ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

2016-يىلىنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىش تەشەببۇسىغا تەنقىدى پىكىر

2016-يىلىنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىش تەشەببۇسىغا تەنقىدى پىكىر

ۋاقتى: 2016-10-12 ئاۋاتلىقى: 15495 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2016-يىلىنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىش تەشەببۇسىغا تەنقىدى پىكىر
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
بۈگۈن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە يازمىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، خەلقىمىز ئارىسىدا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2016-يىلنى قانداق يىل قىلىپ بېكىتىش مۇنازىرىسى باشلانغاندەك تۇرىدۇ.
دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان قىلىنغان يازمىدا مەلۇم بولۇشىچە ھازىرچە 2016-يىلنى «ئۆگىنىش ئىنقىلابى يىلى»، «پەرزەنت تەربىيەسى يىلى»، «كىتاب يىلى»، «كىتاب ۋە تەرەققىيات يىلى»، «روھىي ئېنىرگىيەنى تاۋلاش يىلى»، «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدا تەشەببۇسلار بولىۋېتىپتۇ. ئاخىرىدا «ئىزدەنگۈچىلەر ئېكرانى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ تەشەببۇسى ئاساسەن «كارخانىچىلار يىلى» دېگەنگە مەركەزلىشىپتۇ.
گەرچە قەلەمكەش بولمىساممۇ، ئەمما ھاياتلىق مۇساپەمدە تەپەككۇردىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىم سەۋەبلىك مېنىڭ «ئىزدەنگۈچىلەر ئېكرانى»نىڭ سۆھبىتىنى قوبۇل قىلغان ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ پىكىرىگە قارىتا ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

خوش، ئۇنداق بولسا يازما تېمىسىغا قايتىپ كەلسەك، 2016-يىلى «كارخانىچىلار يىلى» بولالامدۇ؟ مەنچە ھازىرغىچە بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن دەپ قارايمەن.


مېنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى ئاساسىم تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچىدىن، ئەڭ ئاۋۋال مەلۇم بىر تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ سالاھىيىتى شۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا لايىق بولۇشى كېرەك
«ئىزدەنگۈچىلەر ئېكرانى»دا ئەسقەرجاننىڭ ئېيتىشىچە 2016-يىلىنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىشنى ئەڭ دەسلەپ روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ ئوتتۇرىغا قويۇپتىمىش. مەلۇم بىر يىلنى مەلۇم يىل قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ سالاھىيىتى تولىمۇ مۇھىم. 2016-يىلنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى مەيلى روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ بولسۇن ياكى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر بولسۇن، كىم ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قەتئىينەزەر سالاھىيەت توغرا بولمىغان. ئەگەر تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيى مۇۋاپىق بولمىسا، ئۇ ھەر قانچە تەشەببۇس قىلىنسىمۇ، ئەڭ ئاخىرى جەمئىيەتتە ھەمنەپەسلىك ھاسىل قىلالمايدۇ-دە، ئۇ ھالدا بۇ خىل تەشەببۇس مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.
يەنە كېلىپ، ھەر بىر يىلنى مەجبۇرى ھالدا چوقۇم بىر نېمە يىلى قىلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن. ھەم خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر يىلنى بىر نېمە يىلى قىلىپ بېكىتىپ چىقىشقا ۋاقتى، زېھنى يېتىشىپ بولالىشىمۇ ناتايىن.
2015-يىلى نېمە ئۈچۈن «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىلدى ھەم ياخشى ئۈنۈم ۋە نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى؟ بۇنىڭدىكى ئەڭ تۈپكى سەۋەب تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇۋاپىق بولغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، 2015-يىلىنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ ئۆز تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ئۆزى نۇرغۇن ئەمەلىي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بولغان. مەسىلەن، رادىيودا ئىزچىل بۇ ھەقتە ئازدۇر كۆپتۇر ئاۋاز بىردەكلىكى قوزغىغان، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۆزى ئىزچىل باشقىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش قاتارلىق ئىشلارنى تاماملاپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاندىن تور، ئۈندىدار، تېلېۋېزىيە ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ تەڭ قوللىشى بىلەن 2015-يىلى ئوڭۇشلۇق ھالدا جەمئىيەتنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ۋە ھەمنەپەس سېپىگە قوشۇلۇشى بىلەن «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئەمما، بۇ قېتىم تەشەببۇس قىلىنغان «كارخانىچىلار يىلى»غا نىسبەتەن ئالدىن بېسىشقا تېگىشلىك جەريانلار بېسىلمىغان، ھەم تەشەببۇسچىلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سالاھىيىتى كارخانىچىلىق سالاھىيىتىدە ئەمەس.
ھازىرقىدەك ئۈندىدار، تور، تېلېۋىزىيەدە پىكىر بايان قىلىش نىسبەتەن قولايلاشقان شارائىتتا ھەر قانداق ئادەمنىڭ قانداق پىكىر بايان قىلىشى ئۆزىنىڭ ئەركى، ھەم ھېچكىم ھېچكىمنىڭ پىكىر بايان قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، پەقەت پىكىر بايان قىلغۇچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-سىياسەتلىرىگە زىت پىكىر بايان قىلمىسىلا، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئەلۋەتتە شۇ پىكىرگە باشقىلارنىڭمۇ ئىلمىي پىكىر بايان قىلىش ئەركى بار. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى بولسا 2016-يىلنى قانداق يىل قىلىش تەشەببۇسى. تەشەببۇس بىلەن ئادەتتىكى پىكىر بايان قىلىش ئوخشىمايدۇ. مەلۇم بىر تەشەببۇسنى ئەگەر شۇ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ئىش ئۈستىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن بىرى تەشەببۇس قىلسا، ئاندىن ئۇنى خەلقمۇ قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، «كارخانىچىلار يىلى» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، زادى «كارخانىچىلار يىلى» قانداق بولۇشى كېرەك؟ كارخانىچى ۋە كارخانىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى نېمە؟ دېگەن سوئاللار ئۈستىدىمۇ ئىزدەنگەن ۋە باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك جاۋاب تاپقان بولۇشى كېرەك.
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر 2016-يىلىنى يەنە «كىتاب»قا مۇناسىۋەتلىك يىل قىلىپ بېكىتكەندە، كىشىلەر پولونى يەۋەرسە يېگۈسى كەلمەيدىغانلىقى، شۇڭا داۋاملىق كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىل بولسا، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرماسلىق ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر خەلقى كىتابنى 2015-يىلىلا ئوقۇپ بولدى قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇيغۇر خەلقى ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ بولدىمۇ؟ قانچىلىك ئادەم كىتاب ئوقۇپ زېرىكىش دەرىجىسىگە باردى؟... كىتاب ئۇ روھىيەت ئوزۇقىنىڭ مەنبەسى، كىتاب تارىختىن بۇيان ھەر قانداق بىر قەۋمگە بىلىم بېرىپ، قەۋملەرنىڭ تەپەككۇرىنى تاۋلاپ كۈچلۈك قەۋم بولۇپ چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىتابنى ئوقۇۋەرسە ئوقۇغۇسى كەلمەيدۇ دېگەندەك بۇنداق پاراڭلارنى سېلىش خەلقنى كۆزگە ئىلمىغانلىقمۇ قانداق؟ ئەجىبا ئۇيغۇر خەلقى راستىنلا كىتابتىن زېرىكىش دەرىجىسىگە باردىمۇ؟ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەپەككۇرى كىتاب ئوقۇمىسا بولمايدىغان دەرىجىدە ئىلغارلىشىپ كەتتىمۇ؟ مېنىڭچە ئۇيغۇر خەلقى كىتابخۇمار خەلق، كىتابتىن ھوزۇر ئېلىشنى، كىتابتىن پايدىلىنىش ئوبدان بىلىدىغان خەلق. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىر قىسىم كىتابلارنىڭ باھاسىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇپ كېتىشى، خەلقنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ماس قەدەم ساقلىماسلىقىدەك قىسمەن مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن خەلقىمىز كىتاب سېتىۋېلىشتا بەلگىلىك قىيىنچىلىققا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇنداقتىمۇ خەلقىمىز ئارىسىدا كىتابنى جانىجان مەنپەئىتى بىلەن زىت باغلايدىغانلار زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
زادى كىتاب ئوقۇش يىلى پەقەت بىر يىللا بولۇشى كېرەكمۇ؟ جەمئىيەتتە 2015-يىلنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ تەشەببۇس جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشىپ، كىشىلەر ئېڭىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى بولغان ئارىلىقتا زادى قانچىلىك ئادەم بۇنىڭ تەسىرىدە يۇقۇملاندى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتتى؟ شۇنچە كۆپ ۋە زور بولغان بىر تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشقا بېرىلگەن ۋاقىت يېتەرلىك بولدىمۇ؟ خەلقىمىزدە %100 بولمىغاندىمۇ، %50 تىن يۇقىرى كىشىلەر بۇ تەشەببۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىمۇ؟ بۇ تەشەببۇسنى يەنە داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ يوق؟... دېگەندەك سوئاللار جاۋابسىز قېلىنماسلىقى كېرەك.
ئەگەر يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ جاۋابى كۆپ سانلىق خەلقنى قايىل قىلسا، ئاندىن كېيىنكى يىلنى قانداق يىل قىلىپ بېكىتىش ھەققىدە ئويلاشساقمۇ كېچىكمەيمىز. ئەمدى بىز يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ جاۋابى كۆپ سانلىق خەلقنى قانائەتلەندۈرىدىغان جاۋابقا ئېرىشتى دەپ پەرەز قىلىپ تۇرساق، ئۇ ھالدا 2016-يىلنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىش مەسىلىسىگە قەدەم باسساق بولىدۇ.
خوش، يۇقىرىدا 2016-يىلىنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى مۇۋاپىق بولمىغان دەپ پىكىر قىلدۇق. ئۇنداقتا، كىم بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەنچە، بۇنىڭغا مۇۋاپىق نامزاتلار: رادىل ئابلا، ئەركىن ھاشىم، زۇلپىقار ئەبەيدۇللا، كېرەم ئاتۇش... قاتارلىق زور ئۇتۇق قازانغان، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ھەقىقىي كارخانىچىلار تەشەببۇس قىلسا، ئاندىن ئۇ جەمئىيەتتە ھەمنەپەسلىك تۇيغۇسى ۋە ھەممە ھەرىكەتكە ئۆتۈش قىزغىنلىقى قوزغىيالىشى مۇمكىن، ئەمما بىر كارخانىچىلىقتىن ئەمەلىي تەجرىبىسى يوق، كارخانىچىلىقتىن بىخەۋەر كىشىلەر «كارخانىچىلار يىلى» قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ ئېنىقلا تەسىر قوزغىيالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى چوقۇم شۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توشۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، تەشەببۇس چوقۇم ئومۇمىي خەلققە يۈزلىنىشى كېرەك
بۇ يەردە مەزكۇر يازمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن تۈپ مەقسەت، ھەرگىزمۇ 2016-يىلنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىشكە قارىشى تۇرغانلىق ئەمەس. ئەمما ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى كارخانىچىلىقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق؟ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟ ئەگەر 2016-يىلىنى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكەتسەك، زادى قانچىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالايمىز؟ دېگەندەك سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئاندىن قارار چىقىرىلىشى كېرەك.
ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىدى، 2016-يىلىنى ئاشپەزلەر «ئاشپەزلەر يىلى» قىلسا، تىككۈچىلەر ئۆز ئالدىغا «تىككۈچىلەر يىلى» قىلىپ بېكىتسە، مەكتەپ ئاچقانلار «مەكتەپ يىلى» قىلسا، پىسخىكشۇناسلار «پىسخىكا يىلى» قىلسا، پۇتبولچىلار «پۇتبول يىلى» قىلسا، يەنە بىر ساھەدىكىلەر بىر نېمە يىلى قىلىپ بېكىتسە بولاتتى. ئەمما بۇنداق قىلىش مۇمكىنمۇ؟ بىر يىلنى بىر نېمە يىلى قىلىپ بېكىتىش چوقۇم شۇ خەلق ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى كېرەك ئەلۋەتتە.
ھازىر جەمئىيەتتە ئەڭ ئېھتىياجلىقى نېمە بولىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىلىشى كېرەك. ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنى دەيمىز ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىۋاتقىنى نىگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشقا كۈچەشتىن ئىبارەت.
ھازىرقىدەك كۈنىمىز ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى ھەزىم قىلىپ بولالماي، ئۆزىمىز تەرەپ-تەرەپتىن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ھەر خىل ئۇچۇرغا تاقابىل تۇرۇپ بولالماي ھالسىراۋاتقاندا، بىزدە ئەڭ كەمچىل بولىدىغىنى تەپەككۇر قىلىش بولىدۇ. بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ بولالماسلىقى ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرىگە ئەقلىي كۆز بىلەن قارىماستىن ھېسسىي كۆز بىلەن قاراش شۇ ئاۋامنى ئاخىرى كېلىپ زور تالاپەتكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشى، داۋاملىق كىتاب ئوقۇشقا سەپەرۋەر قىلىنىشى، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى تاكاموللاشتۇرۇپ، تەپەككۇرىنى تاۋلىشى، جەمئىيەتتە ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل ھادىسىلەرگە ئىلمىي، ئەقلىي كۆزدە قاراپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر.
2015-يىلى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىنىپ، ئومۇمىي خەلق ئەمدى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئازتولا كىتابقا يۈزلىنىۋاتقاندا، ئەمدى قوپۇپ، ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ شۇڭا كۆپ يېمەسلىك كېرەك دەپلا 2016-يىلىنى يەنە بىر نېمە يىلى قىلىپ بېكىتىپ قويغاندا، خەلق گاڭگىراپ قېلىشى، تولۇق ھەزىم قىلىپ بولالمايلا ھالسىراپ قېلىشى مۇمكىن. بىر دۆلەتتىمۇ ھەر بىر يىلنى بىر نېمە يىلى قىلىپ بېكىتىدىغان ئىش يوق. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ھەر بىر يىلنى بىر نېمە يىلى قىلىپ بېكىتىشىنىڭ، ھەممە يىلنى بەلگىلەپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

ئۈچىنچىدىن، تەشەببۇستا چوقۇم ئومۇمى خەلق كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك
ئەگەر ئەسقەرجان ئەنۋە ئېيىتقاندەك 2016-يىلى «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىلسە، بۇ ئېنىقلا قىسمەنلىك بولۇپ قالىدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇس چوقۇم ئومۇمىي خەلقنى كۆزدە تۇتۇپ تەشەببۇس قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىلسە، بىزدە ئومۇمىي نوپۇس ۋە كارخانىچىلارنىڭ نىسبىتى زادى قانچە بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان سان-سىفىرنى ئاساس قىلساق، 2014-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11 مىليون 271 مىڭ 900 ئادەم بولۇپ، ئەگەر كارخانىچىلارنىڭ سانىنى سىتاتىستىكا قىلساق، ئومۇمىي نوپۇس ۋە كارخانىچىلارنىڭ نىسبىتى زادى قانچىلىك بولىدۇ؟ مەنچە تەخمىنەن ئون مىڭدىن بىر بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ نىسبەتكىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەگەر لاياقەتلىك كارخانىچى بولالايدىغانلارنىڭ سانىنى سىتاتىستىكا قىلساق، بۇ نىسبەت تېخىمۇ كىچىك بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئەگەر 2016-يىل «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىلسە، ئۇ ھالدا بۇ پەقەت ئاشۇ ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرگىلا قارىتىلىپ قالىدۇ-دە، ئەڭ ئاخىرى ئېرىشىدىغان نەتىجىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالىدۇ.
شۇڭا، بۇ يەردە قانداق يىل قىلىپ بېكىتىش تەشەببۇسى چوقۇم ئومۇمىي خەلقنى، يەنى 11 مىليون 271 مىڭ 900 نەپەر خەلقنى كۆزدە تۇتۇپ تەشەببۇس قىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭدەك تەشەببۇس قىلغۇچىمۇ شۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش يولىدا بەلگىلىك نەتىجە قازانغان بولۇشى، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەتكۈنلىگەن بولۇشى، بۇ تەشەببۇسنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغان سەۋىيەنى ھازىرلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ پەقەت قۇرۇق تەشەببۇسلا بولۇپ قالىدۇ خالاس.
ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇستىن چوقۇم ئومۇمىي خەلق نەپ ئېلىشى، ئومۇمىي خەلققە تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. شۇڭا، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتساقمۇ، 2016-يىلنىڭ «كارخانىچىلار يىلى» قىلىپ بېكىتىلىشى ئېنىق كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ ئاشۇ ئاز سانلىق كارخانىچىلارنىڭ زادى قانچىلىكى بۇ تەشەببۇسقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشالايدۇ بۇمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، ئاخىرىدا، 2016 – يىلىنىڭ مەيلى نېمىلا يىلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەربىرەيلەننىڭ جەمئىيىتىمىزگە ئاكتىپ ئېنىرگىيەلەرنى تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا 2016 – يىلىنىڭ ھەممەيلەنگە بەخت، ئامەت، سەمىمىيلىك، گۈزەللىك ۋە كەڭ–قورساقلىق يار بولغان ئېسىل يىل بولىدىغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى