ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىگىلىك تىكلىگۈچى، كارخانىچى، مۇتەپپەكۇر، سىياسىئون

ئىگىلىك تىكلىگۈچى، كارخانىچى، مۇتەپپەكۇر، سىياسىئون

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 11534 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىگىلىك تىكلىگۈچى، كارخانىچى، مۇتەپپەكۇر، سىياسىئون

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

 

ئۆز ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى مۇنداق بولىدۇ. 

ئىگىلىك تىكلىگۈچى >>> خوجايىن >>> كارخانىچى >>> مۇتەپپەككۇر >>> سىياسىئون
ئەگەر بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى يۇقىرىقى باسقۇچلارنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرقى «سىياسىئون» باسقۇچىغا يەتكەن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ مۇۋەپپەقىيەتچىنى ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغىنى، دىيارىمىزدا تېخى بۇ ئاخىرقى باسقۇچقا يەتكەنلەر يوق دېيىشكە تىلىمىز بارمىسمۇ، ئەمما ھەقىقەتەن بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. بىزدە پۇلدارلار بەلكىم كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما «مۇتەپەككۇر» ۋە «سىياسىئون» دەرىجىسىگە بارغانلار يوق.
ئەڭ دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگۈچى باسقۇچى ئاساسەن ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى قانداق پىلانلاش، ھاياتىنى قانداق مەناغا ئىگە قىلىش... دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار كوچىسىدا تەمتىرەش، تېڭىرقاش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تالانتىغا تولۇق ئىشەنچ قىلىپ بىرىنچى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق ئالغانلارنى ئاساسەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى دېيىش مۇمكىن.
خوجايىن دېگەندە، ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىنىڭ ساھەسىدە ئازتولا نەتىجە قازانغانلارنى دېيىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، خوجايىن بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستېمالدا ئاساسەن ئازراق پۇل تاپقان، قول ئاستىدا بىر نەچچە ئادەم ئىشلەيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ خوجايىن بەلكىم ئەنئەنىۋى سودا، ئەنئەنىۋى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ياكى ئەنئەنىۋى سودا رامكىسى، تىجارەت رامكىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇش ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، ئىشلىرىنى ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش تەلىمى بويىچە ئېلىپ مېڭىۋاتقانلار بولۇشى مۇمكىن. 
ئەلۋەتتە، مەيلى قايسى خىلدىكىلەر بولسۇن، ئۆز ساھەسىدە ئازتولا نەتىجە قازانغان بولسىلا ئۇلارنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مەيلى ئەنئەنىۋى سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسۇن، ئۇلار ئەتراپىدىكىلەردىن ئىلغار تەپەككۇر ۋە ئىدىيەگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار يالغۇز ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، يەنە قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقانلارغىمۇ بىر كىشىلىك تىرىكچىلىك پۇرسىتى تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ھاياتىنى ئالاھىدە مەناغا ئىگە قىلغان شەخسلەردۇر. 
كارخانىچى ئۇقۇمىغا كەلسەك، بۇ ئۇقۇم تىلىمىزدىكى ئىستېمالدا بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيە ۋە ئاڭغا ئىگە، ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش ئېڭىغا ئىگە شەخسلەر دېگەن چۈشەنچىنى بەرسىمۇ، ئەمما دىيارىمىز ئىگىلىكىنىڭ ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ماسلىشىش، كارخانىچىلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش ئېڭىنى قوبۇل قىلىش، ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش، ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى قەدىمى نىسبەتەن كېيىن باشلانغان بولغاچقا، دىيارىمىزدىكى كارخانىچى ئاتالغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئېڭى يەنىلا ئەنئەنىۋى سودا-تىجارەت ئەندىزىسى ۋە رامكىسىدىن تېخى تولۇق ئازات بولمىغان، ئىدىيە ۋە ئاڭ تېخى يېڭىلانمىغان ئەھۋاللار يەنىلا نىسبەتەن كۆپ. 
مۇتەپەككۇرغا كەلسەك، بۇ خىل كىشىلەر ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر قىلىدىغان، ئىدىيە يېڭىلىغۇچىلار ۋە ئاڭ ئىسلاھاتچىلىرىدىن ئىبارەت. مۇتەپەككۇرلار ئۆزىنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، باشقىلارنىڭ پاسسىپ، كونسېرۋاتىپ ئېڭىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە ئاڭغا ئىگە قىلغۇچىلاردۇر.
ئەگەر بىر مۇۋەپپەقىيەتچى ئاخىرى ئۆزىنىڭ بۇ بۇرچىنى ئادا قىلمايدىكەن، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتچى دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. 
چۈنكى سىزنىڭ قانچىلىك مۇۋەپپەقىيىتىڭىز بولسا، سىز شۇنچىلىك ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن بولىسىز. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئۇتۇق قازىنىپ، مۇتەپەككۇرلۇق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلمىسىڭىز، پەقەت پۇللا تاپقان بولىسىز، ھەرگىزمۇ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتىڭىزگە مۇناسىپ كىشىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلمەيسىز. كىشىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ۋە ئېڭىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە ئاڭغا ئىگە قىلىشتۇر. 
سىياسىئون ئۇقۇمىغا كەلسەك، بىزنىڭ ئادىتىمىزدە پەقەت ھۆكۈمەت مەمۇرى تارماقلىرىدا سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان ئەربابلارنىلا سىياسىئون دەپ ئاتاش ئەھۋالى بار. ئەمما بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى ئەڭ ئاخىرى تەرەققىي قىلىپ سىياسىئونلۇق دەرىجىسىگە چىقمىسا، بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەتچىنى ھەقىقىي مەنادىكى مۇۋەپپەقىيەتچى دېيىشكە بولمايدۇ. 
چۈنكى كارخانىچىلار ۋەزىيەتكە ئەڭ سەزگۈر كىشىلەر بولىدۇ. بىر كارخانا تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت دەرىجىسىگە ياكى خەلقئارا دەرىجىسىگە بارغاندا، بۇ خىل كارخانىنىڭ ماتروسلىرى چوقۇم سىياسىي ۋەزىيەتكە ناھايىتى سەزگۈر بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، قازانغان ئۇتۇقلىرىنىڭ ھەممىسى سۇ، تۇپراققا ماسلىشالماسلىق سەۋەبلىك ھالاكەتكە يول ئېلىشى مۇمكىن. 

سىياسىئون ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يەردە مۇنداق بىر ئەمەلىي مىسالنى سۆزلەپ ئۆتەي:
بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى ما يۈن ئالىپاينى ئالىبابادىن ئايرىپ چىقىرىپ مۇستەققىل قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ما يۈننى تىللاپ، ئۇنى ئەخلاقسىزغا چىقارغان ئىدى. چۈنكى ما يۈن نورمال سودا ئەخلاقىغا زىت ئىش قىلغان ئىدى، لېكىن شۇ خىل ۋەزىيەتتە شۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى. 
ئەمما ھازىرچۇ؟ ھازىر كىشىلەر ما يۈننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قارارىنىڭ ھەقىقەتەن ئالدىن كۆرەرلىك ئىكەنلىكىدىن ما يۈنگە بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشماقتا. 
ما يۈن نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئالىپاينى ئالىبابادىن ئايرىپ چىقىرىۋالىدۇ؟ بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، ما يۈندە كۈچلۈك سىياسى سەزگۈرلۈك بار ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئالىپاينىڭ كۈندىلىك پۇل ئېقىمى نەچچە يۈز مىليونغا يەتكەن، ئەگەر بىر نەق پۇل ئېقىمى نىسبەتەن كىچىك بىر سۇپا بولسا بۇنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە يەتكۈزىدىغان خەۋپىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كۈندىلىك پۇل ئېقىم مىقدارى نەچچە يۈز مىليون، ھەتتا ھازىرقىدە نەچچە مىليارد يۈەنگە يەتكەندە، ئەگەر بۇ خىل سۇپىنى چەتئەللىكلەر كونترول قىلسا، ئېنىقكى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىد ۋە خەۋپ كەلتۈرىدۇ. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ۋە خەۋپ كەلتۈرىدىغان ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قول قۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ، بەلكى بۇ خىل شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەرھال يوقىتىدۇ. 
شۇڭا ما يۈن سىياسىئون دەرىجىسىدىكى ئالدىن كۆرەرلىكى بىلەن ئانچىكى كىشىلەرنىڭ تىللاشلىرىغا پەرۋا قىلماي، كەسكىنلىك بىلەن ئالىپاينى ئالىبابادىن ئايرىپ چىقىرىپ مۇستەققىللەشتۈرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ما يۈن ئالىپاينى ئالىبابادىن ئوڭۇشلۇق ئايرىپ چىققاندا، داڭلىق مۇۋەپپەقىيەتچى شى يۈجۇ ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ: «ما يۈن، ياراسەن، سەن بىر ۋەتەنپەرۋەر "ئەخلاقسىز!"» دەپ ئۇچۇر يوللىغان.
ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ما يۈندە سىياسىئون دەرىجىسىدىكى ئالدىن كۆرەرلىك، سەزگۈرلۈك بولمىغان بولسا، ئالىپاينىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى. چۈنكى داۋاملىق ئامېرىكىلىق ياڭ يۈەنجى ۋە ياپونىيەلىك سۈن جىڭيىنىڭ كونتروللۇقىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان ئالىپاي ھامان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالىپاينى يوقىتىۋەتكەن بولاتتى.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى