شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ستېۋ جوبستىن كېيىنكى دۇنيانى ئۆزگەرتكۈچى: ئېلون ماسك
-
ستېۋ جوبستىن كېيىنكى دۇنيانى ئۆزگەرتكۈچى: ئېلون ماسك
ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 8526 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ستېۋ جوبستىن كېيىنكى دۇنيانى ئۆزگەرتكۈچى: ئېلون ماسكتەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
ئۇ بىر ئېنژىنېر، لايىھەچى، ساخاۋەتچى، ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە Paypal شىركىتى (چەتئەلنىڭ ئەڭ داڭلىق توردا پۇل تۆلەش شىركىتى)، SpaceX شىركىتى (ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى)، تېسلا (Tesla) ۋە SolarCity شىركىتى (قوياش ئېنېرگىيەسى شىركىتى) قاتارلىق تۆت چوڭ شىركەتنىڭ CEO دۇر، ئۇ دەل ئېلون ماسك--يەنە بىر ئاغدۇرمىچى، دۇنيانى ئارقىسىدا قالدۇرغۇچىدۇر.
سىتانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئىگىلىك تىكلىگىنىدىن ھازىرغىچە 20 يىل بولمىغان، ساناقسىز گۇمانىي قاراشلارغا دۇچ كەلگەن، ئۇنىڭ شىركىتى كۆپ قېتىم ھايات-ماماتلىق دوقمۇشىدا نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشقا دۇچ كەلگەن، ئەمما ئۇ مەغلۇب بولۇپ باقمىغان گىگانىتتۇر.
دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلى
1999-يىلى ماسك باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ X.com دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەتنى قۇرۇپ، مەخسۇس پۇل-مۇئامىلە ۋە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، X.com شىركىتى بىلەن Confinity شىركىتى بىرلىشىپ، يېڭىدىن PayPal دېگەن ئىسىمنى قوللىنىدۇ.
PayPal نىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئېلېكتىرونلۇق سودا گىگانىتى eBay نىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەڭ ئاخىرى eBay شىركىتى 2002-يىلىغا كەلگەندە، 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل بىلەن PayPal شىركىتىنى سېتىۋالىدۇ. ماسك بۇ قېتىملىق سودىدىن 165 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەپكە ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 31 ياشتا ئىدى.
مىليادېرغا ئايلانغاندىن كېيىن، ماسك داۋاملىق ئىگىلىك تىكلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەمدە ئىككى ساھەنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نىشانى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ ئىككى ساھە: ئېنېرگىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدى.
ئەڭ داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا شىركىتى
ماسك ئىلگىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئالىي مەكتەپتە فىزىكا كەسپىنى ئوقۇغاندا، مەن نېمىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپ ئويلىناتتىم، بىرىنچىسى: ئىنتېرنېت، ئىككىنچىسى: داۋاملىشىشچان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال. ئەلۋەتتە يەنە بىرى بولسا تاشقى پىلانتقا كۆچۈش ئىدى.» دېگەن.
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، Tesla ئوڭۇشلۇق ھالدا پېيىنى بازارغا سېلىپ IPO نى تاماملاپ، جۇغلىغان ساپ مەبلىغى 184 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ھەمدە ناسداق ئاكسىيە بازىرىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بازارغا چىققان.
Tesla يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا TeslaModel S ۋە Tesla Model X بىر يۈرۈش قالتىس ماشىنا تىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ھەتتا چەتئەل تاراتقۇلىرى Tesla نى ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا ساھەسىدىكى iPhone دەپ تەرىپلەشمەكتە.
ماسك 2015-يىلى يىل ئاخىرىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، Tesla يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن تولۇق ئاپتۇماتىك يۈرەلەيدىغان ماشىنىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ دەپ بىلدۈرگەن.
كېيىنكى نىشانى نېمە؟
SolarCity شىركىتى ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى ئېنېرگىيە شىركىتى بولماستىن، ئۇ Tesla بىلەن بىرلىكتە ماسكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئارزۇسىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسى ئىدى. 2009-يىلى، SolarCity شىركىتى ياساپ چىققان تۇنجى تۈركۈمدىكى 5 جايدىكى قالتىس توك قاچىلاش پونكىتى سان فىرانسىسكودىن لوس ئانژېلېسقىچە بولغان ئارىلىقتىكى 101 كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا ئىشلىتىشكە كىرىشىپ، Tesla ماشىنا ئىگىدارلىرىنىڭ ھەقسىز توك قاچىلىشىغا تەمىنلەنگەن.
شۇنىڭدىن باشلاپ، ماسك قۇرۇپ چىققان يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قۇرۇلۇش پىلانى دۇنيا خەلقىگە ئاشكارىلاندى.
2012-يىلى 12-ئايدا پاي بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان، SolarCity شىركىتىنىڭ پايچېكى 8 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئىزچىل ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 90 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى.
ماسكچە ئىدىيە--قالتىس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى
ئەمەلىيەتتە، تۇنجى قالتىس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۇرۇبىسى ئاللىبۇرۇن تەييارلانغان بولۇپ، ماسك ئۇنى قوراشتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇ Hyperloop Technologies بويىچە يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا لاس ۋىگاسنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شىركەت 3 ئىنگلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتا سىناق رىلىس تەييارلىغان بولۇپ، 2016-يىلى يىل ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن.
Hyperloop Technologies نىشانى، 2020-يىلىدىن ئىلگىرى يۈرۈش سۈرئىتىنى ھەر سائەتلىكى 540 كىلومېتىرلىق قالتىس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى قۇرۇپ چىقىشتۇر.
SpaceX: ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىغا قاراپ تۇنجى قەدەمنى ئېلىش
ماسكنىڭ بىر داڭلىق سۆزى بار. ئۇ «مارستا ئۆلۈپ كېتىش ناھايىتى قالتىس ئىش.» دەيدۇ. ئۇ تەننەرخى ئەرزان ھەم ئىشەنچلىك بولغان راكىتانى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا بەل باغلاپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ئەمما ئىشلار ھەرگىزمۇ ئۇ ئويلىغاندەك ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. 2006-يىلى، 2007-يىلى ۋە 2008-يىلى، SpaceX شىركىتى ئۇدا 3 قېتىم «ئوۋچى بۈركۈت» ناملىق راكىتانى سىناققا ئۇچۇرۇپ مەغلۇب بولۇپ، شىركەت ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەبلىك ماسكنىڭ تۇنجى نىكاھى ئاخىرلىشىدۇ.
2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، «ئوۋچى بۈركۈت 1-نومۇر» ناملىق راكىتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رىلىسقا كىرىپ، ماسك ئۈمىد ئۇچقۇنىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ماسك SpaceX شىركىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، داۋاملىق ھالدا «ئوۋچى بۈركۈت 9-نومۇر» ۋە «ئوۋچى بۈركۈت ئېغىر تىپلىق» راكىتانى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. ئەمما بۇ بىر قانچە يىل ۋاقىت ئىزچىل ھالدا مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ كېسىشمە دوقمۇشىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 20:33 ئۆتكەندە، Falcon 9 راكىتا ئۇچۇرۇلدى. مەزكۇر راكىتا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇچۇرۇلۇپ بىرىنچى راكىتانى ئوڭۇشلۇق ھالدا قايتۇرۇپ كېلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىغا نىسبەتەن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىشتۇر.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، SpaceX ئادەم قاچىلانغان «ئەجدىھا ئۇچار كېمىسى»نى ھاۋادا توختىتىش سىنىقى ئېلىپ باردى. ئەگەر بارلىق ئىشلار پىلان بويىچە بولسا، 2017-يىلى ئوۋچى بۈركۈت 9-نومۇرلۇق راكىتا ئەجدىھا ئۇچار كېمىسىنى ئېلىپ ئۇچقۇچىلارنى خەلقئارالىق بوشلۇق پونكىتىغا يەتكۈزىدۇ.
يېقىندا بىر قېتىملىق زىيارەتتە، ماسك: «ئىنسانلارنى مارسقا چىقىرىش ۋەزىپىسى تەخمىنەن 2025-يىلى باشلىنىدۇ.» دەپ بىلدۈردى. بۇ بەكلا ئالدىراپ كەتكەنلىكمۇ قانداق دەپ سورالغاندا، ماسك: «9 يىل مەن ئۈچۈن يېتەرلىك.» دەپ جاۋاب بەرگەن. ماسك يەنە 4~5 يىلدا «ئەجدىھا ئۇچار كېمىسى»گە ئولتۇرۇپ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا چىقىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
«پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىش» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى؟
ماسك بىلەن خاۋكىڭنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، بۇ ئىككەيلەن «تارقاق بىرلەشمىسى» ناملىق تەشكىلاتقا قاتناشقان بولۇپ، بۇ بىرلەشمە سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىغا نىسبەتەن ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئېھتىيات قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولغۇچىلار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىغا نىسبەتەن ۋەھىمىدە قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان.
ماسك ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ يۇشۇرۇن خەۋپىگە بولغان قارىشىنى يۇشۇرمايدۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئىدراكى سىڭدۈرۈلگەن ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. 2014-يىلى، ئۇ تىۋىتېردا مىكروبىلوگ يوللاپ، «سۈنئىي ئىدراك بەلكىم يادرو قورالىدىنمۇ خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن!» دەپ يازغان.
ئاخىرقى سۆز:
ئۇ چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىدىغان، چوڭ گەپ قىلىدىغان، يۇمۇرىستىك، ئادىمىيلىكى روشەن تالانت ئىگىسى بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «كېيىنكى ستېۋ جوبس» دەپ تەرىپلەنمەكتە. ئۇ مۇسابىقە ماشىنىسىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ. ناھايىتى ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىگىلىگەن، ۋوللىۋورد تۇرمۇشىدىن ھوزۇرلىنىدىغان، كىشىلەر تەرىپىدىن «رىئاللىقتىكى پولات پالۋان» دەپ تەرىپلەنگۈچىدۇر. ئۇ سودا تالانت ئىگىسى، يەنە كېلىپ ئېنژىنىر ۋە مەھسۇلات لايىھەچىسى، ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىكلىكى، يىراقنى كۆرەرلىكى، ئۆزلۈكسىز ھالدا ئىنسانلارنىڭ يېڭىچە ئۇپۇق سىزىقىنى ئىزدەشلىرى بىلەن «21-ئەسىردىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرگۈچى» دېيىلمەكتە. ئېلون ماسك ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكۈچى بولۇپلا قالماي، ئۆزلۈكسىز ھالدا ئەنئەنىۋىي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ھازىر ئىنسانلار كەلگۈسى تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يېزىۋاتقۇچىدۇر. ئۇ بىر ئاددىي پۇقرالارنىڭ دۇنيا قارىشىغا تەسىر كۆرسەتكۈچىدۇر، ئۇ تارىختا بولۇپ باقمىغان غايە ئوبراز ۋەكىلىدۇ. ---«ئېلون ماسكنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
چىڭگىزخاننىڭ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى كارخانا باشقۇ
2015-06-07 14:19:356667ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرماڭ
2015-06-07 14:38:456360ھازىرقى بازار ئىگىلىكىدە ئابونت سانى نېمىدىن دېر
2015-05-19 00:06:3858422016-يىللىق خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تېمىسى
2016-02-21 14:51:047574جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان 1-پارچە خەت (1)
2015-06-23 12:25:266933سىزدە \"ھاۋالە ئىدىيەسى\" بارمۇ؟
2015-05-19 01:06:007388خىزمەت ئۈنۈمى قانداق بولۇشى كېرەك؟
2015-06-23 11:52:326051بلوگ مەدىنىيىتى دېگەن نېمە؟
2015-06-07 15:00:356377
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-