ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ "ئېنتېرنېت +" ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى

لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ "ئېنتېرنېت +" ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى

ۋاقتى: 2016-06-24 ئاۋاتلىقى: 10268 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ "ئېنتېرنېت +" ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى
تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

2015-يىلى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، لى كېچىياڭ زۇڭلى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا: گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھالىتى رىقابەتنىڭ يۈكسەك پەللىسى. يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر، ئۇچۇر تورى، بېرىكمە توك يولى، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى، يېڭى ماتېرىيال، بىئو تېببىي-دورا، ئاۋىئاتسىيە ماتورى، تەبئىي گازلىق ماشىنا قاتارلىق چوڭ تۈرلەردە، بىر تۈركۈم گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى ئاساسىي كەسىپ قىلىش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.


"ئېنتېرنېت +" ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققاندا، كۆچمە ئېنتېرنېت تورى، بۇلۇت ھېسابلىشى، چوڭ مەلۇمات، ماددا تورى قاتارلىقلار بىلەن ھازىرقى زامان ياساش كەسپىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سانائەت ئېنتېرنېت تورى ۋە ئېنتېرنېت تورى پۇل-مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنتېرنېت كارخانىلىرىنى خەلقئارا بازارغا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
دۆلەت ئاللىبۇرۇن 40 مىليارد يۈەنلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى يېتەكچى فوندىنى قۇردى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ غەملەپ، كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا ياردەمچى كۈچ بېرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ما خۇاتېڭ "ئېنتېرنېت +" دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن
ئېنتېرنېت ساھەسىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما خۇاتېڭ شۇ قېتىملىق ئىككى يىغىندا تۆت تۈرلۈك لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دەل "ئېنتېرنېت +" لايىھەسىمۇ بار ئىدى.
ما خۇاتېڭ تەكلىپ بېرىپ، چوققا قاتلام لايىھە يۈزىدىن دۆلەتنىڭ "ئېنتېرنېت +" تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، "ئېنتېرنېت +"نىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ كۆرسەتمە پىكىرىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنتېرنېت ۋە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ بىرىكمە يېڭىلىق يارىتىشىنى تېزلىتىپ، تېخنىكا، ئۆلچەم، سىياسەت قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئېنتېرنېت بىلەن ئەنئەنىۋى ساھەلەرنى تولۇق ئۇلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ئېنتېرنېت تورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ما خۇاتېڭ تەكلىپ بېرىپ، چوقۇم بازار ئىجازىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئارا ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، بىرلەشمە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، بىرىكمە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى بولغان سىياسەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش پىرىنسىپى ئاستىدا تەدرىجىي ھالدا يېڭىچە مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، يېڭى شەيئىلەرگە تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە بوشلۇقى بېرىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى، ئۈندىدارنىڭ تۈرتكىسىدە 95 مىليارد 200 مىليونلۇق ئۇچۇر ئىستېمالى يارىتىلغان بولۇپ، بۇ 2014-يىللىق جۇڭگو ئۇچۇر ئىستېمالى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %3.4 گە تەڭ بولۇپ، 10 مىليون 70 مىڭ ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پەرەزگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى يىل ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈندىدارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇچۇر ئىستېمالى 142 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

"ئېنتېرنېت +" گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
جۇڭگۈەنسۈننىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئېنتېرنېت تورى كەسىپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى جاڭ جىيەننىڭ مۇخبىرغا "ئېنتېرنېت +" نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۆتمۈشتە بولۇپ باقمىغان مۇھىملىققا ئىگە، ھەمدە "يېڭى بىر تۈركۈم گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى ئاساسىي كەسىپ قىلىش" زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكىلاتىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
جاڭ جىيەننىڭ مۇنداق بىلدۈرگەن: "12-بەش يىللىق" پىلانى ئاخىرلىشىش يىلىدا، ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇن بىر قانچە چوڭ ئىستراتېگىيە خاراكتېرىگە ئىگە گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئەمما ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگىنى "يېتىشتۈرۈپ چىقىش" ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى، بولۇپمۇ كۆچمە ئېنتېرنېت تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، بۇلۇت ھېسابلىشى، چوڭ مەلۇمات، ماددا تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سىڭىپ كىردى. بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇرۇش قاتارلىق خەلققە قولايلىق ساھەلەر شۇنىڭدەك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ياساش كەسىپلىرى قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك بولدى. كومپيۇتېر ئېنتېرنېت دەۋرىنىڭ كۆچمە ئېنتېرنېت دەۋرىگە تەرەققىي قىلىشى، ئېنتېرنېت تورى تېخنىكىسى ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى بىرىكتۈرۈش تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە.
جاڭ جىيەننىڭنىڭ قارىشىچە، "12-بەش يىللىق" پىلان ئۇچۇر تېخنىكىسى ئاساسىدا، بۇ قېتىملىق زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكىلاتىدا "ئېنتېرنېت +" ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، دەل مەزكۇر يېڭى ئىستراتېگىيە يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئەنئەنىۋىي كەسىپلەرنى "ئىكولوگىيەلىك بىرلەشتۈرۈش"تەك يېڭىچە نىشان بېكىتكەن ئىكەن.
ئەسلى مەنبە:
http://tech.china.com/news/net/156/20150310/19365177.html
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى