ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«مىنكاۋخەن» دىن «مىنكاۋمىن» غىچە

«مىنكاۋخەن» دىن «مىنكاۋمىن» غىچە

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 8414 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«مىنكاۋخەن» دىن «مىنكاۋمىن» غىچە
«مىنىڭ مۇھەببىتىم مىنكاۋخەن» دىن تەسىرات
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
مۇھەببەت نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھە! ئۇ ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان غايىۋى كۈچ ئارقىلىق ئادەم ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئادەم ئۇنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا ھەقىقەتەن ئامالسىزدۇر.
بىزنىڭ ھاياتىمىز پەقەت مۇھەببەت بىلەن ياشنايدۇ. مۇھەببەت بىلەن بىز ھەقىقى قەدىر-قىممىتىمىزنى تاپىمىز. شۇڭىمۇ بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز ھە دېسىلا مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتسىمۇ، شائىرلىرىمىز دائىم دېگۈدەك مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يازسىمۇ، لېكىن مۇھەببەتنىڭ ئېچىلماس سىرلىرىنى پەقەت مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشەنگەنلەر بىر-بىرلەپ ئاچىدۇ ھەم ئېچىۋاتىدۇ لېكىن ئېچىپ تۈگەتكىنى يوق، شۇڭا ئۇنى بىزنىڭ شائىرلىرىمىز يېزىپ تۈگىتەلمەيدۇ ھەم ناخشىچىلىرىمىز ئېتىپ تۈگىتەلمەيدۇ. مۇھەببەت نۆۋىتى كەلسە ئۆز قۇدرىتى بىلەن گاچىنى سۆزلىتىش، ساراڭنى ئوڭ قىلىش ھەتتا ئوڭنى ساراڭ قىلىشتەك خاسىيىتىنى نامايەندە قىلىپ بىزنىڭ ھاياتىمىزغا رەڭگارەڭ تۈسلەرنى قوشماقتا.
مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئاشۇ شائىرلىرىمىز يېزىپ تۈگىتەلمىگەن، ناخشىچىلىرىمىز ئېيتىپ بولالمىغان مۇھەببەتنى مەنمۇ يېزىپ داۋاملىق يازسام تۈگىمەيدىغاندەكلا قىلىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى كۆپ ئېگىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر مۇھەببەت تەسۋىرلىرىنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ ئەسلى تېمىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرى بولۇۋاتىمەن.
ئەسلى تېمىغا كەلسەك، مەن بۈگۈن ئىلگىرى سەلكىن تورىدا ئەسەر يېزىپ كېلىۋاتقان سەلكىن تورىنىڭ ئەزاسى ئالىمجان قۇربان(ھېسلىرىم) نىڭ «مېنىڭ مۇھەببىتىم مىنكاۋخەن» ناملىق ئەسىرىنى تۇلۇق ئوقۇپ تۈگەتتىم.
مەزكۇر ئەسەرنى شۇنچە ئالدىراش بولۇشۇمغا قارىماي، بوش ۋاقىت تاپساملا(كوچا ئابدۇبۇسىغا ئولتۇرغاندا، بېكەتتە ماشىنا ساقلىغاندا) ئوقۇپ تاماملىشىمغا تۈرتكە بولغان كۈچ دەل ئەسەر تېمىسىغا قۇيۇلغان «مىنكاۋخەن» دېگەن ئىسىم ئىدى.
مۇشۇ تېمىدا خېلىدىن بۇرۇن بىرەر نەرسە يېزىپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ لېكىن زادىلا پۇرسەت بولماي كەلگەن ئىدى. چۈنكى بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «مىنكاۋخەن (كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى خەنزۇچە بەرگەن مىللىيلار)» ۋە «مىنكاۋمىن (كىچىكىدىن ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئۇيغۇرچە بەرگەن مىللىيلار)» ئوتتۇرىسىدىكى بەزىبىر مۇناسىۋەتلەر مەن ئالىي مەكتەپكە چىققان ۋاقىتتىلا خېلىلا تەسىر قىلغان ھەم مېنى خېلى چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇرى قىلغان.
مەن ئالىمجان قۇربان(ھېسلىرىم) نىڭ «مېنىڭ مۇھەببىتىم مىنكاۋخەن» ناملىق ئەسىرىدە ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە تەدرىجىي ھالدا ئاۋات تېمىغا ئايلىنىپ، ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان «مىنكاۋخەن» ۋە «مىنكاۋمىن» ئارىسىدىكى يىمىرىلىشتىن كېلىپ چىققان، ئەسلىدىنلا بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىش خىرىسىغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان، خۇددى ئەسەردىكى باش پېرسوناژلارنىڭ بىرى بولغان گۈلمىرەنىڭ تىلى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «مىنكاۋخەن» لەر «مىنكاۋمىن» لارنى «سەۋىيىسى تۆۋەن.» دەپ ياراتماسلىق، «مىنكاۋمىن» لار بولسا ئەكسىچە «مىنكاۋخەن» لەرنى «ئۆز مىللىتىدىن ئاداشقانلار» دەپ ياراتماسلىق ئىدىيىسى ھازىرقى جەمئىيەتتە تەدرىجىي ھالدا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان قارا بوراننىڭ شەپىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ بېقىش(چۈنكى مەن ئۆز ئۇزۇندىن بىرى ئىچكىرىدە ئوقۇپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ خىل مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنىڭ رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە زادى قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتىم.) قىزىقىشىدا بۇ ئەسەرنى ئوقۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، گەرچە ئوقۇش ۋاقتىنى بىر قەدەر ئۇزۇنغا سوزغان بولساممۇ ئاخىرى ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ تاماملىدىم.
مەزكۇر ئەسەر دەسلەپتە يېزىلىشقا باشلىغاندا، ئادەمگە بىر خىل ئاپتور خۇددى ئۆزىنى ماختاپ، ئۇچۇرۇپ ئەسەر يېزىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرنىڭ ئاخىرقى يېرىم بۆلىكى يەنىلا بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا «مىنكاۋخەن» ۋە «مىنكاۋمىن» لارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىغا بەلگىلىك مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئەسەر تىلى مەلۇم دەرىجىدە جانلىقلىققا ئىگە بولۇپ، ئەسەر ۋەقەلىكى بىر قەدەر رېئاللىق تۈسىنى ئالغان.
مەزكۇر ئەسەر يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پۇرسەت بولسا ۋاقىت چىقىرىپ مەزكۇر ئەسەرنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەزكۇر ئەسەردە، «مىنكاۋخەن» لەر «مىنكاۋمىن» لارنى «سەۋىيىسى تۆۋەن.» دەپ ياراتماسلىق، «مىنكاۋمىن» لار بولسا ئەكسىچە «مىنكاۋخەن» لەرنى «ئۆز مىللىتىدىن ئاداشقانلار» دەپ ياراتماسلىقتەك مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر گەرچە ئالاھىدە كەسكىن زىددىيەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن ئەسەر ۋەقەلىكىدىكى بىر قېتىملىق «مىنكاۋخەن» ۋە «مىنكاۋمىن» لارنىڭ توقۇنۇشىنى ئەسەر پېرسوناژلىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ئاخىرلاشتۇرمىغان بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايتتى. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزدا يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇنداق بىر ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققان ۋاقىتلاردا بىزنىڭ مەكتەپتىن يەنە بىر مەكتەپكە بارغان ۋاقتىمدا ئۇ مەكتەپتىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى تۈرگە ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇلار دەل «مىنكاۋخەن» لەر ۋە «مىنكاۋمىن» لار ئىدى. ئۇ مەكتەپتە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە شىنجاڭدا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بارغان( تەييارلىق ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئالىي مەكتەپنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى.) ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئۆز-ئارا ئارىلاشمايتتىكەنتۇق، كىيىن مېنىڭ قۇلىقىمغا مۇنداق گەپلەرمۇ كىرىدىغان بولۇپ قالدى، شىنجاڭدا تۇلۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ بارغان ئوقۇغۇچىلار بىزدەك ئىچكىرىدە تۇلۇق ئوتتۇرىنى تاماملىغان ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى «خەنخۇا(خەنلىشىپ كەتكەن) بولۇپ كەتكەنلەر.» دەپ ئارىغا ئالمايدىغان، ھەمدە شۇ مەكتەپتىكى ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بولسا شىنجاڭدا تۇلۇق ئوتتۇرىنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاراكتېر جەھەتتە چىقىشىپ ئۆتەلمىگەچكە بىلىپ بىلمەي ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئەھۋاللارنى ھېس قىلىپ ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ئىدىم ھەمدە تۇنجى قېتىم ئاشۇ شىنجاڭدا تۇلۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان «نېي گاۋ بەن( ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى) دېگەن خەنخۇا بولۇپ كەتكەنلەر.» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا ھەقىقەتەن ئەپسۇسلانغان ئىدىم. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئۆگەنمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئەسلىدىنلا بىر گەۋدە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىدىن تۇرۇپ يەنە «ئاق كالا، قارا كالا» دەپ ئايرىلىپ يۈرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزمايمىز؟…….. ھەي، مانا بۇ ئىنسان روھىدىكى ئاجىزلىق.
يەنە ئەسلى تېمىغا كەلسەك، مېنىڭچە ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ھەر خىل دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، «تەرەققىيات» ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنى تونۇماسلىق، بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئەيمەنمەسلىك كەيپىياتى كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان شارائىتتا، «مېنىڭ مۇھەببىتىم مىنكاۋخەن» ناملىق بۇ ئەسەردىكى باش قەھرىمانلاردىن ئەخمەت، ئېزىز، ئەكبەرلەرنىڭ دوستلۇقىدەك چىن دوستلۇقنى، بولۇپمۇ ئېزىزنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ساداقىتىنى ئالتۇندەك قېزىپمۇ تاپقىلى بولمايدىغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسى ھېسابلانغان گۈلمىرەنىڭ مۇھەببەتنىڭ كۈچى تەسىرىدە ئەسلىدىكى غەيرىي ئېقىم ھالىتىدىن ئۆزىنى تونۇشى، ئەسلىدىنلا كۆنۈپ كەتكەن تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ياسىنىش، تارىنىش، شالغۇت سۆزلەش ھالىتىدىن ئۆز مىللىتىگە خاس ياسىنىپ، تارىنىش، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە تىرىشىش، ئۇيغۇرچە ھەرپمۇ بىلمەيدىغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشكە بەل باغلاش، ناماز ئۆتەپ مۇسۇلمانلىق ھالىتىگە قايتىشقا ئىنتىلىش قاتارلىق ئىش-پائالىيەتلىرى بىزنىڭ كۈچلۈك قايىللىقىمىزنى قوزغاپ، بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ھەمدە، ئاتالمىش«مىنكاۋخەن» لەرنىڭمۇ ھەرگىز باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكىدەك ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆز مىللىتىدىن يادلىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ، «مىنكاۋخەن» لەر ھەم «مىنكاۋمىن» لارنىڭمۇ ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈگىتىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
شۇڭا بىز ھەرگىزمۇ داۋاملىق ھالدا ئاشۇ ئۆتمۈشتىكى «ئاق كالا، قارا كالا» ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرماي، ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز-ئارا كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلاپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ يۈكسەلسەك بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك؟
قىسقىسى بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى ھوشيار تۇتۇپ، بىر ئىككى ئادەمنىڭ قىلغان بولمىغۇر قىلىقىنى كۆرۈپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى خوتەن
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى