ئۇيغۇرلاردا كىتاب نەدە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى نەدە؟
-
ئۇيغۇرلاردا كىتاب نەدە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى نەدە؟
ۋاقتى: 2016-11-02 ئاۋاتلىقى: 10632 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۇيغۇلاردا كىتاب نەدە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى نەدە؟ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
خەۋەر مۇنداق بېرىلگەن:
مۇشۇ ھەپتە چارشەنبە كۈنى سەھەر، گۇگۇل شىركىتى Play Store دا ئىككى پارچە كىتاب ئېلان قىلدى. بۇ كىتابلارنىڭ ھازىرقى بازاردا بار بولغان كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق كىتاب (يەنى قەغەز باسما كىتابنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نەشرى)قا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، گۇگۇل شىركىتى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى مەڭگۈ بېسىپ چىقارغىلى بولمايدۇ.
گۇگۇل شىركىتىنىڭ يېڭىلىق تەجرىبىخانىسى بىلەن لوندوندىكى نەشرىياتچىلىق ئورنى Visual Editions ھەمكارلىشىپ، مەخسۇس ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە پەدلەر ئۈچۈن كىتاب ئېچىپ چىقماقچى بولغان. بۇ تۈر Editions at Play پىلانى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، گۇگۇل شىركىتى بۇ تۈرنى «بېسىپ چىقارغىلى بولمايدىغان كىتاب تەجرىبىسى» دەپ ئاتىغان. بۇ دېيىلمىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى تېخى ھازىرغىچە بېكىتلمىگەن.
بۇ تۈر بىر يېرىم يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق پاراڭلىشىشتىن كېلىپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا گۇگۇل يېڭىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى زادى نېمە ئامىلىنىڭ بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى كىتاب ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. «بىز دەسلەپتە كىتاب بېتى ھەققىدە ئويلاندۇق. ئەگەر قەغەزنى قاتلاپ باشقىلارغا بەرسە، بىز بۇنى كىتاب دەپ ئاتايدىكەنمىز. ئەگەر بۇ پەقەت بىر پارچە يېزىق بولغان چاسا قەغەز بولسا، ئۇ ھالدا بىز ئۇنى كىتاب دەپ ئاتىمايمىز.» دەيدۇ گۇگۇل يېڭىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى T.L. Uglow سۆھبەت جەريانىدا.
-------
سۆزۈمگە قايتىپ كەلسەم، ئەلۋەتتە ھەممە ئادەمنىڭ بۇنداق ئەنسىرىشى ناتايىن، ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ خىل يېڭىلىقنى تېزلا قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ئەمما زور بىر تۈركۈم ھېسابلانغان ئومۇمىي خەلقنىڭ قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلىشىغا بەلگىلىك ۋاقىت ۋە جەريان كېتىشى ئېنىق. بۇ قېتىملىق يازمام گەرچە نىسبەتەن چاچما ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمما ئۈمىدىم شۇكى، خەلقىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، كونىلىققا زىيادە ئېسىلىۋالماي، كونىنىڭ ياخشى تەرىپىنى ساقلاپ قېلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى بىلەن بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقنىڭ قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
تۇرۇپلا بۇ ھەقتە ئويلاپ قالدىم. بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز، بولۇپمۇ تور ئىشلىرىدىكى تەرەققىياتىمىز ئاساسەن باشقا تەرەققىي قىلغان ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ تور ئىشلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە خەنزۇ مىللىتىدىن قالسىلا نىسبەتەن ئالدىدا مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ قوبۇل قىلىش ئېڭى يەنىلا تەرەققىياتقا يېتىشىپ بولالمايۋاتىدۇ. مەن بۇ قېتىم ئاساسلىقى كىتاب ھەققىدە توختالماقچى.
ئۇيغۇرچە توردا كىتاب ئوقۇش (在线阅读) سۇپىسىنىڭ بولۇشى مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئارزۇيۇم بولغاچقا، ھەمىشە بىزنىڭمۇ خەنزۇلاردەك توردا كىتاب ئوقۇيدىغان تور بېكەتلىرىمىز ياكى سۇپىلىرىمىز بولسا نېمىدېگەن ياخشى دەپ ئويلايتتىم. ئەمما بۇ ئارزۇ مېنىڭ قەلبىمگە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرگىنىگىمۇ 10 يىل بولاي دەپ قاپتۇ. ئەمما تا ھازىرغىچە توردا كىتاب ئوقۇيدىغان بىرەر سۇپا ۋۇجۇدقا كەلمىدى. گەرچە بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئالماس شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن «ژۇرنال» ناملىق توردا ژۇرنال ئوقۇيدىغان سۇپا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دېگەندەك ئېتىراپقا ئېرىشەلمىدى ياكى تەرەققىي قىلمىدى.
ئارزۇ قەلبىمگە ئورنىغىنىغا 10 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مەن قۇربىمنىڭ يار بېرىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆز ئىدىيەم بويىچە ئويلىغانلىرىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرى ئويلىغانلىرىمنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسى ھېسابلانغان يانكىتاب تورى (www.yankitab.com)نى قۇرۇپ چىقتىم. گەرچە بۇ دەسلەپكى لايىھە قۇرۇلمىسىنى پىلانلاپ، مۇستەقىل كود يېزىپ ئېچىپ چىقىش، ئۇنى دەسلەپكى قۇرۇلما ھالىتىگە كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ناھايىتى زور بەدەل تۆلىگەن بولساممۇ، ئەمما دىلىمغا ئورناپ كەتكەن ئاشۇ ئارزۇ-ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنى ئاخىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىمدىن بىر خىل سۆيۈنەتتىم.
ھازىرقى تور تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان، مىللىتىمىزنىڭ تور تېخنىكا ئىشلىرىمۇ ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ تور ئىشلىرى بىلەن ئاساسەن ماس قەدەملىك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋردە، بىر يېڭى سىستېمىنى قۇرۇپ چىقىش مەنچە قىيىن بولمىسا كېرەك، بولۇپمۇ تۇنجىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش تىپتىكى سىستېمىلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ مۇستەقىل ئېچىپ چىققان يانكىتاب تورىدىن ئىبارەت بۇ كىتاب ئوقۇش سىستېمىمىز بەلكىم باشقىلارغا قېلىپ ئەندىزىسى، پايدىلىنىش ئۇچۇرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بىر سىستېمىنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇپ ماڭدۇرۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىشى ناتايىن. بۇ خۇددى تاۋباۋ تورىنى ما يۈن قۇرۇپ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرى ۋۇجۇدقا كەلمىگەندەك، ئۈندىدار تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئىمپېرىيەسىگە ئايلىنىپ، ئەلى بابا بۇ جەھەتتە قايتا-قايتا مەغلۇب بولغاندەكلا ئىش.
يانكىتاب تورىنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن يولۇققان بىر قانچە مەسىلە مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.
بىرىنچى، خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدا كىتاب دېگەن بۇ ئۇقۇم پەقەت نەشردىن چىققان قەغەز نۇسخىدىكى كىتاب ۋە نەچچە يىللاردىن بىرى تورلاردا ئومۇملىشىپ قالغان PDF نۇسخىدىكى كىتاب دېگەن ئاڭدىلا توختاپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنىش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا PDF ئېلكىتابچىلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ، بۇ ھەقتە ئەمەلىي ئىزدىنىپ، «ئېلكىتاب» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە PDF فورماتىكىدىكى كىتابلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقىنىمدىن ئۆزۈمچە پەخرلىنىپ قالدىم. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مەخسۇس PDF فورماتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۇدا 6 ئاي ماتېرىيال كۆرۈپ، قايتا-قايتا سىناق قىلىپ كۆرمىگەن بولسام (ئىزاھات: مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا PDF دېگەن بۇ ئۇقۇم ئەمدىلەتىن خەنزۇچە ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، ياخشى بولغان PDF كە ئايلاندۇرۇش دېتالى يوق ئىدى. ھازىرقىدەك Office نىڭ ئۆزىدىلا PDF كە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان ئىشلار ياكى باشقا بىر قىسىم ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قولايلىق بولغان PDF ئىشلەش دېتاللىرىنى تاپقىلى بولمايتتى.) خەلقىمىزنىڭ PDF كە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە كېچىكىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. مانا ھازىر يانكىتاب تورىنى قۇرۇپ، نەشرىياتلار ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ بولالمىغان كىتابلارنى ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىپ، يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىپ توردا ئوقۇشقا تەمىنلىگىنىمدە بولسا، خەلقىم بۇ كىتابلىرىڭ قەغەزچە ئەمەسكەن، PDF نۇسخىسىنى تەمىنلەپ بەرمەيدىكەنسەن دەپ مەندىن قاقشاپ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مېنى تىللاپ يۈرگىنىنى كۆرگىنىمدە، خەلقىمنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئىچىم قاتتىق ئاچچىققا تولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ پۈتۈن خەلقىم بۇ ئىشلارنى قوللىمىدى، قوبۇل قىلمىدى دېگەنلىك ئەمەس. يانكىتاب تورى ئېلان قىلىنىپ ھازىرغا قەدەر بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، مەن ئېرىشكەن ئىنكاسلاردىن %70 كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشتىن سۆيۈنگەنلىكى ۋە قوللايدىغانلىقى، پەقەت %30 ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇنى قوبۇل قىلالماي، ئۇلارنىڭ ئېڭىنىڭ يەنىلا شۇ قەغەزچە نەشردىن چىققان كىتابلار بىلەن PDF نۇسخىدىكى كىتابلار ئۇقۇمىدىلا توختاپ قالغانلىقى ئايدىڭ بولدى.
خۇددى خەلقىمىزنىڭ پەخرلىك كارخانىچىسى كېرەم ئاتۇش ھاجىم ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ زامانىسىدىكى كىتابلاردا دۇنيانى چېكى يوق دەپ ئۆگەتكەن بولسا، ھازىر بىزنىڭ زامانىمىزدا بولسا پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن دۇنيانى «كىچىك بىر كەنت» دەپ ئۆگىتىدىغان بولدى. بۇنىڭ ھەممىسى ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىزمۇ كىتاب ھەققىدىكى ئېڭىمىزنى پەقەت ئاشۇ نەشردىن چىقىۋاتقان قەغەز شەكىلدىكى كىتاب ۋە نىسبەتەن ئومۇملاشقان PDF شەكىلدىكى كىتاب ئۇقۇمىدىلا توختىتىپ قويماي، چوقۇم پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچىدىن، خەلقىمىزنىڭ ئۈندىدارغا بانكا كارتىسىنى باغلىماسلىق سەۋەبىدىن كىتاب سېتىۋالالماسلىق مەسىلىسى ئىدى. بۇ مەسىلە ئاساسلىقى ئىككى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان، بىرى خەلقىمىز ئىسىم ۋە فامىلە ئوتتۇرىدىكى چېكىت مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىقتىن كارتىنى ئۈندىدارغا ئوڭۇشلۇق باغلىيالماسلىق، يەنە بىرى بولسا خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدا بانكا كارتىسىنى ئۈندىدارغا باغلىسا زادى بىخەتەر بولامدۇ يوق دېگەن ئىككىلىنىش سەۋەبلىك باغلاشنى خالىماسلىقتىن كېلىپ چىققان.
ئالدىنقى مەسىلىگە قارىتا، ئادەتتە، ئايفون يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار بەيدۇ كىرگۈچىنى ئىشلەتكەن بولسا، شۇنىڭدىكى چېكىت ئۆلچەملىك چىقىدىغان بولۇپ، شۇ بويىچە ھەل قىلسا بولىدۇ، ئەمما ئاندرويىد سىستېمىلىق يانفونلاردا بۇ چېكىت ئۆلچەملىك بولمىغاچقا، ئادەتتە بانكا كارتىسىنى ئۈندىدارغا باغلاش ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. شۇڭا ئادەتتە كومپيۇتېردا ئىسىمنى يېزىۋېلىپ، شۇنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
ئادەتتە ئىسىم ۋە فامىلە ئوتتۇرىسىغا كېلىدىغان چېكىت « · » مۇشۇ بولۇپ، ئەگەر مۇمكىن بولسا مۇشۇ چېكىتنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ؛ كېيىنكى ئەنسىرەش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەنچە خەلقىمىزنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىشى ھاجەتسىز، ئۈندىدارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكەن بولغاچقا، نەچچە يۈز مىليون ئادەم كارتىسىنى ئۈندىدارغا باغلاپ مەسىلەن چىقمىغان يەردە بىزنىڭ ئەنسىرەپ ئولتۇرىشىمىز ھاجەتسىز، شەخسەن مەن ئۈندىدارغا كارتا باغلاش يولغا قويۇلغاندىلا كارتامنى ئۈندىدارغا باغلاپ ئىشلەتكەندىن بۇيان قىلچىمۇ مەسىلە كۆرۈلۈپ باقمىدى. شۇڭا خەلقىمىزنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىش ھاجەتسىز. خاتىرجەم باغلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
ھازىرقىدەك ھەممە ئالدىراش بولۇپ كەتكەن، ۋاقىت كۈنسېرى قىس بولىۋاتقان، بىرەر ئىككى سائەت بەخەرامان ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇغۇدەك پۇرسەت بولمايدىغان، ھەممىمىز يانفوندىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان، «تىرىك جەسەت» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان كۈنلەردە، چوقۇم پارچە-پۇرات ۋاقتىمىز (碎片化时间)دىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇنداق ۋاقىتتا ئەنئەنىۋىي شەكىلدىكى قەغەز كىتابلارنى ياندا ئېلىپ يۈرۈپ ئوقۇش بىئەپ ياكى قولايسىز بولۇپ قالىدۇ ئەلۋەتتە.
بۇ ۋاقىتتا يانفوندا كىتاب ئوقۇش ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كوچا ئابتۇبۇسلىرىدا ئولتۇرغاندا، كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويۇپ باشقىلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن كېچىكىپ قالسا ئۇلارنى ساقلاۋاتقىنىمىزدا، لېفىن ساقلاۋاتقىنىمىزدا يانفوننى ئېلىپلا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئاشۇ تېتىقسىز، ئەھمىيەتسىز ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىمىزدا كىتاب ئوقۇساق، ئۆزىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتسەك بۇ نېمىدېگەن ئېسىل ئىش ھە؟ جاھان تەرەققىي قىلىپ بۇ خىل ئەھۋال شەكىللەنگەندە، بىز ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي يانفوندا كىتاب كۆرۈش ئېھتىياجىمىزنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇڭا ھازىر خەنزۇچە داڭلىق تور بېكەتلەر مەسىلەن: بەيدۇ، تېڭشۈن، ۋاڭيى، داڭداڭ، ئەلى بابا، شىياۋمى، جىڭدۇڭ دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى زور مەبلەغ سېلىپ توردا كىتاب ئوقۇش سۇپىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئەمما خەلقىمىزنىڭ ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈنۈمى بەك تۆۋەن ياكى يوق دېيەرلىك بولۇپ قالدى. دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققان يانكىتاب تورى ئەسلىدە خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما خەلقىمىزنىڭ توردا كىتاب ئوقۇشقا بولغان تونۇشىنىڭ ئايدىڭ بولماسلىقى ۋە ئەنئەنىۋى كىتاب ئۇقۇمىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەقتە كۈتمىگەن قىيىنچىلىقلار بىزنى كۈتىۋالدى ۋە كۈتىۋېلىۋاتىدۇ.
ئەلۋەتتە، يانكىتاب تورىنىڭ باشقىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم كىتابخۇمار، كىتاب سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، باشقىلار سۈيۈنچە (قىزىل بولاق) ئويناپ، ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈستىدە ھەلەك بولىۋاتقاندا، ئۇلار ئەتراپىدىكىلەرگە كىتاب سوۋغا قىلىپ، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.
مەملىكەت مىقياسىدا كىتاب ئوقۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، لى كېچىياڭ زۇڭلىدىن باشلاپ «ھەممە كىتاب ئوقۇشقا ئاتلىنىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلايلى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان، يەنە زۇڭلى ھەرۋاقىت پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئىنتېرنېت +» پىلانىنى يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، بىزمۇ دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زۇڭلىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزگە قولايلىق شەرت-شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە تولۇق ماسلىشىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
مەن بۇ يەردە خەلقىمنىڭ توردا كىتاب ئوقۇشقا بولغان تونۇشىنىڭ بالدۇرراق ئۆسۈشىگە، نادىر كىتابلاردىن بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق بەھرىمان بولۇشىغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن ھەم بۇ ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-05-21 13:24:396669[كۆچۈرۈلمە] ئەدەبىي تەرجىمە توغرىسىدا
2015-05-19 00:51:386862ئۇيغۇرلاردا كىتاب نەدە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي
2016-02-11 01:17:3410632ما يۈننىڭ ستەنفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇ
2016-08-29 16:28:201302يانكىتابنىڭ قۇرغۇچىسى-ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
2016-07-31 16:15:142786مۇنەۋۋەر كىشىلەر كۆپ، ئەمما ئورنىغا باشقىلارنى د
2015-10-31 04:36:229938يىغلايمۇ يا كۈلەيمۇ؟ (ئەمەلىيەتتە قەلبىم يىغلىدى
2015-05-18 23:45:437040مىللىتىمىز ئىچ ئاغرىتىش دەرىجىسىگە باردىمۇ؟
2015-06-07 15:05:257393
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-