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز كىتاب بىلەن گۈزەلدۇر! كىتاب بىزنى بىپايان بىلىم دېڭىزىغا باشلاپ بارغۇسى!!
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىدە ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبنى جانلىق پاكىتلار بىلەن شەرھىيلەپ چىققان بۇلۇپ، ئاساسەن مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا يېغىنچاقلىغان(شەخسىي كۆز قارىشىمنى قۇشۇپ رەتلەپ چىقتىم):
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىز ھالەتتە. يەنى، ئۇيغۇرلار كىتابقا قىزىقمايدۇ(كۆپ ساندىكى). ئۇلار كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتمىگەن. كۈنلىرى دېگۈدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(يېيىش، ئىچىش، كىيىش) بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق. كىتاب تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىق قىلىشى ناتايىن. كىتاب كۆرىدىغانلار(بىر قىسىم)مۇ بار. ئۇلار كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق(شەخسەن ئۆزۈم مۇشۇ تۈرگە تەۋە). شۇڭا ئۇلار كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا كىتابخانىلارغا تىزىقلىق كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ لېكىن سېتىۋالالمايدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغىلى كىتاب يوق. كىتابخانىلاردا تىزىقلىق كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز، مەزمۇنى يېتەرسىز، سانى چەكلىك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ باشقا تىللار(مەسىلەن خەنزۇ تىلى)دىن خەۋىرى بولمىغاچقا پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان. باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلاردىن پايدىلىنالمىغان. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تەلمۈرۈپلا ئۆتىدۇ خالاس («ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى» يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى تەشكىللەنگەن) ۋە باشقىلار………
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نىڭ ئاپتۇرىنىڭ «ئۇيغۇرلار كىتاب كۆرمەيدۇ.»دېگەن قاراشقا كېلىشى دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان.
بۈگۈن مېنىڭ «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار» ھەققىدە ئازراق توختالغۇم كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»دا تىلغا ئېلىنغاندەك ئۇنچىۋالا ئۇمىدسىزمۇ ئەمەس. بىزنىڭ ئارىمىزدا كىتابقا ھېرىسمەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۈگۈن مەن ئۇيغۇرلاردىمۇ كىتابخۇمارلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم ھەم تۇلىمۇ شادلاندىم.

بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن ۋاختىم ئاساسەن دېگۈدەك كىتابخانىدا ئۆتتى. مەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنخۇا كىتابخانىسىنى ئارىلاپتىمەن، كىتانخانىدا كىتاب كۆرىۋاتقان ۋە كىتاب سېتىۋېلىۋاتقانلارنىڭ سانىغا ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايتتى(ھېچ بولمىغاندا، «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»دىكىدەك ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىدى.) مەن چۈشتىن كېيىن ئۇدۇن كىتابخانىسىغا بېرىپ كىتابخانىنى ئارىلىدىم. بۇ يەردە كىتابخانىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم ئۇيان-بۇيان قىمىرلاشمۇ قىيىن ئىدى.
مەنمۇ «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس.» دېگەن تەمسىل بويىچە ئاشۇ كىتابخۇمارلارنىڭ قېتىلىپ ئۇلاردىن «قېلىشماي» كىتاب كۆرۈپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تۈرلىرىگە قاراپ چىقتىم. مەن بەزى ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان كىتابلارنىڭ كىرىش سۆز ۋە چۈشەندۇرۈشلىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، بەزى كىتابلارنى شۇ ھامان سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن يانچۇقتا پۇل يوق، پەقەت ئۇ كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قويدۇم خالاس ۋە ئۆز-ئۆزۈمگە مۇنداق ۋەدە بەردىم: مەن پۇل تاپقان كۈننىڭ ئەتىسى چۇقۇم بۇ كىتابلارنى سېتىۋالىمەن.
مەن كىتاب كۆرىۋېتىپ مۇنۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ قالدىم: ئىككى نەپەت ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى ئاكاشلار مىللەتلەر نەشىرىياتى يېقىندا نەشىردىن چىقارغا «تۆت خەلىپە» ناملىق كىتابتىن 11 پارچە سېتىۋالدى. مەن بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھەقىقەتەنمۇ خۇرسەن بولدۇم. گەرچە ئۆزۈم بۇ كىتابنى سېتىۋالالمىغان بولساممۇ لېكىن ئىككى ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 11 پارچە كىتاب سېتىۋېلىشى مېنى ھەقىقەتەن شادلاندۇردى.
بۈگۈن مەن «تۆت خەلىپە» ناملىق كىتابنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلىپ يەتتىم. ئۇلار ھەرگىزمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»غا ئوخشىمايتتى. مەن يېنىمدا پۇلۇمنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بايقاپ، كىتابخانا ئالدىغا دۆۋىلەپ قۇيۇلغان «كونا» كىتابلاردىن سېتىۋالماقچى بولدۇم(بۇ كىتابلار بىر قەدەر ئەرزان) شۇڭا مەن «يېزىقچىلىق بىلىملىرى»، «مۇھەببەت، مۇھەببەت، مۇھەببەت….»(ئەدەبىي خاتىرە) ۋە ماكسىم گوركىينىڭ ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى نۇسخىسىدىكى «بالىلىق چاغلىرىم» قاتارلىق بىر نەچچە كىتابلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋالدىم ھەم مۇنۇ كۆرۈنۈشكە دىققەت قىلىپ قالدىم: ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ كىشى كېلىپ كىتابخانا خۇجايىنىدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 90-يىللاردىكى بارلىق سانلىرىنى سېتىۋالدى(ئۇدۇن كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى ھەقىقىي كىتابخۇمار چېغى، ئۇ «كونا» كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن ساقلاپ كەلگەن ئادەم ئىكەن.) ۋە كىتابخانا خوجايىنىغا ئۇلارغا ياردەملىشىپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 85-يىلىدىن بۇرۇنقى بارلىق سانلىرىنى ئىلاج بار تېپىپ قۇيۇشىنى، ئۇلارنىڭ كېلەر ھەپتە يەنە كېلىپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى. مانا بۇلار «كىتابخۇمار ئويغۇرلار» ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنى قانداقمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دېگىلى بولسۇن؟
مەن بۈگۈن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»نى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوشال بولدۇم………
———————————————-
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى                               خوتەن
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى