ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىشەنچ (ئىناۋەت) دەۋرى ھەققىدە تاقا-تۇقۇ

ئىشەنچ (ئىناۋەت) دەۋرى ھەققىدە تاقا-تۇقۇ

ۋاقتى: 2016-07-21 ئاۋاتلىقى: 9036 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالدىنقى كۈنلىرى بىر خېرىدار بىلەن بولغان قىسقىغىنە دىيالۇگدىن كېيىن ئۆزۈمچە ئىشەنچ (信用) ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. مەن ئەزەلدىن نەق پۇل سودىسى قىلىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. دائىم ئىمكانبار ئىشەنچ كارتىسى (信用卡) ياكى بانكا ئامانەت كارتىسى ئارقىلىق كارتا سۈرۈپ سودا قىلىشقا ئامراق. ئادەتتە يېنىمغا ئاساسەن نەق پۇل سېلىپ يۈرمەيمەن، بۇ ئادەتنى ئۆزۈمگە قاچانلاردا يۇقتۇرىۋالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. 
ئالدىنقى كۈنلىرى بىر خەنزۇ خېرىدار بىلەن مۇئامىلە قىلىۋېتىپ، سودا پۈتۈشكەندىن كېيىن مەن ئىشەنچ كارتىسى سۈرتۈپ پۇل تۆلىمەكچى بولغاندا، ئۇ ياق ئۆزىچە مېنى گەپتە سۇندۇرماقچى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر، بىر خىل مەنادا نەق پۇل تۆلىمەمسەن دەپ مېنى پۇلى ئاز دەپ سۇندۇرىۋالماقچى بولغاندەك سوراپ قالدى. 
مەنمۇ بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى ئۆزۈمگە نۇمۇس بىلىپ، ئۇ ياققا دەرھال مۇنداق جاۋاب قايتۇردۇم:
-ھازىر دېگەن ئىشەنچ دەۋرى بىلەمسەن؟ سەندە بانكىنىڭ ئىشەنچ كارتىسىنىڭ بولۇشىنىڭ ئۆزى سېنىڭ ئىشەنچ دەرىجەڭنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بانكىمۇ خالىغان ئادەمگە خالىغانچە ئىشەنچ كارتىسى بېجىرىپ بەرمەيدۇ، بېجىرگۈچىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسى شۇ بانكىنىڭ ئىشەنچ كارتىسىنى بېرىجىشى شەرتىگە توشۇشى كېرەك. شۇنداقمۇ يا؟
-ھەئە، راست دەيسەن، ساڭا گەپتە تەڭ كەلگىلى بولمىغۇدەك... سەن بەك سەزگۈر (ئۆتكۈر) ئىكەنسەن، ئەسلىدە سېنى ھەرگىز مۇنداق دەيدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. 
-شۇ ئەمەسمۇ، ھازىر سودىدا ئىشەنچ كېرەك، سەنمۇ ئاسانلىقچە ماڭا ئىشەنمەيسەن، مەن ئەزەلدىن سودىدا ئىشەنچنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن، ئەسلىدە سەن خېرىدارلىرىڭنى ئىشەنچ كارتىسى ئىشلىتىشكە ئۈندىسەڭ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سەن خېرىدارلىرىڭنىڭ قانچىلىك ئىشەنچ دەرىجىسىنىڭ بارلىقىغا تەخمىنىي ھۆكۈم قىلالايسەن...
-راست، دەيسەن، مەن ھەقىقەتەن كۆپ ئويلانماپتىمەن...
...
مانا قىسقىغىنە دىيالۇگ مۇشۇنداق يۈز بەردى. بەلكىم ئۇ ياق ئىشەنچ كارتىسى سۈرتۈپ پۇل تۆلەنسە، ئۆزىدىن ئازراق مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ مەندىن نەق پۇل تۆلىمەمسەن؟ دەپ سورىشىدىكى ھەقىقىي مۇددىئاسىنىڭ گەپتە سۇندۇرۇش ئىكەنلىكىدەك ئېھتىماللىقنى چوڭراق دەپ قارايمەن. 
كۆپ ئەھۋالدا ئەتراپىمىزدىكىلەر بىزنى ئۆزىدىن دۆت، كەم ئەقىل ھېسابلايدۇ، ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى «ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا!» دېگەن ئاتىلار سۆزىمۇ بىكار ئېيتىلمىغان. ئالدىراپ باشقىلارغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك، مەيلى قارىشى تەرەپ باشقا مىللەت، باشقا ئېرىق بولسۇن، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئىززەت-غورۇرىغا تېگىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ سەل قارىشىمىز سەۋەبلىك قارىشى تەرەپنىڭ ئىززەت-غورۇرىغا تېگىپ قويۇپ، ئاخىرى ئويلىمىغان كېلىپ چىقىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز كېرەك. 
ئىشەنچ بىر ئادەم ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىدىن مۇھىم، بولۇپمۇ ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە ئىشەنچنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە! 

ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەيرانلىقى ئىشەنچ (ئىناۋەت) ۋەيرانلىقىدۇر. پەقەت ھېچنېمىڭىز قالمىسىمۇ، ئەگەر باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىغان بولسىڭىزلا، يەنىلا ھاياتىڭىزدا زور مۇۋەپپەقىيەتكە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش پۇرسىتىڭىز بولىدۇ. بۇ دەل ئەينى ۋاقىتتا Adidas ماركىسىنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ قىلغان ھالدا: «ئەگەر مېنىڭ ھېچنەرسەم قالمىغان تەقدىردىمۇ، مەن مۇشۇ Adidas دېگەن 6 ھەرپكە تايىنىپ يەنە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن.» دېيەلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.
ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى ياخشى قوغداپ، باشقىلار سىزگە بەرگەن ھەر بىر قېتىملىق ئىشەنچ پۇرسىتىنى ياخشى قەدىرلەڭ. چۈنكى پۇرسەت كۆپ ئەھۋالدا قايتا كەلمەيدۇ.
دوستلىرىڭىز يارامسىز ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز، ئىشەنچ قىممىتىڭىز دوستىڭىزنىڭ سىزگە ياردەم قولىنى سونۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ ياكى سىزنىڭ ئىشەنچ قىممىتىڭىز، ئىناۋەت دەرىجىڭىز دوستىڭىزنىڭ سىزگە ياردەم قولىنى سونۇشىنىڭ قىممىتىگە توشمىغانلىقتىن، بەزىدە دوستلىرىڭىز سىزدە «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ!» دېگەن خىيالنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. 
ئەگەر سىزنىڭ ئىشەنچ قىممىتىڭىز يېتەرلىك يۇقىرى بولسا، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز ئەمەس، بەلكى ناتونۇش كىشىلەرمۇ سىزگە ياردەم قولىنى سونۇشى مۇمكىن. (بۇ كۆز قاراشنى سىز پاي بازىرىغا تەدبىقلاپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى سېتىۋالغۇچىلار دەل شۇ شىركەتكە بولغان ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسىدە يۈرەكلىك ھالدا شۇ شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىپ، شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەمدە بولىدۇ.)
دوست بەزىدە خۇددى پۇلغا ئوخشايدۇ، جىڭىمۇ بار، ساختىسىمۇ بار. ۋاقىت ئەڭ ياخشى تەكشۈرۈش ماشىنىسى بولالايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچ قىممىتىڭىزنى مەڭگۈ ئونكول قىلماڭ. بىز چوقۇم ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك ئۆز ئىشەنچ قىممىتىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. دەريادىن ئۆتۈپ بولۇپ كۆۋرۈك بۇزىدىغانلارمۇ مەڭگۈ كۆۋرۈك بۇزىۋەرمەيدۇ، بىر ئىككى قېتىم بۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغىمۇ بۇزىدىغانغا كۆۋرۈك قالمايدۇ-دە، ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىشەنچ قىممىتى ئاللىبۇرۇن ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان بولغاچقا، بۇ خىل ئادەملەرنىڭ كەلگۈسىدىكى پۇرسەت ئىشىكلىرى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئېتىلىشكە باشلىغان بولىدۇ. ئېتىلىپ قالغان پۇرسەت ئىشىكىنى قايتا ئېچىش بەسى مۈشكۈل، ھەتتا مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن زور بەدەل كېرەك، شۇڭا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يەنىلا ئۆز ئىشەنچ قىممىتىمىزنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋاقتىدا ۋاكسىنا سېلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۈندىدارىمغا بىر ئۇچۇر كېلىۋىدى قارىسام، ئەسلىدە مېنىڭ نەزىرىمدە ئىشىنىشكە بولىدىغان، ناھايىتى ئىشەنچلىك دەپ قارايدىغان بىرىنىڭ ئاتالمىشى «مۇكاپاتلىق سېتىش پائالىيىتى» ھەققىدىكى ئۇچۇرى كەپتۇ. بۇ كىشى ئىلگىرى مەلۇم بىر قېتىملىق مەبلەغ توپلاش باھانىسىدە ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ «غايەت زور پۇل تېپىش پۇرسىتى»نى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھەربىر ئادەمدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4000 يۈەن پۇل ئېلىپ، ھازىرغىچە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قارىسىنى كۆرسەتمەي يۈرىۋاتقان بىرى ئىدى. شەخسەن مەن ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق ئىشەنچنى ئونكول قىلىش قىلمىشىدىن كېيىن، ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقىغا ئوخشاش ئاتالمىشى «مۇكاپاتلىق سېتىش پائالىيىتى»گە ئىشەنمەيمەن. مانا مۇشۇنچىلىك ئاددىي، ئۇ بىر قېتىملىق ئىشەنچنى دەسمايە قىلىش بەدىلىگە ماڭا ئوخشاش قانچىلىغان ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ نەزىدىن چۈشۈپ كەتكەندۇ؟
شۇڭا، ھەرگىزمۇ ئىشەنچنى ئونكول قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ياشلىق، بايلىق، بىلىم، دوستلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىمىزدىكى مۇھىم كاپىتالىمىزدۇر، ئەمما بۇلار ھەرگىزمۇ ئەڭ مۇھىمى ئەمەس. ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم كاپىتال يەنىلا ئىشەنچ.
ئىشەنچ ئۆزئارا ۋەدە بولۇپ، بىر خىل چەكلەش كۈچىگە ئىگە قەلب پۈتۈمىدۇر.
گەرچە ئىشەنچنىڭ ھېچقانداق شەكلى (شەكىلسىز دېمەكچى) بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر قانداق قانۇنىي ھۆججەتلەردىنمۇ كۈچلۈك كۈچكە ئىگە. بىر ئىشەنچسىز ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتچىلەر سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى بەسى مۈشكۈلدۇر. ھەتتا مۇمكىن ئەمەس.
ئەلمىساقتىن ھازىرغا قەدەر ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىكى ئىشەنچنىڭ قىممىتى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ھەم ئېرىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئىشەنچ ئەڭ يۈكسەك پەزىلەتنىڭ سىمۋولىدۇر.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-يىلى ئىتالىيەدە بىر پىسئاس ئىسىملىك ياش پادىشاھلىققا خىلاپلىق قلىپ، دارغا ئېسىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئالاھىدە بىر كۈندە ئىجرا قىلىنماقچى بولغاندا، بۇ ۋاپادار يىگىت يىراقتىكى ئاپىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈپ، ئاپىسىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاپىسىدىن كەچۈرۈم سورىۋېلىش تەلىپىنى ئېيتقان. بۇ تەلەپ پادىشاھقا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىشىگە قوشۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ چوقۇم بىر ئادەم تېپىپ، ئۆزى قايتىپ كەلگۈچە ئۇنىڭ ئورنىدا تۈرمىدە يېتىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ بىر قارىماققا ئاددىي، ئەمما مۇمكىنلىقى يوق بىر شەرت ئىدى. كىممۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، باشقىلارغا ۋاكالىتەن ۋاقىتلىق تۈرمىدە يېتىشنى خالايدۇ؟ بۇ بىر ئۆزىگە ئۈلۈم تاپقانلىق ئەمەسمۇ؟ ئەمما، چەكسىز ئادەم دېڭىزى ئىچىدىن ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان بىرى چىقىپ راستىنلا باشقىلارغا ۋاكالىتەن تۈرمىدە يېتىشقا رازىلىق بىلدۈرگەن، بۇ دەل پىسئاسنىڭ دوستى دامېن ئىدى.
دامېن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، پىسئاس ئۆيىگە بېرىپ ئاپىسىنى يوقلاشقا ئاتلىنىدۇ. كىشىلەر ھەممىسى ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ تۇرۇشقان شۇ پەيتلەردە، كۈننىڭ كەينىدىن كۈنلەر ئۆتۈپ، پىسئاس تېخى قايتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ دارغا ئېسىلىش ۋاقتى توشۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان شۇ كۈنلەردە كىشىلەر دامېننى پىسئاسنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتتى دەپ غۇلغۇلا قىلىشقا باشلايدۇ. جازا ئىجرا كۈنى بىر يامغۇرلۇق كۈن بولۇپ، دامېن جازا مەيدانىغا يالاپ ئېلىپ مېڭىلغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ دۆتلىكىدىن ئۇنى مازاق قىلىشقا باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇشال بولغانلارمۇ، قايغۇرغانلارمۇ بار ئىدى. دامېن جازا مەيدانىغا كەلتۈرۈلگەندە، قىلچە قورقۇمسىزلىق بىلەن جازا سۇپىسىغا چىقىدۇ.
جازا سىگنالى بېرىلىپ، ئارغامچا دامېننىڭ بوينىغا سېلىنغان شۇ پەيتتە، يۈرىكى ئاجىز كىشىلەر قورققىنىدىن كۆزلىرىنى يۇمىۋېلىشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە دامېنغا ئېچىنسا، يەنە ھېلىقى دوستىنى سېتىۋەتكەن پىسئاسقا لەنەتلەر ئوقۇلماقتا ئىدى. ئەمما، دەل شۇ پەيتتە، چىلىق-چىلىق يامغۇردا پىسئاس ئۇچقاندەك يۈگرەپ كېلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا: مەن قايتىپ كەلدىم، مەن قايتىم كەلدىم! دەپ ۋارقىرايدۇ.
بۇ پەيت ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر چۈش كۆرگەن ياكى رىئاللىقتا ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ. بۇ خەۋەر پادىشاھقا يەتكۈزۈلگەندە، پادىشاھ بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەي، جازا مەيدانىغا ئۆزى كېلىپ، ئۆز كۆزى بىلەن بۇ ۋاپادار يىگىتنىڭ قىلمىشىدىن قاتتىق تەسىرلىنىدۇ-دە، ئۆز قولى بىلەن پىسئاسنىڭ بوينىدىن ئارغامچىنى بوشىتىۋېتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىدۇ.
نەق مەيداندا، پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئىشەنچ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئىشەنچ بىلەن مەملىكەتنى باشقۇرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ ھەمدە پىسئاسنى ئەدلىيە ئامبىلى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. دامېننى بولسا قائىدە-يۇسۇن ئامبىلى قىلىپ، پادىشاھنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەمدە بولۇشقا تەيىنلەيدۇ.
پادىشاھ ئۆز دۆلىتىدە مۇشۇنداق خەلقنىڭ بولغانلىقىدىن پەخرلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ بۇ ئىككى خادىمنىڭ چوقۇم دۆلەتنىڭ كېيىنكى ئىشەنچ بىلەن باشقۇرۇلۇپ، ئىدارە قىلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ ئىككى كىشى ئامباللىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىشەنچ بىلەن مەملىكەتنى باشقۇرۇپ، ئىتالىيە تارىخىدا ئەڭ شانلىق دەۋر يارىتىدۇ.
بۇ دەل ئىشەنچنىڭ كۈچى، مەيلى بىر ئادەم ياكى بىر تەشكىل بولسۇن ۋەياكى بىر دۆلەت بولسۇن، ئىشەنچ ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغاندا، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى